بۇ ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەردە پىكىر بىلدۈرۈشىدۇر. مىكېين بىلەن ئوبامانىڭ خېتى ئامېرىكا - خىتاي سودا جەمئىيىتىنىڭ ئۆكتەبىردە نەشر قىلىنىدىغان ژورنىلىدا ئېلان قىلىنماقچى.
ئامېرىكىنىڭ نويابىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان دېموكراتلار پارتىيىسى پرېزىدېنت نامزاتى باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزىدېنت نامزاتى جون مىكېين ئامېرىكا - خىتاي سودا جەمئىيىتىگە ئايرىم ئايرىم خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلسا خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتىنى بولۇپمۇ سودا، پۇل - مۇئامىلە، بىخەتەرلىك، مۇھىت ۋە ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىدىكى رىقابەت كۈچىگە دائىر قاراشلىرىنى تونۇشتۇردى. خەت ئامېرىكا - خىتاي سودا جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەنە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ 10 - ئايدا چىقىدىغان ئورگان ژورنىلىغا بېسىلىشى مۇمكىن. ھەر ئىككى نامزات خېتىدە خىتاينىڭ پۇقرالار ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا دائىم ئىختىلاپ يارىتىۋاتقان سودا، پۇل مۇئامىلە، ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى، بىخەتەرلىك، مۇھىت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور مەسىلىلەر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ساھەدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا خىتاي ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىختىلاپلارنىڭ بىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا قىزىل رەقىمى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ 2007 - يىلدىكى سودا قىزىل رەقىمى 256 مىليارد دوللارغا يەتكەن ئىدى. سودىدىكى قىزىل رەقەمنى تەڭشەشنىڭ مەركىزى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئوباما" چۈنكى خىتايلار پۇلنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدا ئادالەتسىز پايدا تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە...... مەن پرېزىدېنت بولسام پۈتۈن دىپلوماتىك ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ پۇل سىياسىتىنى ئۆزگەرتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىغا قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەدبىرلەرنى ئالىمەن". ئوباما يەنە "ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيا خىتاي بىلەن بولغان سودىدا مەنپەئەتدار بولالايدۇ " دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى خىتاي چوقۇم بازار قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇشى، دۇنيانىڭ تەكشى تەرەققىياتىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكى"نى بىلدۈرگەن.
جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى جون مىكېين بولسا خىتاينىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى تەكىتلىگەن. مىكېين مۇنداق دەيدۇ": خىتاينىڭ بازىرىنى ئېچىۋېتىش ۋەدىسى خەلقئارا سودا قائىدىسىگە بويسۇنۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك. بۇ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، تاموژنا بېجىنى ئازايتىش، پۇلنىڭ قىممىتىنى بازار بىلەن تەڭشەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش لازىم. كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك يەرلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىشى، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدە تۈزۈمى، ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ۋە مەھسۇلات بىخەتەرلىك قانۇنىغا بويسۇنۇش بىلەن ئادا قىلىشى كېرەك". مىكېين يەنە كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتەك نېگىزلىك رىقابەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ": ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقى بار. بۇ مەنپەئەت ئورتاقلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ يەر شارى ھاۋا رايى كېلىماتى، سودا ۋە يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەش قاتارلىق يەر شارى مەسىلىلىرىدە ئۆز - ئارا كۈچلۈك ھەمكارلىقىغا ئاساس بولالايدۇ. لېكىن خىتاينىڭ بەزى ئىقتىسادى پائالىيىتى، ھەربىي زامانىۋىيلاشتۇرۇشنىڭ ئېنىقسىزلىقى، سىياسى ئەركىنلىكنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، سۇدان ۋە بېرما ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار خىتاي تايىنىۋاتقان خەلقئارا سېستىمىغا پايدىسىز. كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقىنى ئاساس قىلىپ، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى قۇرۇپ چىقىرىشى لازىم"، دەپ تەكىتلىگەن.
دېموكراتلار نامزاتى ئوباما دۇنيانىڭ ئەنئەنىۋى بىخەتەرلىك سېستىمىسى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئوباما مۇنداق دەيدۇ": نۆۋەتتە غەيرى ئەنئەنىۋى تەھدىتنىڭ دۇنياغا سېلىۋاتقان خەتىرى كۈنسېرى گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە. بۇ تېررور، يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىشى، سىياسى ۋەزىيىتى قالايمىقان دۆلەتلەر، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى.... قاتارلىق ساھەلەردىكى رىقابەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا بىلەن خىتاي بۇ ساھەلەردە مەلۇم ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرماقتا. لېكىن بەزى ساھەلەردە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يەنىلا ئىختىلاپ مەۋجۈت.... بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنى، ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇشىنى توساش، دارفۇردىكى قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىش، زېمبابۇۋىدىكى ھۆكۈمەتسىزلىك ئەھۋالىنى تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز". ئوباما، ئەگەر خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغدىسا، دېموكراتىيە ۋە قانۇن يولىغا قاراپ ماڭسا، بۇ خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن جون مىكېين ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتى چوقۇم ئالدىنئالا ئويلىشىدىغان مەسىلە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دېموكراتلار نامزاتى ئوبامانى ئەنسىزلىككە پېتىپ قېلىش بىلەن ئەيىبلىگەن جون مىكېين، " ئۇلار ئامېرىكىلىقلارنى ئىگىلىك يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرمەيدۇ. ئۇلار سودا بېكىنمىچىلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ھېچقاچان ئەركىن سودىسىز ئىززەت - ھۆرمەت تىكلىگەن ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ياراتقان ئەمەس " دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكا - خىتاي سودا جەمئىيىتى 2700 نەپەر ئەزاغا ئىگە بىر ئاممىۋى ئورگان بولۇپ، ئەزالىرىنىڭ يېرىمى خىتايدا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىچىلار.