«كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

گېرمانىيىنىڭ تۆت شەھىرىدە ئويۇن كۆرسىتىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەن´ئىتى، تارىخى ۋە ئەدەبىياتىنى تونۇتۇپ ئالقىشقا ئېرىشكەن «كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى»نىڭ پائالىيەتلىرى 22-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.10.25
karwan-uyghur-ansambili1-305.jpg «كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» پائالىيىتىدىكى تاماشىبىنلار ۋە ئارتىسلاردىن كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 14-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

گېرمانىيىنىڭ باۋارىيە ئۆلكىسى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى كۆپرەك مەركەزلەشكەن ۋە د ئۇ ق نىڭ باش شتابى جايلاشقان ئورۇن بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى سىياسىي نۇقتىدىن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە بىلدۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان «كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» بولسا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تارىخ، مەدەنىيەت، سەن´ئەت، ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن تونۇتۇش يولىنى تاللىۋالغان ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدىلا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.

karwan-uyghur-ansambili-385.jpg
«كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» سەنئەتكارلىرى. 2011-يىلى 14-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

گېرمانىيىدە تەشكىللەنگەن «كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» پائالىيەتلىرىنى 2010-يىلى باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە يەنە باۋارىيە ئۆلكىسىنىڭ تۆت شەھىرىدە ئويۇن كۆرسەتكەن. پائالىيەتكە گېرمانىيە ۋە گوللاندىيىدىن كەلگەن ئۇيغۇر سەنئەتكارلار قاتناشقان. 21-ئۆكتەبىر نۈرىنبەرگ شەھىرىدە، 22-ئۆكتەبىر كارلىسرۇھى شەھىرىدە كۆرسەتكەن ئويۇنلىرىنىڭ زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن نۇرنىسا خانىم، پائالىيەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىدىن كۆپ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ھاياجان بىلەن تىلغا ئالدى.

گوللاندىيىدىن كېلىپ بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان پەرھات ئابىت ئەپەندى سەھنىلەردە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلاپ قىزىقىش قوزغىغان بولۇپ، ئۇ «كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى»نىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرىنىڭ گېرمانىيە جامائىتىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

«كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى»نىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان نۇرنىسا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2012-يىلى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «خىتاي مەدەنىيەت يىلى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغان بولۇپ، «كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گېرمانىيىنىڭ ئوندىن ئارتۇق شەھىرىدە نومۇر كۆرسىتىش ئارقىلىق، «خىتاي مەدەنىيەت يىلى» غا قارشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

نۇرنىسا خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى گېرمانىيىدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يېقىندىن قوللاۋاتقانلىقىنى، گېرمانىيە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى بەزى زاتلارنىڭ «كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ تېگىشلىك ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.