خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازى بولغان كېرەم ئابدۇۋەلى بۇلتۇر 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئاچلىق ئېلان قىلغان. كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كېرەم ئابدۇۋەلى ئاچلىق ئېلان قىلىشنى بۇ يىل 6 - ئايغا قەدەر جەمئىي 9 ئاي داۋام قىلغان؛ خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى ئوكۇل ئارقىلىق تومۇرىدىن ئوزۇقلاندۇرۇپ ھاياتىنى ساقلاپ كەلگەن؛ ئائىلىسى ئۇنى ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلغاندا، كېرەم ئابدۇۋەلى ئورۇقلاپ بىر تېرە - بىر ئۇستىخان ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. نۆۋەتتە، كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن جىددىي ئەندىشىگە چۈشكەن ئائىلە - تاۋاباتى ئۇنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە كۆڭۆل بۆلۈش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم تەلەپ قىلماقتا.
ئاچلىق ئېلان قىلىش ئادەتتە قانۇن دۆلەتلىرىدە ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ تېز، ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكلى. تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاچلىق ئېلان قىلىش شەكلىدىكى قارشلىق ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4 - ئەسىردە ئىرلاندىيىدە يۈز بەرگەن. 19 - ۋە 20 - ئەسىرلەردە ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى ھەرىكەتلەردە كۆپ قېتىم قوللىنىلغان. بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى مەزگىلدە ئەڭ تەسىرلىك تەدبىر سۈپىتىدە قوللىنىلغان. شۇنچە يىللاردىن بېرىقى ئاچلىق ئېلان ھەرىكەتلىرىدە ئادەتتە 52 كۈن بىلەن 74 كۈن ئارىسىغا كەلگەندە ھاياتىدىن ئايرىلىش ئاقىۋىتى كۆرۈلگەن. پەقەت ھىندىستانلىق باغات سىڭ 1929 - يىلىدىكى ئاچلىق ئېلان قىلىش قارشلىقىنى 116 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ رېكورت ياراتقان. ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا، كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىش قارشلىىقى 9 ئاي يەنى 270 كۈن داۋام قىلغان. ئاچلىق ئېلان قىلىش 40 كۈنگە يەتكەندە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئىنىسىنى كۆرۈشۈشكە دەۋەت قىلغان؛ 198 كۈنگە يەتكەندە، ئانىسىنىڭ كۆرۈشۈشىگە يول قويغان. 270 كۈنگە يەتكەندە كېرەم ئابدۇۋەلى نامەلۇم سەۋەب بىلەن ئاچلىق ئېلان قىلىشنى توختاتقان. ئۇنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشنى بۇ قەدەر ئۇزۇن داۋاملاشتۇرالىشىغا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئوكۇل ئارقىلىق ئۇنى تومۇرىدىن مەجبۇرىي ئوزۇقلاندۇرۇشى سەۋەب بولغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كېرەم ئابدۇۋەلى دۇنيانىڭ ئەڭ دىكتاتور ھاكىمىيەتلىرىدىن بىرىگە دۇنيانىڭ ئەڭ قوبۇل قىلىنارلىق، ئەڭ تىنچلىقچى قارشلىق ھەرىكەتلىرىدىن بىرىنى قوللانغان. ئەلۋەتتە بۇ ئۇنىڭ ئىختىيارى تاللىشى ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئاخىرقى چارىسى سۈپىتىدە ئىنسانىي غورۇرىنى نامايەن قىلىشى. كېرەم ئابدۇۋەلى ئۆزىنىڭ ئىنسانىي غورۇرىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن يەنى جىسمانىي ماغدۇرىدىن ئاساسەن دېگۈدەك ئايرىلغان؛ ئۇ يەنىمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەش خەۋپىدە ياشىماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلىسى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ۋە خەلقئارا جامائەتنى كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرماقتا.
0:00 / 0:00