ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى چېنىي كاۋكازىيە زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنىي كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان كاۋكازىيىنى چۆرىدىگەن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مەزكۇر قىزىق نۇقتىدىكى ئەزەربەيجان، گرۇزىيە شۇنىڭدەك شەرقىي ياۋروپادىكى ئۇكرائىنىيىگە قاراتقان مەخسۇس سەپىرىنى باشلىدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ دۆلەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان شۇنىڭدەك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ نامزاتى جون مىككېيىن بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان باراك ئوبامانىڭ كېلەركى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان سايلام پائالىيەتلىرى ئەۋجى ئېلىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن مەزكۇر سەپەر خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىدىن ئورۇن ئالدى.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت چېنىي ئەپەندى چارشەنبە كۈنى گرۇزىيىنىڭ قوشنىسى ھەمدە كاۋكازىيىدىكى مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى مەملىكەت ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇغا يېتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم سەپىرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

دىك چېنىينىڭ زىيارىتى قانداق ئەھۋال ئاستىدا باشلاندى؟

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنىينىڭ كاۋكازىيە زىيارىتى تۆۋەندىكىدەك مۇھىم ۋەزىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا باشلاندى. يەنى دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن قانداق چارە قوللىنىش ھەم رۇسىيە بىلەن قانداق شەكىلدە يېڭى مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيىگە ئېمبارگو قوللىنىشتىن ئىبارەت قاتتىق چارە قوللىنىش پىكرى بىلەن ئىتالىيىنىڭ ئۇنداق قىلماي، سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. قاتتىق چارە قوللانماسلىق پىكرىنى گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق كۆپ دۆلەتلەر قوللىغان بولۇپ، ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، چارشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى قارار قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، رۇسىيىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگۈزمەسلىك، ئۇنىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان بانكا، سودا مۇناسىۋەتلىرىنى بوغۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېمبارگو قوللىنىش چارىلىرى قوللاشقا ئېرىشەلمەي، ئەكسىچە گرۇزىيە ۋە رۇسىيىدىن ئىبارەت ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ كاۋكازىيە ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەندى. قاراردا رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ كۈنلەردە رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رۇسىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانداق قاتتىق چارە قوللىنىشىدىن قورقمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە گرۇزىن پرېزىدېنتى ساكاشىۋىلىنى " سىياسىي جەسەت" دەپ ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە رۇسىيە رەھبىرى ئامېرىكىنى تەنقىد قىلىپ، رۇسىيىنىڭ ھەتتا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىنمۇ ئەندىشە قىلمايدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سەيشەنبە كۈنى، گرۇزىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت رەسمىي ئۈزۈپ تاشلىنىپ، ئىككىلا تەرەپ ئۆز ئەلچىخانىلىرىنى تاقىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ناتو بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۇچ جۇمھۇرىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

رۇسىيە بىر تەرەپتىن غەربكە قاتتىق پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن يەنىلا خەلقئارالىق قوللاشلارغا ئېرىشىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇردى، 28 - ئاۋغۇست كۈنى بولسا، رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان قاتارلىق 6 شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى دۈشەنبىگە توپلاندى. بۇ يىغىنغا غەرب بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان ئىران رەھبىرى ئەخمەدى نىجاتمۇ ئىشتىراك قىلدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىتري مېدۋېدېۋ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئايرىپ سۆھبەتلەشكەن ھەمدە ئۇنىڭدىن ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى كۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىدى، ئەمما، خىتاي ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكىلەر رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىدىكى ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا رۇسىيە تەرەپتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشتى.

يىغىندىن كېيىن خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلىپ، تۈركمەنىستان بىلەن خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈشكەن. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى بولسا، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزبېكىستاننى رەسمىي زىيارەت قىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيىگە تېخىمۇ كۆپ تەبىئىي گاز سېتىشىنى ھەمدە باھانىڭ ياۋروپا ئۆلچىمىدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەر پۇتىننىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئۆزبېكىستاننى رۇسىيە بىلەن تېخىمۇ باغلاپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشىنى توسۇش دەپ تەھلىل قىلىشتى.

چېنىينىڭ زىيارىتىنىڭ مەقسىتى

خەلقئارا مەتبۇئاتلار دىك چېنىينىڭ زىيارىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلارنى ئېلان قىلماقتا. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، چېنىينىڭ كاۋكازىيىگە قاراتقان زىيارىتىدىكى ئاساسلىق مۇددىئا ئېنېرگىيە بولۇپ، ئامېرىكا باكۇ - تىبلىس - جەيھان نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا يەر دېڭىزى رايونىغا چاقىرىلىدىغان كاسپى بويى نېفىتلىرىگە قىزىقىدۇ.

ئەنگىلىيىنىڭ "دەۋر " مەجمۇئەسى بولسا، ئەزەربەيجان، گرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنىيە غەربنىڭ ئاسىيادىكى ئېنېرگىيە ئىگىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى كۈرەشلىرىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ يازدى ھەمدە چېنىينىڭ كاسپى دېڭىزى بويىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازلارنى غەربكە ماڭدۇرۇش ئىدىيىسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم ئورۇندا ئىكەنلىكىنى يازدى. بىراق، رۇسىيىنىڭ قارىشى باشقىچىرەك بولۇپ، رۇسىيىنىڭ ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەكىلى ئاندرېي نېستېرېنكو چېنىينىڭ زىيارىتىدە ئامېرىكىنىڭ گرۇزىيىنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم كۆرسىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، " ئامېرىكىنىڭ گرۇزىيە قوراللىق كۈچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چاقىرىقى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرمايدۇ، كۈتۈشىمىز كېرەك، چېنىي گرۇزىيىنى زىيارەت قىلغاندا، ۋەزىيەتنى قانداق باھالايدىكىن، تىبلىسقا بارلىق ۋەيران بولغان ھەربىي ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىملىقى ھەققىدىكى چاقىرىقلار، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرمايدۇ ھەم مېدۋېدېۋ - ساركوزىي پىلانىغا ئۇيغۇن ئەمەس" دەيدۇ.

رۇسىيە بىخەتەرلىك ئىشلىرى رەھبىرى پاترۇشېۋ ئامېرىكىنىڭ ساكاشىۋىلىنى قوللىشىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ،" ئامېرىكىنىڭ ساكاشىۋىلىنى گرۇزىيىگە قويۇشتىكى مەقسىتى كاۋكازنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازلىرىنى ئېلىشتۇر" دېگەنلىكىنى يازىدۇ رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورى. بىراق، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گرۇزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشى ھەققىدىكى قارىشى رۇسىيىدىن پەرقلىق بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشتىن ئاخىرى رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيە ھەم ئۇكرائىنىيىدىكى ھەرىكەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، رايوندىكى دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ئىزچىل قوللاپ كەلمەكتە.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان گرۇزىيە، ئۇكرائىنىيە ھەمدە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لاتۋىيە، لىتۋا ۋە ئېستونىيە جۇمھۇرىيەتلىرى رۇسىيىنى زومىگەرلىك بىلەن تەنقىد قىلىپ، غەرب بىلەن، جۈملىدىن ناتو بىلەن يېقىنلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش يولىنى تۇتقان ئىدى. ساكاشىۋىلى ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن گرۇزىيە رۇسىيىگە قارشى مەيدانىدىن ئىزچىل يانماي، ئەكسىچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزدى. 8 - ئاۋغۇست كۈنى رۇسىيە قوشۇنلىرى گرۇزىيىگە ھۇجۇم قوزغىغاندىن بۇيان ئامېرىكا ئىزچىل رۇسىيىنى ئەيىبلەپ كەلدى ھەتتا مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىك چېنىي ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقچىسى گرۇزىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر چېنىينىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ گرۇزىيىنى قەتئىي قوللاش مەيدانىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە يەنە رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيە ۋە شەرقىي ياۋروپادا ئۆز تەسىرىنى قايتا تىكلەش ئويىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قويۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىشماقتا.

غەرب گرۇزىيىگە زور ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەكچى

بۇ قېتىمقى تۆت كۈنلۈك ھەربىي ھۇجۇمدا رۇسىيە گرۇزىيىنى ھەربىي - ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ گرۇزىيىنى غەربنىڭ زور دەرىجىدە ياردىمىگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى. ئەنگىلىيىنىڭ " مالىيە ۋاقتى" گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، چېينىنىڭ زىيارىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ گرۇزىيە ۋە كاۋكازىيىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ تىبلىسقا بىر مىليارد دوللار قىممىتىدە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

بۇ گېزىتنىڭ يېزىشىچە، يەنە خەلقئارا پۇل فوندى گرۇزىيىگە 750 مىليون دوللارلىق زايوم بېرىپ تۇرماقچى. گرۇزىيە دائىرىلىرى يەنە دۇنيا بانكىسىدىن 350 مىليون دوللار، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بىر مىليارد يېۋرو ئېلىشنى ھېسابلىغان. مەزكۇر ياردەملەر گرۇزىيە ئۈچۈن غايەت زور ماددىي قوللاش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.