«لىۋىيىدە كازافىي ھاكىمىيىتى چوقۇم ئاياغلىشىدۇ»

بۈگۈن لىۋىيە ئارىدىن 3 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم نېفىت ئېكسپورتىنى باشلىدى. ئەمما، نېفىت ئېكسپورتىنى قىلىۋاتقانلار كازافىي ھۆكۈمىتى ئەمەس، بەلكى ئىسيانچىلاردۇر.

0:00 / 0:00

بۇ ئىسيانچىلارنىڭ كازافىي كۈچلىرىگە قارشى تىركىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھازىر قاتار، ئىتالىيە ۋە فرانسىيە ئىسيانچى كۈچلەرنى لىۋىيىدىكى رەسمىي ھۆكۈمەت دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئوخشاش ۋاقىتتا كازافىي ھۆكۈمىتىمۇ تاشقى كۈچلەر بىلەن مۇزاكىرىگە ئولتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنداقتا لىۋىيىدىكى ۋەزىيەت قاياققا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە، لىۋىيىدىكى ئىسيانچى كۈچلەر ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان نەتىجىگە ئېرىشەلەمدۇ؟

لىۋىيىدە كازافىي كۈچلىرى بىلەن ئىسيانچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، چارشەنبە كۈنى لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مۇسا ئىبراھىم ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋە تاشقى كۈچلەر بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما، مۇسا ئىبراھىم باياناتىدا مۇزاكىرىنىڭ كازافىينىڭ ھاكىمىيىتىنى تالاش - تارتىش قىلىش مەنىسىنى ئىپادىلىمەيدىغانلىقىنى، دۆلەتتە سىياسىي ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلغان تەقدىردىمۇ كازافىينىڭ يەنىلا دۆلەتنىڭ بېشى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئالدىنقى كۈنكى خەۋەرلەردە كازافىينىڭ، ئەگەر ئوغلى سەيفۇل ئىسلام ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن تەقدىردە ئىستېپا بېرىشكە قوشۇلىمەن دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەرلەرمۇ بېرىلگەن ئىدى. ئۇنداقتا كازافىي كۈچلىرى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بۇ شەرتلەر ئىسيانچى گۇرۇپپىلارنى رازى قىلىشقا يېتەمدۇ؟

تۈركىيە خەلقئارا ئىسىتراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سىنان ئوگان ئەپەندى بولسا ئىسيانچىلارنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ كازافىي ھاكىمىيىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇنداق بىر شەرتنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«لىۋىيىدىكى قالايمىقانچىلىق دەل كازافىي ھاكىمىيەت بېشىدا بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان. مەيلى لىۋىيىدىكى ئىسيانچى كۈچلەر بولسۇن، مەيلى غەرب بولسۇن ھېچكىم كازافىينىڭ ھاكىمىيەتنى داۋام قىلىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا مەيلى كازافىي ياكى ئۇنىڭ ئوغلى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېموكراتىيىلىشىش ئېقىمى ئۈچۈن ۋە خەلق ھەرىكەتلىرىنى ئىنقىلابقا ئايلاندۇرىدىغان باسقۇچ ئۈچۈن بىر توسالغۇ. ھېچكىم بۇنىڭدىن رازى بولمايدۇ. كازافىينىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ خانىدانلىقى ئاياقلىشىشى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆكتىچى كۈچلەر كېلىشى كېرەك. شۇڭا بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا مەن كازافىي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان شەرت قوبۇل قىلىنىدۇ، دەپ قارىمايمەن.»

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى لىۋىيە ئىسيانچى كۈچلىرى نېفىت ئېكىسپورتىنىمۇ باشلىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئىسيانچى كۈچلەرنىڭ كازافىي كۈچلىرى بىلەن تىركىشىشىنى داۋام قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە. بۈگۈن ئىسيانچى كۈچلەرنىڭ براگانىڭ بەزى قىسىملىرىنى ئالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما براگادىكى مۇھىم نېفىت بازىلىرى ۋە باشقا ئىستراتېگىيىلىك يەرلەر يەنىلا كازافىينىڭ قولىدا ئىكەن. ناتو قىسىملىرى سەيشەنبە كۈنى براگادىكى ئىسيانچىلارغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان كازافىي كۈچلىرىنى بومباردىمان قىلغان. لىۋىيىدە ھەم بىرلەشمە ئارمىيە، ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە كازافىي كۈچلىرىنىڭ ھاۋا ساھەسىدىكى كۈچىنىڭ زور قىسمىنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىسيانچى كۈچلەرنىڭ يەنىلا كازافىينى ئۆرۈپ تاشلاشقا قۇربىنىڭ يەتمەيۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا. بۇنداق بىر شارائىتتا، ھازىر لىۋىيىدە بىر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن دىپلوماتىيىلىك ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلغان. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ئەل ئۇبەيدى ئالدىنقى كۈنى تۈركىيىگە كېلىپ، تۈركىيىنىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدە كېلىشتۈرگۈچى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، تۈركىيە ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئىسيانچى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىنان ئوگان ئەپەندى بولسا، تۈركىيىنىڭ بۇ خىل مەسىلىلەردە تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا لىۋىيىدىكى بۇ باسقۇچتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى: «تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە. تۈركىيە ناتو كۈچلىرى دائىرىسىدە ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرىدىمۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇ يەردىكى خەلققە ياردەم قىلىش، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋە سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئوخشاش تېمىلاردا خىزمەت قىلغان. شۇڭا تۈركىيىنىڭ بۇ تەجرىبىسىنىڭ لىۋىيىدىمۇ زور رول ئوينايدىغانلىقىنى، جۈملىدىن تۈركىيىنىڭ لىۋىيىدىكى بۇ باسقۇچتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە تۈركىيىمۇ لىۋىيىدىكى مەسىلىنىڭ ھەل بولۇشىدا تەسىرىنى كۆرسىتەلەيدىغان كۈچلەردىن بىرىدۇر.»

بۈگۈنكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، قاتار، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە دۈشەنبە كۈنى ئىسيانچى كۈچلەر قۇرغان ۋاقىتلىق كېڭەشنى رەسمىي ھۆكۈمەت دەپ تونۇيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ، ئىسيانچىلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىشىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن. سىنان ئوگان ئەپەندى بولسا ئىسيانچىلارنىڭ ۋاقىتلىق كېڭىشىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىن بارغانسېرى جىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «ھازىر مەيلى لىۋىيە ئىسيانچىلىرى بولسۇن، مەيلى تاشقى كۈچلەر بولسۇن، ھەممىسىنىڭ كازافىينىڭ كېتىشىنى لىۋىيە ئۈچۈن بىر چىقىش يولى دەپ قارايدىغانلىقى ئېنىق. بەلكىم كازافىينى سۈرگۈنگە ئەۋەتىش ياكى ئوغلىنى ئۆتكۈنچى بىر مەزگىل ھاكىمىيەت بېشىغا قويۇشقا ئوخشاش ۋاقىتلىق تەدبىرلەر سۇنۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما ئاخىرقى ھېسابتا كازافىينىڭ ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ ھاكىمىيىتى لىۋىيىدە ئاياغلىشىدۇ. ھازىر گەرچە كازافىي كۈچلىرى يەنىلا تىركىشىشنى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ۋاقىتلىق ئىش، ئاخىرى ئىسيانچىلار ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغىنىدەك كازافىيسىز بىر لىۋىيىگە ئېرىشىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»