خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى موڭغۇللارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئۇيغۇرلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماسلىققا چاقىردى

خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇللارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ باشقا رايونلارغا تۇتۇشۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ۋەقەنى كونترول قىلىشقا تىرىشماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە قارشى پارتلىغان ئىچكى موڭغۇلدىكى خەلق نامايىشىنى 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىنى قانلىق باستۇرغاندەك باستۇرۇش ئېھتىماللىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەنسىزلىككە سېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئاينىڭ 15 ‏-كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شېلىنغول ئايمىقىدا يۈز بەرگەن خىتاي كۆمۈر ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ يەرلىك بىر موڭغۇل چارۋىچىنى دەسسەپ ئۆلتۈرۈۋېتىش ۋەقەسى موڭغۇللارنىڭ كەڭ كۆكلەملىك نارازىلىقىنى قوزغاپ، نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى باشقا جايلارغا كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىشلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش سىياسىي ۋەزىيىتى نازۇك رايونلارغا كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، نامايىشنى باستۇرۇش قەدىمىنى كۈچەيتكەن. گەرچە ھازىرغا قەدەر دائىرىلەرنىڭ 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئوققا تۇتۇشتەك قىرغىنچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.

mungghul-shilinghol-namayish1-385.jpg
موڭغۇللارنىڭ 30- ماي دۈشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيودا ئۆتكۈزگەن نامايىش. (RFA/méhriban)

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە دائىرىلەرنىڭ ئىنتېرنېتقا چەكلىمە قويغانلىقى، بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنى تاقىغانلىقى، كۆكخوت قاتارلىق بەزى چوڭ شەھەرلەردە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى كۆپەيتىپ، كوچا چارلاشنى كۈچەيتكەنلىكى، شېلىنغول قاتارلىق بىر قىسىم رايونلاردا جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، بۇ رايونلارغا كىرىپ-چىقىشقا چەكلىمە قويغانلىقى، كۆكخوت قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ سىرتىغا چىقىشىنى چەكلەپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەقەنى خەۋەر قىلىشىغا چەكلىمە قويغانلىقى، موڭغۇللارنىڭ ئۆكتىچى زاتلىرىنى نەزەربەند قىلغانلىقى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارىنىڭ شېلىنغولغا بېرىپ، يەرلىك موڭغۇللارغا ۋەقە پەيدا قىلغان خىتاي شوپۇرنى قاتتىق جازالاشقا ۋەدە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇ ئەھۋالدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا، موڭغۇل نامايىشچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى قوراللىق باستۇرماسلىققا چاقىردى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مۇئاۋىن مەسئۇلى كەتېرىن بەيبېر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى نامايىشچىلارنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشى شەرت» دېيىلگەن. باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىشنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتتىكى نامايىشلاردەك قاتتىق قوللۇق بىلەن تەرەپ قىلىنىشىدىن ئەنسىرىمەكتە ئىكەن. كەتېرىن بەيبېر «شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى نامايىشلارنىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشىدىن قارىغاندا، ئىچكى موڭغۇلدىكى ۋەزىيەتتىن ئەنسىرەشكە يېتەرلىك ئاساس بار » دېگەن. نۇرغۇن ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىش نوقۇل بىر موڭغۇل چارۋىچىنىڭ خىتاي شوپۇر تەرىپىدىن دەسسەپ ئۆلتۈرۈلۈشىدەك ئالاھىدە بىر ۋەقەنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. بەلكى بۇ موڭغۇللاردىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يىغىلىپ قالغان مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى كەمسىتىشكە قارشى نارازىلىقىنىڭ پارتلىشىدۇر. مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى»نىڭ رەئىسى ئىنخىباتۇ توغۇچۇق يۇقىرىقى قاراشتىكى موڭغۇل ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ بىرى.

ئۇ «بۇ يەردىكى مەسىلە نوقۇل بىر چارۋىچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش مەسىلىسىلا ئەمەس. بۇ پەقەت پۈتۈن مەسىلىسىنىڭ بىر پارچىسىدىنلا ئىبارەت خالاس. بۇ مۇز تاغنىڭ سۇ ئۈستىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان قىسمى. مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھوقۇقى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئۆزى خىتايلار تەرىپىدىن كەمسىتىش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ يايلاقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كارخانىلىرى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىپ، تەبىئىي بايلىقى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىندى. بۇ ئامىللار موڭغۇل خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ، مەدەنىيەت كىملىكى ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشىغا، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسى ئەركىنلىكىگە جىددىي تەھدىت پەيدا قىلغان ئىدى. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى موڭغۇل خەلقىنىڭ تەبىئىي يەر ئاستى بايلىقىنى داۋاملىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، موڭغۇل خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى، ئۇلارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى» دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىشلارنىڭ سەۋەبىگە دائىر يۇقىرىقى نۇقتىلار تەكىتلەنگەن بولۇپ، «ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىشلارنىڭ نېگىزى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا ۋە موڭغۇللارنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداش چاقىرىقىنىڭ مەھسۇلى» ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دائىم بۇ خىل چاقىرىقنى ئوتتۇرىغا قويغان پائالىيەتچى ۋە يازغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى» نى تەنقىد قىلغان. ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىش 2008‏-يىلى لخاسادا، 2009 يىلى ئۈرۈمچىدە پارتلاپ، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان نامايىشلاردىن كېيىن يۈز بەرگەن، خىتايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونوم ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ يەنە بىر نامايىشىدۇر.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، نامايىشنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توشاشقا كىرىشكەن شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ موڭغۇللارنى باستۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ موڭغۇللارنى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى»دە ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇپ، قانلىق باستۇرغاندەك باستۇرمىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىدىكى ئىنخىباتۇ تۇغۇچۇق ، خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىغا قارىغاندا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ۋەقەنىڭ تەسىرىنى كىچىكلىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ تەسىرىنى كىچىكلىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. موڭغۇللارنىڭ مەسىلىسى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلاردەك خەلقئارا تونۇغان مەسىلە ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇلار ۋەقەنى ھەل قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى، خىتاي تاشقى موڭغۇلىيە ۋە بورىيات ، قالمىقىيە قاتارلىق باشقا جايلاردىكى موڭغۇللار شۇنداقلا چەتئەلدىكى موڭغۇل مۇھاجىرلار ئامىلىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار ئىچكى موڭغۇلدىكى نامايىشچىلارغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلمىسا، بۇ ئۇلارنىڭ باشقا ئەللەردىكى موڭغۇللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىتاي ئۆزىنى شەرقىي ئاسىيادا ناھايىتى چوڭ دۆلەت چاغلىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئىچكى موڭغۇلنىڭ سىرتىدىكى موڭغۇللارنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتەلمەيدۇ. تۈنۈگۈن تاشقى موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتۇردا نەچچە يۈز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ تارىختا تۇنجى قېتىم تاشقى موڭغۇلىيىدىكى موڭغۇللارنىڭ نامايىش قىلىپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇللارغا ھەمدەمدە بولۇشىدۇر» دەيدۇ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى كەتېرىن بەيبېر دۈشەنبە كۈنكى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى «نامايىشنىڭ دائىرىلەر ئۈچۈن بىر ئويغىتىش سىگنالى» ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ سىگنال بەرگۈچىلەرنى باستۇرۇش ئورنىغا يەنە بىر ئاز سانلىقلار رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدىن تېگىشلىك ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دائىرىلىرى موڭغۇللارنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇلار ھاجەتسىز كۈچ قوللىنىش ۋە ياكى نامايىشقا چېكىدىن ئاشۇرۇپ كۈچ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى شەرت.»