كېسەللەرنى يوقلاشتىكى ئەدەپ - ئەخلاق قائىدىلىرى

كېسەللەرنى يوقلاش كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئالاقىلارنىڭ قويۇقلىشىشىغا، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە ئۆز‏ - ئارا دوستلۇقنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم بىر ئامىل. كېسەللەرنى يوقلاشنىڭ پەزىلىتى ئاچ قالغانلارغا تاماق بېرىش، يېتىملەرنىڭ باشلىرىنى سىلاشتەك ساۋابلىق ۋە ياخشى ئىشتۇر. بىر ھەدىستە:" ئاچ قالغانلارغا تاماق بېرىڭلار، كېسەللەرنى يوقلاڭلار"دەپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

ئىنسان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە دۇچار بولۇپ تۇرىدۇ. بەزى كېسەللەر ئازغىنا سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن شىپاسىنى تاپىدۇ، بەزى كېسەللەر ئۇيەر، بۇ يەرلەرگە ئېلىپ بېرىپ كۆپ مىقداردا ئىقتىساد سەرپ قىلىپ داۋالىتىش بىلەنمۇ شىپا تاپالماي بۇ ئالەمدىن ئايرىلىدۇ. شۇڭا ئىنسان كېسەللەرنى يوقلاپ بارغاندا، ئۇ كېسەل بولغان كىشىنىڭ ناھايىتى ئاجىز ھالىتىنى ئۆزىنىڭ ساق - سالامەت ھالىتىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تەن ساقلىقنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ نېمەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىپ، تېنى ساق ۋاقتىدا خەلقىگە ۋە ۋەتىنىگە پايدىلىق بولغان ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىۋېلىشقا ئالدىرىشى لازىم.

مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم كېسەللەرنى يوقلاشتىكى ئەدەپ - ئەخلاقلار ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى:" كېسەللەرنى يوقلاشقا سوۋغا ئېلىپ بېرىشنى شەرت قىلىۋېلىش ياكى كېسەل بولغۇچى ئادەم بىر نەرسە ئالماي كەلگەن ئادەمدىن رەنجىپ قېلىش ياخشى ئىش ئەمەس. چۈنكى ھەقىقىي ياخشى ئادەم قېرىندىشى بىلەن ئوچۇق چىراي ئۇچراشقاننىڭ ئۆزىنىمۇ كاتتا شەرەپ دەپ بىلىدۇ. شۇڭا بىر ھەدىستە:" قېرىندىشىڭ بىلەن ئوچۇق چىراي ئۇچرىشىشىڭدەك ئىش بولسىمۇ، ياخشىلىقتىن ھېچ نەرسىنى كىچىك سانىما"دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن كېسەللەرنى سوۋغا - ھەدىيە ئالماي يوقلاپ بارسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئوچۇق چىراي ئۇچرىشىپ، روھىي جەھەتتىن تەسەللى بەرگەن ئادەمنى قەتئىي تۆۋەن كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقى ئايان بولىدۇ. چۈنكى كېسەلنى قانچىكى كۆپ ئادەم يوقلاپ تۇرسا، روھسىز ياتقان كېسەلگە نىسبەتەن روھىي ئوزۇق بولۇپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە خۇرسەنلىك پەيدا بولۇپ، تېتىكلىشىپ قالىدۇ ۋە ئۆزىنى قەۋم - قېرىنداشلىرى ئىچىدە ئالاھىدە ھۆرمەتلىك ھېس قىلىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، دوست - يارانلىرى ۋە قوۋم - قېرىنداشلىرىغا بولغان مۇھەببىتى كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بارىدۇ. كېسەلنى يوقلاپ بارغاندا ئۇنىڭ يېنىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇشتىن ۋە تولا سۆزلەپ كېسەلنى بىزار قىلىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك. بەلكى ئۇنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولۇپ، روھىي تەسەللى تاپىدىغان سۆزلەرنى قىلىش لازىم."

مۇسۇلمان ئەمەس كىسەللەرنىمۇ يوقلاش ساۋابلىقتۇر

مۇھەممەد نىياز ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى:" باشقا دىندا بولغان ئۇرۇق - تۇغقان، خۇلۇم - خوشنا ۋە يار - بۇرادەرلەردىن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلار بولسا، ئۇلارنى باشقا دىندا دەپ قاراپ تاشلىۋەتمەستىن يوقلاش ياخشى ئىش بولۇپ سانىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر يەھۇدىي دىنىدىكى بالىنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ بارغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان خوشنىنى گەرچە ئۇ باشقا دىندا بولسىمۇ يوقلاش تولىمۇ مۇھىمدۇر. چۈنكى مۇسۇلماننىڭ ئۈستىدە مۇسۇلمان خوشنىسىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىككى ھەق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى، مۇسۇلمانلىق ھەققى، يەنە بىرى خوشنىدارلىق ھەققىدۇر. باشقا دىندىكى خوشنىسىغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر ھەق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ خوشنىدارلىق ھەققىدۇر. خوشنىدارلىق ھەققى ناھايىتى مۇھىم ۋە چوڭ ھەقتۇر. ئۇنى ئادا قىلىش مۇھىمدۇر. باشقا دىندا بولغان كېسەل خوشنىنى يوقلاشمۇ خوشنا ھەققىنىڭ بىر قىسمىدۇر."

كېسەل يوقلاشتا ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار

مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، كېسەللەرنى يوقلاپ كىرگەن ئادەم كېسەل كىشىنىڭ قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى سورىماسلىقى لازىم. چۈنكى مۇنداق قىلىش كېسەل كىشىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چۈشۈرۈشكە سەۋەب بولىدۇ. بەزى كىشىلەر نادانلىقتىن كېسەل بولغۇچىنىڭ قانداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى سورايدۇ. كېسەل بولغۇچى كېسىلىنى ئېيتىپ بەرسە، ئۇلار:" پالانى ئادەم مۇشۇنداق كېسەل بىلەن ئۇزۇن يېتىپ قېلىپ، ئاخىرى ساقىيالماي ئۆلۈپ كەتكەن" دېگەندەك ئازابلىق سۆزلەرنى كېسەلنىڭ يۈزىگە سېلىپ، ئۇنىڭغا روھىي ئازاب بولىدىغان ئىشلارغا سەۋەب بولىدۇ. شۇنداقلا، كېسەل ئادەمنىڭ يېنىدا مۇسىبەتلىك خەۋەرلەرنى ۋە ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئېيتماسلىق لازىم. چۈنكى مۇنداق قىلىش كېسەل كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئازابلايدۇ.