ئەمما 1949 - يىلىدىن كېيىن بۇ يول توسۇلۇپ قالغان. بۇ يول قانداق توسۇلۇپ قالغان ؟ كەشمىر مەسىلىسى قانداق بىر مەسىلە ؟ ئۇنىڭ ھەل بولماسلىقىدىكى سەۋەب نېمە؟ ھەل بولغان تەقدىردە ئۇيغۇر داۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئازادجان بۇغرا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەشمىر مەسىلىسىگە بۇنچىۋالا كۆڭۈل بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەبنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسى تۈپەيلى ئىكەنلىكىنى، كەشمىر مەسىلىسى ھەل بولسا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆپ پايدىسى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىشغالىيەتتە تۇرۇۋاتقان ھەرقايسى كەشمىرلەرنىڭ سىياسىي سالاھىيىتى
ھىندىستان ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدىكى جاممۇ ۋە لاداخ رايونىنى "جاممۇ كەشمىر" دېگەن نام بىلەن ھىندىستاننىڭ بىر ئازاد شتاتىغا ئايلاندۇردى. بۇ رايونغا ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىش، ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئاساسىي قانۇنى بولۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم فېدېرال ھەق ھوقۇقلارنى بەرگەندىن باشقا يەنە، كەشمىرنىڭ سىرتىدىكى ھىندىلارنىڭ كەشمىردىن زېمىن سېتىۋېلىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلماسلىق، سىرتتىن كەلگەن ھىندىلارنى كەشمىر نوپۇسىغا ئالماسلىق، رايوننىڭ ئۆزىگە خاس ئايرىم بايرىقى بولۇش ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئايرىم قانۇن چىقىرىش كېڭىشى بولۇش قاتارلىق مەخسۇس قانۇنلارنىمۇ ماقۇللىدى.
جاممۇ كەشمىرنىڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى ھىندىستان تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، باش مىنىستىر ۋە رايونلۇق مىنىستىرلار كومىتېتى جاممۇ كەشمىردىكى ھەرقايسى پارتىيىلەر تەرىپىدىن سايلام بىلەن بەلگىلەپ چىقىلىدۇ. ھىندىستان پەقەت رايونلۇق ھۆكۈمەت رەئىسى تۇرغۇزۇش ۋە چېگرا مۇداپىئەسى بىلەن جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كەشمىردە ھىندىستاننىڭ پۇل بىرلىكى كۈچكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.
پاكىستان بولسا، ئۆزىگە قاراشلىق كەشمىر رايونىدا "ئازاد كەشمىر" نامى بىلەن ئۆز ئالدىغا مەخسۇس ئاساسىي قانۇنى بولغان، ئەمما ھەربىي ئىشلار جەھەتتە پاكىستانغا تايىنىدىغان ئايرىم بىر دۆلەتنى قۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتنى دۇنيادا ھازىرغىچە ھېچبىر دۆلەت ئېتىراپ قىلغىنى يوق. پاكىستانغا قاراشلىق ئازاد كەشمىرنىڭ سىياسىي سالاھىيىتى ئاساسەن دېگىدەك شىمالىي قىبرىس (سىپرۇس) تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىياسىي سالاھىيىتى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئازاد كەشمىرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم بايرىقى بولغاندىن سىرت، جۇمھۇر رەئىس ۋە باش مىنىستىر سايلاملىرى ئۆتكۈزىلىدۇ، رايونلۇق مىنىستىرلار كابېنتى بىلەن ئازاد كەشمىر ھۆكۈمىتىمۇ پۈتۈنلەي كەشمىر خەلقى تەرىپىدىن سايلام ئارقىلىق تەشكىللەپ چىقىلىدۇ. بىراق چېگرا مۇداپىئەسى بىلەن جەمئىيەت ئامانلىقى پاكىستان تەرىپىدىن قوغدىلىنىدۇ ۋە پاكىستاننىڭ پۇل بىرلىكى كۈچكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.
ھەر ئىككى كەشمىرنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىنى بىر بىرىگە سېلىشتۇرغاندا، گەرچە نۇرغۇن جەھەتلەردە ئوخشىشىپ كېتىدىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما پاكىستان تەرەپنى "تېخىمۇ كەڭ ھەق ھوقۇق بەرگەن" دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا كەشمىر خەلقى گەرچە مۇستەقىل ئايرىم دۆلەت بولۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، يەنىلا پاكىستاننى ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشغالىيەتچى دۈشمەن قاتارىدا ئەمەس، بەلكى دوست ۋە ياردەمچى دۆلەت قاتارىدا كۆرىدۇ. چۈنكى بىرىنچىدىن پاكىستان بىلەن دىن ۋە مەدەنىيەت ئوخشاشلىقى بار، ئىككىنچىدىن پاكىستان كەشمىرلىكلەرنىڭ جاممۇ كەشمىردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئازادلىق كۆرۈشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقان بىردىن بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. مەسىلىنىڭ دەل مۇشۇ تەرىپى "خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلار نېمە ئۈچۈن پاكىستانغا قاراشلىق كەشمىر رايونىدا يۈز بەرمەي، ھىندىستانغا قاراشلىق جاممۇ كەشمىردىلا يۈز بېرىدۇ؟" دېگەن سوئالغا يېتەرلىك جاۋاب دېگىلى بولمىسىمۇ، مەلۇم جەھەتتىن تولۇقلىما بولالىسا كېرەك.
خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى كەشمىرگە، يەنى ئاقسايچىنغا كەلسەك، كەشمىرلىكلەر ئەينى چاغدىلا پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇ رايونلارغا بىڭتۇەن بىلەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر دېھقانلار يەرلەشتۈرۈلگەن. خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئاقسايچىن رايونى ھازىر يېرىنىڭ مۇنبەتلىكى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم تېرىلغۇ بازىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كەشمىرنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى
كەشمىر، تارىخنىڭ نۇرغۇن دەۋرلىرىدە تۈركىي خەلقلەر بىلەن، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئۆز - ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بىر رايون. چۈنكى كۇشان ۋە ئاقھۇن ئىمپراتورلۇقلىرىدىن باشقا يەنە، سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدىمۇ كەشمىرنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى خانلىق تەرىپىدىن باشقۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇزۇن تارىختىن بۇيان كەشمىر خەلقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز - ئارا ئىناق قوشنا، ئۇرۇق تۇغقان بولۇپ ياشاپ كەلگەنلىكى مەلۇم. قىسقارتىپ ئېيتقاندا، كەشمىرلىكلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئوخشاشلىقى ۋە ئۇزاق تارىخلىق يېقىن رىشتە مۇناسىۋىتى بار. بۇ مۇناسىۋەت تاكى خىتاي ئىشغالىيىتىگە قەدەر ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، كەشمىر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتقا ئېچىلغان ئېغىزى، تاشقى سودا مەركىزى بولغاندىن سىرت، دۆلەت خېيىم خەتەرگە دۈچ كەلگەن ئەھۋالدا، چەتئەللەرگە سېغىنىدىغان ۋە چەتئەللەردىن ياردەم ئالىدىغان ئارقا ھويلىسى بولۇش رولىنىمۇ ئويناپ كەلگەن ئىدى.
مەسىلەن: 1868 - يىللىرى ياقۇپبەگنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئوسمانىيە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ياردەمچى قوشۇنمۇ دېڭىز يولى ئارقىلىق ئالدى بىلەن بۇمبايغا كەلگەن، ئاندىن قۇرۇقلۇق يولى بولغان لاداخ ئارقىلىق قەشقەرگە كېلىپ، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بەرگەن ئىدى. يېقىنقى دەۋردىمۇ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق مۆھتەرەم رەھبەرلىرىمىز باشچىلىقىدىكى نۇرغۇن مۇجاھىدلار لاداخ ئارقىلىق كەشمىرگە بېرىپ، ئاندىن تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە يەرلەشكەن. ھەتتا نۇرغۇنلىغان مۇجاھىدلىرىمىز ۋەتەندىن كۆپ يىراقلاپ كېتىشنى خالىماي، تەييارلىق پۈتكەن ھامان ۋەتەنگە قايتىپ كىرىپ، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش باشلاش مەقسىتىدە كەشمىردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى.
