بۈگۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ھېيت. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار، ئەرەب، ئافرىقا، ھىندى، پاكىستان، مالاي، ھىندونېزىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق ھەر قايسى جايلاردىكى مۇسۇلمان ئاممىسى روزا ھېيت خۇشاللىقىغا ئورتاقلاشتى، ئەمما 20 مىليونلارچە نوپۇسقا ئىگە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار، مۇسۇلمان ئالىمنىڭ خۇشاللىقىدىن مەھرۇم قالدى، چۈنكى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان، قازاق، ئۆزبېك قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ روزا ھېيتنى قايسى كۈنىدىن باشلاپ تەبرىكلىسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى 31-ئاۋغۇستتىن 2-ئاۋغۇستقىچە دەپ بېكىتكەن.
بىز قەشقەردىكى داڭلىق مەسچىت ھېيتگاھ جامەسىگە تېلېفون قىلىپ، ھېيت نامىزىنىڭ قاچان ئوقۇلىدىغانلىقىنى سورىدۇق، بىر ياش خاتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇشى بويىچە ھېيت نامىزىنىڭ 31-ئاۋغۇست ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتايدىكى مۇسۇلمان بۇرادەرلەر تورى، ئىسلام نۇرى تورى قاتارلىق تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى باشقۇرۇشىدىكى تور بەتلەردە نىڭشا، چىڭخەي، شىئەن ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 30-ئاۋغۇست ھېيت نامىزى ئوقۇغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىتىلدى، بەزى تور بەتلەر 28- ۋە ياكى 29-ئاۋغۇست كۈنلىرى ھەر قايسى تۇڭگان مەسچىتلىرىدە 30-ئاۋغۇست ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇشلار چىقارغان. بەزى مەسچىتلەرگە بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇشلار چاپلانغان. يەنى تۇڭگانلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئەگەشمەي، ئىسلام دۇنياسى بىلەن تەڭ روزا ھېيتنى باشلىغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۈگۈن ھېيت تەنتەنىسى قىلماقتا، پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە ۋېرجىنىيا شتاتىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار بۈگۈن ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇپ ھېيتلىق پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ھېيتلىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەققىدە ياش دىنىي زات غەيرەت سىدىق ئەپەندى بىزگە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتتىق چەك قويۇپ كېلىۋاتقاندىن باشقا، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئورتاق بولغان رامزان ۋە ھېيتلىق پائالىيەتلىرىنىمۇ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن ۋاقىت پەرقى قالدۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۆمتۈرك ئەپەندى، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان دۇنياسىدىن يېتىم قالدۇرۇش سۇيىقەستى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنستىتۇتىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىدىن بىر كۈن كېچىكىپ ھېيت قىلىدىغانلىقىنى سورىدۇق، ئىنستىتۇتتا تەلىم ئېلىۋاتقان بىر ياش قارىم سوئالىمىزغا قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈش بېرەلمىدى.