خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۈزلۈكسىز باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى 2009 - يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلاشقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە مەخسۇس بىر پاراگراف ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز باستۇرۇشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

0:00 / 0:00

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2008 ‏ - يىلقى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دائىر دوكلاتىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى يەنە تەنقىدلىگەن.

دوكلاتتىكى ئەڭ زور سالماقنى ئىگىلەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ خىتاي ھەققىدىكى باپى. 2008 ئولىمپىك يىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، دىندارلار، ئاز سانلىقلار، ئادۋوكات ۋە ژۇرنالىستلارغا قاراتقان باستۇرۇشى يۇقىرى پەللىگە چىققان يىلى بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن دوكلاتتا 2008 ‏- يىلى مارت ئېيىدىكى لخاسا ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان نۇرغۇن تىبەتلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ياكى ئىز - دېرىكى يوقلۇقىنى، بۇ بىر يىلدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سەۋەب قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرغانلىقىنى، تەن جازاسى ۋە ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراش ئەھۋاللىرىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، دائىرىلەرنىڭ بۇ جەرياندا ئۇچۇر ئالاقىسىنى تىزگىنلەپ، نۇرغۇن تور بېكەتلىرىنى تاقىغانلىقىنى، ژۇرنالىستلار، تور قوللانغۇچىلارغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىنغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ ئۆز پىكىرىنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، " دائىرىلەرنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىپ، تەنقىدى پىكىرلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن"لىكىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە مەخسۇس بىر پاراگراف ئاجراتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا "بۇ بىر يىلدا 1300 كىشى تېررور، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان، 1154 نەپەر ئادەم رەسمىي جازالانغان، سوتلانغان ياكى مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان"لىقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر "بۆلگۈنچىلىرى"گە قارشى كۈرەشنى "ھايات - ماماتلىق" كۈرەش دەپ ئاتىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، مەركىزى بېيجىڭدىكى ئەيدىزلەر ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى ئاممىۋى تەشكىلات "ئەيجىشىڭ" جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ۋەن يەنخەي خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە باھا بېرىپ، دائىرىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھەرىكىتى"ئاقىلانىلىك ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تازا ئاقىلانە بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەن بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزنى ئەخمەق دىمەكچى ئەمەس، لېكىن ئۇ يىتەرلىك ئاقىلانە ئەمەس. ئۇلار بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ. مەن بىز تىرىشساقلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئۆزگەرتەلەيمىز، دەپ ئويلايمەن .... جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈركە بولۇشى مۇمكىن. بەلكى بۇنىڭدا جەمئىيەتنىڭ بىر ئاز بېسىمىغا ئېھتىياج باردۇر. بەلكى بەزى كىشىلەرنىڭ پۇقرالارغا بۇ توغرىسىدا خىزمەت ئىشلىشى لازىمدۇر. بەلكى يەنە بەزىلەرنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشىغا ئېھتياج باردۇر."

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كىشىلەرگە سىياسىي جىنايەتلەر سەۋەبى ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان بىردىن - بىر رايون بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دىنىي تەلىم ‏ - تەربىيە ئالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بولسا تۇتقۇنغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ تۇڭگانلار رايونىغا دىن ئوقۇغىلى بارغان 160 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچراپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ج خ دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

لېكىن "ئەيجىشىڭ" ئەيدىزلەر ھوقۇقى جەمئىيىتىدىكى ۋەن يەنخەي ئەپەندى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە مىللەتلەر ھوقۇقىنى ئالغا سۈرۈش ئىشلىرىدا ھەمىشە چەتئەللىكلەرگە تايىنىۋالماي خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزى ئاكتىپ بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ " بىزنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە، جەمئىيەتتىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئاساسلىقى بىز ئۆزىمىز بۇ ئىشنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. خەلقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى چاقىرىقىنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز لازىم. بۇ ئىشلاردا بىز يالغۇز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قاتارلىقلارغا تايىنىۋالماسلىقىمىز، مەسىلىلەرنى بىز ئۆزىمىز ھەل قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئىشلىرىدا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىرىشىشى زۆرۈر" دەپ كۆرسەتتى.

ۋەن يەنخەي ئەپەندى، خىتايدا كىشىلەر دائىم ئىككى نەرسىنى سۆزلەشكىلى بولمايدىغان مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىرى مىللي مەسىلە، يەنە بىرى دىنىي مەسىلە بولۇپ، ۋەن يەنخەي خىتايدا ھامىنى بىر كۈنى بۇ مەسىلىلەرنى قورقماي ئوتتۇرىغا قويىدىغان كىشىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي زىيالىيلىرىنى بۇ مەسىلىلەر بىلەن يۈزلىشىشكە چاقىردى. ۋەن يەنخەي مۇنداق دەيدۇ": بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى ئالىملار، سىياسىيۇنلار بىر ئاز يۈرەكلىكرەك بولۇشى، بۇ مەسىلىلەر بىلەن يۈزلىشىشى كېرەك. مەن يەنە جەمئىيىتىمىزدە كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇن ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ھادىسىلەر ساغلام بىر جەمئىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك بىر ئالاھىدىلىك."

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، " بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىبلەنگەن ئابلىكىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باجياخۇ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى داۋالىتىش ھەققىدىكى ئائىلە تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.