دېمەك، كەشمىر، ئىستراتېگىيە جەھەتتە شەرقىي تۈركىستانغا نىسبەتەن قانداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە رايون ھېسابلانسا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە تىبەتتىكى ئىشغالىيىتىنى مۇستەھكەملىيەلىشىگە نىسبەتەنمۇ يەنە شۇنداق ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە رايون ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاي 1950 - يىلىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ قانچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىۋىي نەيرەڭۋازلىقىنى ئىشقا سېلىپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى ئۆز - ئارا كاللا سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاشتا كەشمىر مەسىلىسىنى ئەڭ مۇھىم كوزۇر قاتارىدا سۇيىئىستېمال قىلىپ كەلمەكتە.
خىتاينىڭ كەشمىرگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
خىتاينىڭ كەشمىرگە ھۇجۇم قىلىشىدا بىر قانچە تۈرلۈك سەۋەبلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم ۋە ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇدىغىنى گىئوئىستراتېگىيلىك ۋە گىئوپولىتىكىلىق ئىككى خىل سەۋەبتىن ئىبارەتتۇر.
گىئوئىستراتېگىيلىك سەۋەبكە كەلسەك، بىرىنچىدىن، لاداخ رايونىنىڭ ھىندىستاننىڭ شىمالىغا، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، نېپال ۋە بۇتان قاتارلىق جايلارنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقى، ئىككىنچىدىن، بۇ رايوننىڭ ھىمالايا تاغلىرىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز تاغ تىزمىلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا بۇ رايون ھىندىستاننى شىمالدىن كېلىدىغان تەھدىتلەردىن مۇداپىئە قىلىشتا قانداق زور ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلانسا، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ۋە تىبەتتىكى ئىشغالىيىتىنى ساقلاپ قالالىشىدىمۇ ۋە سىرتتىن كېلىدىغان تەھدىتلەردىن ئۆزىنى مۇداپىئە قىلالىشىدىمۇ يەنە شۇنداق ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئۈچىنچىدىن، ئىنتايىن مۇرەككەپ تاغ تىزمىلىرى تۈپەيلىدىن تېخىچە خىتاي بىلەن بولغان چېگرا سىزىقى بەلگىلەنمىگەنلىكى ۋە بۇ بوشلۇقتىن بولۇشىغا نەپ ئېلىشنى ئۇزۇندىن بۇيان قەستلەپ يۈرگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، كەشمىرنى يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت كېڭەيمىچى بۇزۇق ئىدېئولوگىيسىنىڭ رول ئوينىغانلىقى ئىدى.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ رايوننى جەنۇبىي ئاسىياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش يولىدىكى دەسلەپكى ئۆتكەل ياكى تۇنجى بالداق قاتارىدا كۆرگەن ئىدى. دېمەك، لاداخ رايونى خىتايغا نىسبەتەن كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم دەرۋازىغا ئايلانغان بولسا، ھىندىستانغا نىسبەتەن دۆلەتنى مۇداپىئە قىلىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك سېپىل بولۇش رولىغا ئىگە ئىدى.
