ئىككى ناھىيىنىڭ تارتقان زىيىنى تەخمىنەن 120 مىليون يۈەنگە يەتكەن. مەزكۇر ئېغىر زىيان كەلپىن ۋە ئاقچى ناھىيە ھەم ۋىلايەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلاپ چىقىلغان.
ئاپەت بىر قەدەر ئېغىر جايلارنىڭ بىرى كەلپىن ناھىيىسىنىڭ يۇرچى يېزىسى ئىكەن. ئاقچى ناھىيىسىنىڭ سەپەرباي يېزىسىدىكى ئاپەت بىر قەدەر ئېغىرراق بولغان. بىر قانچە نەپەر يەرلىك ئادەملەردىن تېلېفون ئارقىلىق ئىگىلىشىمىزچە، كەلپىننىڭ يۇرچى يېزىسىدىكى مەلۇم ساندىكى ئاساسلىقى كونا ۋە يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئۆيلەر ئۆرۈلگەن ياكى دەز كەتكەن بولۇپ، يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، يېڭى ئۆيلەرگە زىيان يەتمىگەن. بۇ ئىككى ناھىيىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ۋە قىرغىزلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن بولغاچقا ھازىرچە ئىئانە توپلاش قاتارلىق ياردەم ئىشلىرىنىڭ تېخى باشلانمىغان، بەلكى دۈشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن باشلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
يەنە بىر خانىم بولسا، ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى، ناھىيە ۋە ۋىلايەت دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرىۋاتقانلىقى ۋە زىيانلارنى ئېنىقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بىراق، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان خىتاي رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدا پەقەت ئۆرۈلگەن ۋە بۇزۇلغان ئۆيلەر ھەم باشقىلارنىڭ شۇنىڭدەك تارتىلغان ئومۇمىي زىياننىڭ سانىلا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ياردەم بېرىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە تەپسىلاتلار تونۇشتۇرۇلمىغان شۇنىڭدەك بۇ جايلارنىڭ چەت ۋە قاتناش قولايسىز بولۇشتەك ئەھۋالىنىڭ ياردەملەرنى يەتكۈزۈشكە قولايسىزلىق پەيدا قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تېخى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەرلىك ياردەملىرىگە ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ۋە پۇقرالار بۇلارغا خالىسانە ياردەم قىلىشقا تەييارلانغان.
ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسىنىڭ نوپۇسى 35 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ ناھىيە 2001 - يىلى خىتاي بويىچە ئەڭ كەمبەغەل ناھىيە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. كەلپىن نوپۇسىنىڭ %96 ئۇيغۇرلاردۇر، ئاپەت يۈز بەرگەن يۇرچى يېزىسىنىڭ نوپۇسى 11 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلار.
ئاقچى ناھىيىسى قىزىلسۇغا تەۋە ناھىيە بولۇپ، قىرغىزىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. نوپۇسى 40 مىڭدىن ئارتۇق، ئاساسلىقى قىرغىز، ئۇنىڭدىن قالسا، ئۇيغۇر ۋە خىتايلار ياشايدۇ. ئاپەت يۈز بەرگەن سەپەرباي يېزىسىنىڭ ئاساسلىق ئائىلىسى قىرغىزلار بولۇپ، بۇ جايمۇ خىتاي بويىچە ئەڭ كەمبەغەل نۇقتىلاردۇر.