ئۇنىڭ دادىسى ھۈسەيىن سالىھ ئەپەندى غۇلجىدا تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، 1961 - يىلى ئافغانىستانغا، كېيىن ئافغانىستاندىن تۈركىيىگە كېلىپ جايلاشقان. ئۇ 1974 - يىلى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنىدا تېرە زاۋۇتى قۇرغان. ئارقىدىن، ئىستانبۇل تۇزلادا سانائەت رايونىغا زاۋۇت بىناسى سېلىپ ئۇ يەرگە كۆچكەن. ھازىر ئۇ زاۋۇتتا 220 ئىشچى ئىشلىمەكتە. زاۋۇتنىڭ قۇرغۇچىسى ھۈسەيىن تارانچى 1995 - يىلى 92 ياشتا ۋاپات بولغان بولۇپ، ھازىر زاۋۇتنى ئوغلى سېيىت تارانچى باشقۇرماقتا.
تارانچى ئائىلىسىنىڭ 6 بالاسى بار بولۇپ، مەزكۇر ئائىلىنىڭ تۈركىيىدىن باشقا غۇلجىدا تېرە زاۋۇتى، قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە بىناكارلىق شىركىتى بار. تارانچى ئائىلىسى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ كارخانچىلاردىن بىرىدۇر.
سېيىت تارانچى قانداق قىلىپ ئىگىلىك تىكلەپ زاۋۇت ئىگىسى بولالىدى؟ چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا مەبلەغ سېلىشىدىكى قىيىنچىلىقلار نېمە؟ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بىز كارخانىچى سېيىت تارانچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.
