خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2007 ‏ - يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن يەنى 27 ‏ - ماي كۈنى 2007 ‏ - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا، خىتاي، رۇسىيە، بېرما، سۇدان، زىمبابۇۋى ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تەنقىد قىلىندى.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا يەنە ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلالمىدى دەپ تەنقىدلەندى؛ ب د ت باش سېكرىتارى ۋەزىپىسىگە ماس ھالدا، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بايراقدارى بولۇشقا چاقىرىلدى.

خىتاي ئىچىدىلا ئەمەس، خىتاي سىرتىدىمۇ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە كاشىلا قىلىۋاتىدۇ

دوكلاتنىڭ خىتايغا ئالاقىدار قىسمى مۇنداق باشلانغان: قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان ئادۋوكاتلار ۋە ژورنالىستلار سانى كۆپىيىۋاتىدۇ؛ دۆلەتنىڭ دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىغا قول تىقىشى چېكىدىن ئېشىۋاتىدۇ؛ بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىكىر ۋە دىنىي ئەركىنلىككە قارشى بېسىم ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ؛ مۇنداق ۋەزىيەت تىبەتتىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ."

دوكلاتتا خىتاينىڭ، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىدا ۋەزىپە ئېلىشتىن بۇرۇن، بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ، دىكتاتور دۆلەتلەر بىلەن قورال سودىسى قىلىپ رايوندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، نەتىجىدە خىتاينىڭ يالغۇز خىتاي ئىچىدىلا ئەمەس، خىتاي سىرتىدىمۇ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىگە كاشىلا قىلىۋاتقانلىقى تەنقىدلەندى.

دوكلاتتا، دۇنيادا داۋام قىلىۋاتقان خەلقارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ، بىخەتەرلىك جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجە قازانغان بولسىمۇ، ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە يول ئاچقانلىقى، بۇ سەۋەبتىن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەپ ئىنسان بىخەتەرلىكىنى خەتەرگە يولۇقتۇرغانلىقى بايان قىلدى.

خىتاي ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە 2790 كىشىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى

دوكلاتتا ئۆكتىچى كۈچلەر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، دوكلاتنىڭ بۇ قىسمىدا مۇنداق دېيىلگەن: "قەيەردە ئۆكتىچىلەر يوق بولسا، شۇ يەردە ئەركىن پىكىر يوق دېمەكتۇر؛ قەيەردە ئۆكتىچىلەر يوق بولسا، شۇ يەردە دېموكراتىيە ساختا دېمەكتۇر؛ قەيەردە ئۆكتىچىلەر يوق بولسا شۇ يەردە دىكتاتورلار ھاكىمىيەت بېشىدا دېمەكتۇر." خىتاينىڭ خۇ جيا ۋە Ye Guozhu قاتارلىق ئۆكتىچىلەرنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن دوكلات، خىتايدا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە 2790 كىشى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، بۇلاردىن 1010 كىشى ئۈستىدىكى ھۆكۈمنىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىسمىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنىڭ تېخىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئۆزبېكىستاندىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، 17 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

ئامېرىكا تەرەپ سۆھبەتتە تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2007 ‏ - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان ئەينى كۈندە خەلقئارا ئاخبارات خىتاي ۋە ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى. سۆھبەتنىڭ ئامېرىكا تەرەپ مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىجابىي ۋە قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك سۆھبەت بولغان. سۆھبەتتە، ئامېرىكا تەرەپ تىبەت مەسىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن گاڭ مەزكۇر سۆھبەت ئۈستىدە توختىلىپ، باشقا دۆلەتلەر بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشماسلىقى كېرەكتى، دېيىش ئارقىلىق سۆھبەتتىن نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.