ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن باشقا «كېسەك دۆلەتلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بازار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيادا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت بىر چوڭ بازار شەكلىدىن باشقا برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي، جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت يەنە بىر خىل بازار شەكلى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

دۇنيادا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇنداق بىر چوڭ بازار شەكلىدىن باشقا برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي، جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت يەنە بىر خىل بازار شەكلى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان يۇقىرىقى بەش دۆلەت بازىرىنىڭ نامىنى، ئامېرىكىدىكى گولدېن ساكس شىركىتىنىڭ ئىقتىساد ماھىرى جىم ئونېيل 2001‏-يىلىدىكى تەتقىقات دوكلاتىدا، مەزكۇر بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت نامىنىڭ ئىنگلىزچە ئاتىلىشى بويىچە، ئۇنىڭ باش ھەرپىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ BRICS دەپ ئاتىدى. بۇنىڭ مەنىسى «كېسەكلەر» دېگەن بولىدۇ. ئەمما خىتاي بۇنى «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى» دەپ ئاتىۋالدى. بۇ «كېسەك دۆلەتلىرى»نىڭ تۆتىنچى قېتىملىق ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى 3‏-ئاينىڭ 29‏-كۈنى ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، «كېسەك دۆلەتلىرى» ھىندىستاندا ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشتا، بىرلىشىپ تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇش، ئۆز-ئارا پاي تىجارىتىنى كېڭەيتىش، مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا دوللىرىدا ئەمەس، بەلكى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇلىدا ھېساب بوغۇش دېگەندەك چوڭ نىيەت-مەقسەتلىك پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتايدا چىقىدىغان «شەرق بايلىقى» تور گېزىتى بۈگۈن «كېسەك دۆلەتلىرى»نىڭ ھىندىستاندا ئۆتكۈزگەن ئالىي ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان باش ماقالىسىدە، كېسەك دۆلەتلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن يەر شارىدا ئىقتىسادنىڭ پاراۋوزى بولىدۇ، دەپ جاكارلىدى.

ئەمما خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئىقتىساد تورى» بۈگۈن «كېسەك دۆلەتلىرى»نىڭ ھىندىستاندا ئۆتكۈزگەن ئالىي ئۇچرىشىشى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىدە، كېسەك دۆلەتلىرىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىن ئىبارەت بۇنداق بىر بازار شەكلىگە قارشى ئىسيان پىلانلىدى دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ «سودا تورى» بۈگۈن «كېسەك دۆلەتلىرى» ھەققىدە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي گەرچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنلىرىدا، «كېسەك دۆلەتلىرى» دېگەننى بىر تەشكىلات دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلمەكتە. ئەمما رۇسىيە دۇماسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى كونستانتىن كوساچېف «كېسەك دۆلەتلىرى» دېگەننى تەشكىلات ئەمەس، بىرخىل بازار شەكلى، بەلكى بىر شوئار دەپ چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بۈگۈن «كېسەك دۆلەتلىرى» ھىندىستاندا ئۆتكۈزگەن ئالىي ئۇچرىشىش ھەققىدە بىر ئوبزور ئېلان قىلدى. «كېسەك دۆلەتلىرى دۇنيادا يېڭى تەرتىپ تىكلىيەلەمدۇ؟» دېگەن بۇ ئوبزور، «كېسەك دۆلەتلىرى» نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە مۇلاھىزە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۇ كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ يەر مەيدانى پۈتۈن دۇنيا يەر مەيدانىنىڭ 26% ئىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ نوپۇسى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 42% ئىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ خەلق ئىگىلىك مەھسۇلات قىممىتى پۈتۈن دۇنيا مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 14.6% ئىنى تەشكىل قىلىدۇ؛ سودا مىقدارى پۈتۈن دۇنيا سودا مىقدارىنىڭ 12.8% ئىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەردە يېقىنقى يىللاردا ئىقتىساد ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10% دىن ئۆسۈپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشى ياكى ئۆسمەسلىكىگە 50% تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. دېمەك بۇ كېسەك دۆلەتلىرى دۇنيانىڭ بىر يېڭىچە بازارلىرى.

ئەمما، ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ «كېسەك دۆلەتلىرى» نىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى شارائىتىدا بىرمۇنچە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا نامرات نوپۇس كۆپ، ئىشسىزلار كۆپ، بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى بەك چوڭ، جەمئىيەت مۇقىم ھەم تىنچ ئەمەس، بۇ دۆلەتلەردە كېسەللىك ۋە تېررورچىلىقتەك ئىچكى ۋە خەلقئارالىق توقۇنۇشلار كۆپ. خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش بىر يوشۇرۇن خېيىم خەتەر. خىتاي بىلەن تىبەت، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بىر رېئال مەسىلە، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشمۇ بىر چوڭ خېيىم خەتەر. شۇڭلاشقا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش ئىقتىدارى چەكلىك، دېمەك ئۇنىڭ دۇنيانىڭ تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش پىلانى پەقەت بىر تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت.