شۋېتسىيىدە - 1935يىلى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كىتاب - كارۋان
2013.01.04

ئاپتور نىلىس ئامبولت شۋېتسىيىلىك داڭلىق ئېكىسپىدىيىچى سۋېن ھېدىننىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ سېۋېن ھېدىننىڭ ئېكىسپىدىيە ئۆمىكىنىڭ تەركىپىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ جەنۇبىدا ھەرخىل تەكشۈرۈش ۋە خەرىتە سىزىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئاپتور شىۋېتسىيىدە تونۇلمىغان، ناتۇنۇش شەخىس بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكىسپىدىيىسى ھەققىدە يېزىلغان «كارۋان» ناملىق بۇ كىتابى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، شۋېتسىيىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان.
«كارۋان» ناملىق بۇ كىتاب جەمى 31 باب، 212 بەت بولۇپ، ئاپتورنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى ۋە ئەسلىمىسى ئاساسىدا يېزىلغان.كىتابتىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، گەرچە ئاپتورنى سېۋېن ھېدىن ئېكىسپىدىيە ئۆمىكىگە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەندىن كېيىن سېۋېن ھېدىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئايرىم ئۆمەك تەشكىللەپ، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگىچە بولغان جايلارنى بېسىپ ئۆتكەن. ئاپتورنىڭ دەسلەپكى سەپەر لېنىيىسى ئۈرۈمچى، تۇرپان كورلىلارنى بېسىپ ئۈتۈپ،چەرچەنگە بېرىش بولسىمۇ، ئەمما جىن شۇرېن ھاكمىيىتى يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن قاراشەھەر، كۇچار ۋە ئاقسۇ ئارقىلىق تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتۈپ خوتەنگە كەلگەن ۋە ئۇ يەردىن چەرچەنگە بارغان. بۇ مەزگىل دەل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە يېرىدە جىن شۇرىن ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىنقىلاب قوزغالغان ۋە ما جۇڭيىڭ باشچىلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە يەرلىرىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىۋاتقان يىللار ئىدى. ئۇلار چەرچەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ما فۇگۇەن باشچىلىقىدىكى تۇڭگان قۇشۇنلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغان. ئۇلار چەرچەندىن نىيىگە كەلگەندە خوتەندە قۇرۇلغان «خوتەن ئىسلام جۇمھۇرىيتى»نىڭ ئەسكەرلىرىگە يۇلۇققان. ئۇلار نىيە،كېرىيە ۋە چېرىيىلەردە خوتەن قوشۇنلىرىنىڭ سوراقلىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېين خوتەنگە كەلگەن. خوتەندە خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىىشپ، خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد نىياز ئەلەم ئاخۇنۇم ۋە باش ئەمىر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالارنىڭ ھوزۇرىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئەمىر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا مۇنداق دېگەن «كونا ھاكىمىيەت ئاستىدا جانابىڭىزغا چوڭ ناھەقچىلىكلەر ۋە قىيىنچىلىقلار بولدى. بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردا سىزنىڭ ۋەتەندىشىڭىز گېئولوگ دوكتور ئېرىك نورىن ئەپەندى ۋە ئاۋرېل ستېيىن ئەپەندىلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە كۆپ قىيىنچىلىقلار بولغان ئىدى. بىز خوتەن ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن سىلەرنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىڭلارغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشنى قارار قىلدۇق.» كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوتەن قوشۇنلىرى پاراتتىن ئۆتۈپ غەلىبە تەنتەنىسىنى كۆرسەتكەن. ئاپتور بۇ كۈرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ: «ئۇلار بىزنىڭ شەرىپىمىزگە ھەربىي پارت ئورۇنلاشتۇردى. مەن شۋېتسىيىنىڭ لۇن ئونىۋېرسىتېتىكى بىر ئوقۇغۇچىلىقتىن خوتەننىڭ ئەڭ ئالىي ئورنىغا چىقىپ ھەربىيلەرنىڭ پاراتىنى قوبۇل قىلدىم. مەن ھەمراھلىرىم بىلەن پاراتقا پۈتۈن زېھنىم بىلەن دىققەت قىلدىم. ئەڭ ئاخىرىدا خىللانغان قىسىملار كەلدى. ئۇلار ئىلمەك بۇرۇنلۇق، پىچاقتەك ئۆتكۈر كۆزلۈك، ياخشى تەربىيىلەنگەن ئوۋچىلاردەك يىگىتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ جاراڭلىق مارش سادالىرى ئىچىدە ھۆرمەت سالىمىمنى بىلدۈردۈم.»
بۇ كىتابنى ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر ئايال كىتاب ھەققىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى.
كىتابتا يەنە، دالاي قورغان، قۇرۇقتاغ، قۇرۇغ دەريا، قۇم دەريا، كۆنچىبۇلاق. قاراقوشۇن، قاراڭغۇتاغ، ئۇلۇغداۋان دېگەندەك نۇرغۇن يەر ناملىرى ئۇچرايدۇ. كىتابنىڭ مەزمۇنىنى بېيتىش ئۈچۈن ئاپتور ئۆزى تارتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم پورتېرېت رەسىملىرىنىمۇ كىرگۈزگەن.