ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتاي مەكتەپلىرىدە كەمسىتىلىشى ئومۇمى ئەھۋال
2013.01.18
بىز، بۇ يەردىكى خىتاي تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە بالىلار كەپسىزلىك قىلسا ئوقۇتقۇچىلار تەن جازاسى بېرىدىغان ئىش بار دەپ ئاڭلىدۇق، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ:
- بەزى بالىلار بەك كەپسىز، گەپ ئاڭلىمايدۇ، بۇنداق چاغدا بىز ئۆزىمىزنى باسالماي قالىمىز، بىراق كېيىن يەنە ئۇنچىلا قاتتىق قوللۇق قىلمىسام بوپتىكەن دەپمۇ ئويلاپ قالىمىز، - دەپ جاۋاب بەردى. بىز يەنە دېمەكچى بولغىنىڭىز، بالىلارغا خاتالىقىنىڭ دەرىجىسىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تەن جازاسى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقمۇ؟ دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ:
- شۇنداق، بەزى بالىلار ئادەمنى بەك خاپا قىلىۋېتىدۇ، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە بالىلار گەپ ئاڭلىماي ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلار بولغاندا تېخىمۇ شۇنداق، - دېيىش ئارقىلىق خىتاي مەكتەپلىرىدە بالىلارغا تەن جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى، ئەمما ئۇ تەن جازاسىنىڭ تۈرلىرىگە جاۋاب بېرىشنى خالىماي تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر: ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ روھى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ كەلگۈسى ساغلاملىق مەسىلىسى
بالىلارغا تەن جازاسى بېرىش ياكى ھەرقانداق بىر شەكىلدە بالىلارنى خارلاش دېموكراتىك ئەللەردە پۈتۈنلەي چەكلىنىدىغان بولۇپ، بالىلار دۆلەت قانۇنى تەرىپىدىن قاتتىق قوغدىلىدۇ، بىز كانادادا ياشاۋاتقان ماھىرە خانىم بىلەن بۇ توغرىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگىنىمىزدە، ئۇ خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن كانادا مەكتەپلىرىدىكى بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى سېلىشتۇرۇپ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە باشقىلار تەرىپىدىن روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خارلىققا ئۇچرىشى، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ساغلاملىق مەسىلىسىدىن ئىبارەت جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بالىلىقتىكى كەمسىتىلىش ۋە خارلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەر
غەرب پىسخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، ئادەتتە تىل ئارقىلىق كەمسىتىلگەن، يەنى سەت تىللار بىلەن تىللاشقا، لەقەم قويۇپ تېرىكتۈرۈلۈشكە ۋە ياكى باشقا جەھەتتە سۆز ئارقىلىق كەمسىتىلىشكە ئۇچرىغان، تاياق يېگەن، روھى جەھەتتە چەتكە قېقىلغان، يەكلەنگەن. سۈكۈت ۋە غەزەپ چىراي بىلەن يۈرىكىگە قوقاق سېلىنغان، كۆزگە ئېلىنماي ئېتىبارسىز مۇئامىلە قىلىنغان بالىلارنىڭ ھەممىسىدىلا ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق، مىجەزى چۇسلىشىپ كېتىش، دەرسكە دىققىتىنى يىغالماسلىق ياكى باشقىلاردىن قېچىش، ياۋايىلىق، تۇيۇقسىزلا ئۇ يەر، بۇ يېرى ئاغرىغاننى باھانە قىلىپ مەكتەپكە بارماسلىقنىڭ ئامالىنى قىلىش، روھى چۈشكۈنلىشىپ كېتىش، ئاسان ھاياجانلىشىش ۋە جىددىيلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. گەرچە، كېيىن قوزغىلىدىغان روھى بېسىم نورمالسىزلىقى كېسىلى بۇرۇن بىرەر ۋەقەگە ئۇچراش، قاتتىق قورقۇپ كېتىش دېگەندەك بىرەر قېتىملىق چۆچۈشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىندىن بېرى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ، بالا ۋاقىتتىكى داۋاملىق دېگۈدەك قايتىلىنىپ ئۇچرىغان روھى ۋە جىسمانى كەمسىتىلىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.
خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسى بۇلتۇر ئەنگلىيىدىكى 1994 - يىلدىن 1995 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇلغان 2232 نەپەردىن ئارتۇق بالىنى رەسمىي تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ DNA لىرىدىكى سانلىق مەلۇمات ئۆزگىرىشلىرى، كىچىكىدە قاتتىق تۇرمۇشقا، كەمسىتىلىشكە، زوراۋانلىققا، يەكلىنىشكە، روھى بېسىمغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ ھۈجەيرە دانچىلىرىنىڭ ئىتتىك قېرىيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇلار چوڭ بولغاندا ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشى، مىجەز خاراكتېرىنىڭ يامان تەسىرگە ئۇچرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.