دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: "ئەپسۇسكى، 2008 - يىلى 1 - ئاپرېل خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ئولىمپىك تەتۈر سانىقى ھەققىدىكى دوكلاتتىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى جەھەتتە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىدى. پەقەت ئىزچىل تۈرگە تۇتقۇن قىلىش سادىر بولۇپ تۇردى"
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر دوكلاتى ئارقىلىق خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە دۇنيا سىياسىي رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.
دوكلات ھەققىدە توختالغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ت. كۇمار ئۆز تەشكىلاتىنىڭ بۇندىن بىر يىل ۋە ئالتە ئاي ئىلگىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇ خىلدىكى ئىككى پارچە دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇ نۆۋەتلىك دوكلاتنىڭمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن تەتۈر ساناش داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن دوكلات ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ت. كۇمار :"بۇ دوكلاتتا يەنە كەلگۈسىدە خىتايغا ئىشەنگىلى بولامدۇ - بولمامدۇ دېگەن مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى"
ئۇ بۇ جەھەتتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇ دوكلاتتا يەنە كەلگۈسىدە خىتايغا ئىشەنگىلى بولامدۇ - بولمامدۇ دېگەن مەسىلە ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە يامانلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى."
دوكلاتتا، خىتايدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆلۈم جازىلىرى، مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىنىڭ زورلۇق - زومبۇلۇققا ئۇچرىشى، ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە قارىتىلغان چەكلەش قاتارلىق تۆت نېگىزلىك نۇقتا بۇيىچە خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى تەپسىلىي قاراپ چىقىلغان.
"خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئولىمپىكى ئۈچۈنلا تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇلدى"
دوكلاتتا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى ئاساسىي قانۇنىغا "خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە قوغدايدۇ" دېگەن تولۇقلىما مەزمۇنلارنى كىرگۈزگەن ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بەزى تەرەپلىرىدە ئانچە - مۇنچە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىپ: "ئەمەلىيەتتە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇخبىرلار، ۋە ئادۋوكاتلار پەقەت بېيجىڭنىڭ ئولىمپىكى ئۈچۈنلا تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە باستۇرۇلدى" دەپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر ئىلىدىن ئۆتكەندىكى ئەھۋال ۋە شۇ جەرياندا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە كونتروللۇققا ئۇچرىغانلىقى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قانداق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقى كۆرسىتىلىپ: "بۇ يىل ئىيۇندا ئولىمپىك مەشئىلى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ماكانى: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى پائالىيەتنى كۆرگۈچى ئاممىغا قاراشقا ئىشلەتتى"دېيىلگەن، ھەتتا قەشقەردە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا يەرلىكلەرنى زىيارەت قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان تىنجىتىش "جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش"دەرىجىسىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن
دوكلاتتا، تىبەت قاتارلىق رايونلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان تىنجىتىش ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغاندەك "جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش"دەرىجىسىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى، ھەددىدىن ئارتۇق بەزىدە ئەجەللىك ھەرىكەتلەرنى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقى، خىتايدىكى ناچارلىشىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جىيەنچاۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنى رەت قىلىپ: "خىتاينى چۈشىنىدىغان ھەر قانداق بىر ئادەم بۇ دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇنلارغا قوشۇلمايدۇ" دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: " بىز خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللاردىن بېرى تاقاپ كېلىۋاتقان رەڭلىك كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ خىتايغا ئوبيېكتىپ نۇقتىدا قاراپ چىقىشىنى ۋە بۇ جەھەتتە كۆپرەك ئىجابىي خىزمەتلەرنى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز."
ت. كۇمار ": كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىش قىلمىشلىرىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز"
ھالبۇكى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ت. كۇمار ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەيدانىنى رەت قىلدى ۋە ئۆز تەشكىلاتى ئېلان قىلغان مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 - يىلى ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى تالىشىۋاتقان بەرگەن ۋەدىلىرى ۋە شۇ ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش دەرىجىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى پاكىتلار ئاساسىدا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتقا خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىلىرى ھەققىدە توختالغان ت كۇمار مۇنداق دېدى: " ئۇلار بەرگەن بىر كونكرېتنى ۋەدە بولسا ئاخبارات، خەلقئارا ئاخباراتقا تولۇق يول ئېچىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت دېدى. ئەمما ھازىر كۆرۈۋاتقىنىمىز دەل بۇنىڭدىن ئەكسى. ئۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە، خىتايدا يېڭىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان قولغا ئېلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىش قىلمىشلىرىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز."
دوكلاتتا بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇۋېتىش قاتارلىق تەكلىپلەر بېرىلگەن
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر قاتار تەكلىپلەر بېرىلگەن ۋە خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۇچۇن بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئاقلاشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ئولىمپىكنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، بەزى تەرەپلەردە ئەسلى مەۋجۇت سىياسەت، چارىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن كوزىر قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا ھازىر خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇۋېتىش، ساقچىلارنىڭ دەۋاگەرلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى، ئولىمپىك ئۇچۇن تازىلاش ھەرىكىتى سۈپىتىدە ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىشىدىن توسۇش، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرنىڭ تولۇق رويخېتىنى ئېلان قىلىش، خىتاي ۋە خەلقئارا مۇخبىرلارغا ئەركىن خەۋەر بېرىش مۇھىتى يارىتىش قاتارلىق تەكلىپلەر بېرىلگەن.