خىتايدا ئەسلىدە قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى سىر ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋەكىلى لورا مويە خانىم، خىتايدا قانچىلىك ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقى توغرىسىدا ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ستاتىستىكىغا ئىشىنىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس دەيدۇ.
لورا خانىم سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاي ئۆلۈم جازاسىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنى ھېچقاچان ئاشكارا بىلدۈرگەن ئەمەس، بىز قولغا چۈشۈرگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتايدا ھەر يىلى مىڭلىغان كىشى نامسىز ۋە سەۋەبسىز قەتلىئام قىلىنماقتا.»
لورا مويې خىتايدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ئېغىر بولۇشىغا قارىماي، ئاممىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا بولغان قارشىلىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان كۆزىتىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئازايغان بولۇپ، ھۆكۈمەت خەلقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقىدىن ئازراق چۈچۈگەن، بۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا كۆرسەتكەن بېسىمىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي ۋە پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئاز جازالانغانلىقى ئىسپاتلانغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە، مالايشىيا، شىمالىي كورىيە ۋە ۋيېتنامدا قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن تولۇق خەۋەردار بولالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن سىرت، ئىراندا ئۆتكەن يىلى 252 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى، يەمەندە 53، ئامېرىكىدا 46 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئۆلۈم جازاسىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش يۇقىرى دەرىجىدە ئەۋج ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرىدە يېقىندا ئىلىنويس شتاتىدا ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنغان ۋە ئامېرىكىنىڭ16 شتاتىدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش قارارى ماقۇللانغان.
ھازىرغا قەدەر ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق 139 دۆلەت ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش يولىنى تاللىغان بولۇپ، 2004-يىلىدىن بۇيان تاجىكىستاندا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش توڭلىتىلغان، بىراق رەسمىي يوسۇندا بىكار قىلىنمىغان.
2010-يىلى ئۆلۈم جازاسىدىن ۋاز كەچكەن پەقەت بىرلا ئافرىقا قىتئەسى مەركىزىگە جايلاشقان گابوندىر دۆلىتى ئىكەن.
دوكلاتتا يەنە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغالغان ئەرەب دۆلەتلىرىدىن لىۋىيە، سۈرىيە ۋە يەمەن ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان 10 دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
لورا مويېنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىن شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىنىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىدە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، مەسىلەن، ماراكەش، مىسىر، تۇنىس، ئىئوردانىيە، كۇۋەيت، لىۋان ۋە بىرلەشكەن ئەرەب خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ جەھەتتە مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن.
2010-يىلى دېكابىر ئېيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا قارىتىلغان قارار لايىھىسى ئاۋازغا قويۇلغاندا، 109 دۆلەتنىڭ ماقۇللۇقى، 41 دۆلەتنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. 39 دۆلەت بۇ مەسىلىگە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.