كاۋكازىيىدىكى ياشلار ئۈمىدىنى ئىسلامغا باغلىماقتا

يېقىندا ب ب س نىڭ تور بېتىدە داغىستاننىڭ ئۈمىدى ئەرەبلەردە ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە دېيىلىشىچە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە باغلىق بولغان داغىستاندا ئىسلامغا بولغان ئېتىقادنىڭ كۈچىيىشى ۋە ھەتتا ئىسلام مىلىتارىستلىغىنىڭمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىغانلىقى رۇسىيىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئىكەن.

0:00 / 0:00

داغىستان جۇمھۇرىيىتى 1921 - يىلى رۇسىيە فېدېراتىپ سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە باغلىق بولغان داغىستان سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تارقالغاندىن كېيىن رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدە داغىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالدى. رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ياۋروپا قىسمىنىڭ جەنۇبى تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان داغىستان بۈيۈك كاۋكاز تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان.

داغىستان شەرقتە كاسپى دېڭىزى، شىمالىدا قالماق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، غەربىي ۋە غەربىي شىمالىدا چېچىنىستان ۋە شىمالىي كاۋكازىيە بىلەن غەربىي جەنۇبىدا گرۇزىيە، جەنۇبىدا بولسا ئەزەربەيجان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. داغىستاننىڭ نوپۇسى 2007 - يىلىدىكى ئىس ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2 مىليون 950 مىڭ بولغان بولۇپ، ھازىر داغىستاندا نوپۇس تېز سۈرئەت بىلەن ئاشماقتا ئىكەن. داغىستاندا تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە كاۋكاز خەلقلىرى ياشىماقتا. داغىستاندىكى خەلقنىڭ 9.99% پىرسەنتى ساۋاتلىق بولۇپ ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن ھەر بىر ئادەم ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككىدىن ئارتۇق تىل بىلىدىكەن.

ب ب س مۇخبىرىنىك ناگېنت يازغان خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدە ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ ئەكسىچە داغىستان بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن تېخى نېسىۋىسىنى ئالالمىغان. مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، داغىستان ئۆتكەن يىلى ئىستاتىسكىلار بويىچە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىكى ئەڭ كەمبەغەل دۆلەت دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرنىڭ دېيىشىچە، داغىستاننىڭ پايتەختى بولغان ماخاچكالا شەھىرىدىكى دۆلەتكە تەۋە بولغان مېھمانخانىدىمۇ كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سۇ ۋە توك بېرىلمەيدىكەن. قەھرىتان قىشتىمۇ ئائىلىلىكلەرگە سۇ ۋە توك تەمىنلىيەلمىگەن بولۇپ كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلغان بولسىمۇ ھۆكۈمەت بۇنىڭغا بىر ئامال قىلالمىغان.

ب ب س مۇخبىرىغا داغىستانلىق بىر كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە داغىستاندا ھازىر ئىسلامىيەت بارغانسېرى كۈچلىنىپ ھەتتا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، ياشلار تاغلارغا چىقىپ ئىسلام ئۈچۈن قوراللىنىۋاتقان ئىكەن. مۇخبىرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋاللار داغىستاننىڭ قوشنىسى بولغان چېچىنىستاننىڭ تەسىرىدە بولغان ئىكەن. داغىستاندا ھازىر ئىسيانلار كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىسيانلارنىڭ ھەقىقەتەن دىنى مەقسەتلەر يۈزىدىن چىققانلىقى ياكى يولسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار يۈزىدىن چىقىۋاتقانلىقى تالاش - تارتىش قىلىنماقتا. مۇخبىرنىڭ قارىشىچە، داغىستاندىكى ئىسلامىي ئىسيان ھەرىكەتلىرى داغىستاندىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ سەۋەبى ئەمەس بەلكى نەتىجىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. رۇسىيىنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى تەرەققىياتنىڭ داغىستانغا كەلمەسلىكى بۇ يەردە بولىۋاتقان ئىسلامىي ئىسيانلارنىڭ سەۋەبى ئىكەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە يەنە، داغىستاننىڭ سىياسى لىدېرلىرى رايوننىڭ خاتىرجەملىكى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن 150 يىلدىن بېرى موسكۋادىن ئۈمىد كۈتۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار ھازىر قولتۇق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇش كويىدا ئىكەن. ئۇلار ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نېفىتتىن تاپقان دوللارلىرى بىلەن داغىستاننىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشىلاشنى ئۈمىد قىلماقتا بولۇپ، بۇ لىدېرلارنىڭ قارىشىچە رايوندىكى ئىسلامنىڭ كۈچلىنىشى زىيانلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئەرەب دۆلەتلىرىنى جەلپ قىلىشتا پايدا ئېلىپ كېلىدىكەن.

تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئوتتۇرا ئاسىيا - كاۋكازىيە مۇتەخەسسىسى ئۇفۇك تاۋكۇل ئەپەندى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ داغىستاندىكى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەرگىزمۇ يېقىندىن بېرى تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئۇزۇن بىر تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ بارلىقىنى دېدى.

داغىستان كاۋكازىيىدە ئىسلامنى ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلغان بىر دۆلەت. ئۇلار ئىسلامنى مىلادىيىدىن كېيىنكى 8 - ئەسىردە ئەرەبلەردىن قوبۇل قىلغان. شۇڭا داغىستاندا ئىسلامغا ئەزەلدىنلا قىزىقىش بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە داغىستاندا 18 - 19 - ئەسىرلەردىن تارتىپلا رۇس ئىمپېرىيالىزىمىغا قارشى مۇجادىلە بار بولۇپ، داغىستان كاۋكازىيىنىڭ رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك فرونتى ئىدى. داغىستاندا نەقشىبەندىلىك ۋە قەدىرى تەرىقەتلىرى ھەم خەلقنىڭ ئىسلامغا بولغان ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك شۇڭا رۇسلارغا قارشى ئۇرۇشمۇ ئىمام شامىل تەرىپىدىن داغىستاندا باشلىنىپ پۈتۈن كاۋكازىيىگە كېڭەيگەن. بۇمۇ دىننى ئاساس قىلغان بىر ئەركىنلىك كۈرىشى ئىدى. ئىسلام دىنى بۇ رايوندىكى ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان. شۇڭا سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىكى شۇنچە بېسىملارغا قارىماي بۇ دىنى پائالىيەتلەر خەلق ئىچىدە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كېيىنمۇ رۇسىيىگە بولغان ئۇرۇشلاردا داغىستان مۇھىم رول ئوينىدى، چېچىنىستاننىڭ 1994 - يىلى رۇسىيىگە قارشى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىدىمۇ داغىستان ئاساسلىق رولنى ئوينىغان.

ئۇفۇك تاۋكۇل ئەپەندى داغىستاندىكى بۇ ئىسلامغا يۆنىلىش ھەرىكىتىنىڭ ھەرگىزمۇ داغىستانغىلا خاس ئەمەسلىكىنى، پۈتۈن كاۋكازىيىدە ئوخشاش ۋەزىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى : "بۇ پەقەت داغىستاندىلا ئەمەس بەلكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە باغلىق بولغان قاراچاي، چەركەز جۇمھۇرىيىتى، كاباردىن بالكار جۇمھۇرىيىتى ۋە ئىنگۇش، چېچەن جۇمھۇرىيىتىدىمۇ مەيدانغا چىقىۋاتقان بىر ھەرىكەت. بۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ياخشى بولالماسلىقى، خەلقنىڭ يوقسۇل بولۇشى، ياشلارنىڭ كېلەچىكىدە بىر ئۈمىد كۆرەلمەسلىكى ۋە ئىقتىسادى بايلىققا ئۇلىشىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشى ياشلارنىڭ ئىسلامغا قايتىش مايىللىقىنى ئاشۇرماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دىنى ئاساسقا تايانغان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ۋە ياشلارنىڭ قوراللىنىشىدەك ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. پۈتۈن كاۋكازىيىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بۇ يۆنىلىش بۇلارنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ رايوندا جىددىي بىر قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن. ھازىر كاۋكاز تاغلىرىدا رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇش باشلىماقچى بولىۋاتقان ئاساسلىقى ياشلاردىن تەركىپ تاپقان قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ بارلىقى مەلۇم. ئۇلار رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا. ئەلۋەتتە بۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كېڭىيىدىغانلىقى ۋە قانچىلىك دەرىجىدە ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. بۇ ياشلار پەقەت كېلەچىكىدىن ئۈمىدسىز بولغانلىقى ئۈچۈن 19 - ئەسىردە كاۋكازىيىدە رۇسلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان غازات ئۇرۇشىنى داۋام قىلىش ئارقىلىق مۇستەقىللىككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ۋە كېلەچىكىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكتىن بۇ يولنى تاللىماقتا."

سىلەر يۇقىرىدا رۇسىيىنىڭ داغىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ياشلارنىڭ كېلەچىكىنى ئىسلامغا قايتىشتىن ئىزدەۋاتقانلىقىغا دائىر تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور دوكتور ئۇفۇك تاۋكۇل ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.