كانادالىقلارنى چۆچۈتكەن ئىختىسادىي ئالدامچىلىق

كانادا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىسادىي ئالدامچىلىق دېلوسىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ ئالدامچىلىق دېلوسىنى خىتايدىن كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، تاڭ ۋېيجەن ئىسىملىك بىر نەپەر خىتاي سادىر قىلغان بولۇپ، ئۇ كانادا، ئامېرىكا، خىتاي، سىنگاپور ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى 300 گە يېقىن مەبلەغ سالغۇچىنىڭ 600 مىليون كانادا دوللىرىنى يوقىرى نىسپەتتە پايدا بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ ئالداپ ئېلىۋالغان.

0:00 / 0:00

تاڭنىڭ ئالدامچىلىق ئۇسۇلى ۋە ئۇ قولغا كەلتۈرگەن مەبلەغنىڭ كۆپلۈكى كانادالىقلارنى چۆچۈتتى. كانادا مەتبۇئاتلىرى تاڭنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان سىرلىق مۇناسىۋىتىنى ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ پەردە ئارقىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.