كەشمىرنىڭ گىئوپولىتىكىلىق ئورنى
ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا چىققان كەشمىرنى تالىشىش ئۇرۇشى خىتاينى ئىنتايىن سۆيۈندۈرۈۋەتكەن چوڭ كارامەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئىدى. چۈنكى غەربنىڭ كوممۇنىزمغا قارشى ئاسىيادىكى ئىككى مۇھىم ئىتتىپاقدېشى ۋە ئالدىنقى سەپ بازىسى بولغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز - ئارا توقۇنۇش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى، خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىياغا قاراتقان كېڭەيمىچى سىياسىتىگە نىسبەتەن تاپقىلى بولماس ئېسىل پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا خىتاي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز دەردى بىلەن ئاران تۇرغان پاكىستاندىن قەتئىي خاتىرجەم ھالدا شەرقىي تۈركىستانغا تېزلىك بىلەن بېسىپ كىردى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكىنىڭ چاۋشەن ئۇرۇشى بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى غەنىمەت بىلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى 1950 - يىلى 7 - ئۆكتەبىردە، 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تىبەتنىڭ شەرقىي قىسمىدىن بېسىپ كىرىشكە باشلىدى. (بۇ يەردە، خىتاينىڭ تىبەتكە بېسىپ كىرىشتە، كەشمىرنىڭ تىبەت بىلەن تۇتىشىدىغان ئاقسايچىن رايونىنى ئاتلاپ ئۆتۈشنى تاللىغانلىقى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇنى خىتاينىڭ ھىندىستانغا قاراتقان "تومۇر تۇتۇش ھىيلىسى" ياكى كەشمىرگە قىلىنىدىغان كېيىنكى ھۇجۇمنىڭ دەسلەپكى ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ) ھىندىستان بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تىبەتنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمىدى ۋە 1950 - يىلى 31 - ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نوتا تاپشۇرۇپ، تىبەتنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ھىندىستاننىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىش تۈپەيلى ھىندىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېرىكلەشتى. تىبەتنىڭ روھانىي لىدېرى دالاي لاما دەرھال ھىندىستان بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، پاناھلىق تىلەش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ھىندىستان باش مىنىستىرى نېھرو دالاي لاماغا ۋاقتىنچە تىبەتتە تۇرىۋېرىشنى تەۋسىيە قىلىپ، خىتايغا نىسبەتەن ئېھتىيات يۈزىسىدىن يۇمشاق سىياسەت تۇتۇشتىن ئىبارەت تارىخى بىر خاتالىقنى سادىر قىلدى.
خىتاي ھىندىستاندىن كېلىدىغان خەۋپتىن بىر ئاز خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، شەرقى تۈركىستان بىلەن تىبەتتىكى مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە خىتايغا قارشى كۈچلەرنى تازىلاشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ مەزگىللەردە ئىدېئولوگىيىلىك ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە باشلىدى.
1959 - يىلى مارتتا تىبەتنىڭ روھانىي لىدىرى دالاي لاما نۇرغۇن ئادەملىرى بىلەن ھىندىستانغا قېچىپ چىقىپ پاناھلىق تىلىدى. شەرقى تۈركىستاندىمۇ، "مۇھەمەد ئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن تاغ ئارقىسىغا ناھايىتى چوڭ قوشۇن توپلاپتۇ، پات يېقىندا بېسىپ كىرىپ خەلقنى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدۇرۇدىكەن" دېگەن سۆزلەر كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىغا ھۇجۇم قىلىش خىتايغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم يادرولۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى. چۈنكى بۇ ھۇجۇم ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ھىندىستانغا، بىر تەرەپتىن سوۋىت ئىتتىپاقىغا ھەيۋە قىلغىلى، يەنە بىر تەرەپتىن ھىندىستانغا بېسىم ئىشلىتىپ، مىدىرلىماس ھالغا كەلتۈرگىلى، ئىچكى جەھەتتە يەرلىك خەلقنىڭ سىرتتىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدلىرىگە زەربە بېرىپ، چەتئەل بىلەن ئالاقە ئورنىتىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىغىلى بولاتتى. شۇڭا ماۋزېدۇڭمۇ 1962 - يىللىق ئۇرۇش قىلىش بۇيرىقىدا، "بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى 30 يىل بىخەتەرلىككە ئىگە قىلالايمىز،" دەپ تەلىم بەردى. شۇنىڭ بىلەن 1962 - يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان ھۇجۇم ساق 5 ئاي داۋام قىلدى ۋە نەتىجىدە خىتاي كەشمىرنىڭ لاداختىكى ئاقسايچىن رايونىنى ئىشغال قىلدى. شۇ يىلى دېكابىردا يەنى ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەزگىلدە، پاكىستان بىلەن چېگرا سىزىقى بەلگىلەش كېلىشىمى تۈزۈپ، پاكىستانغا قاراشلىق كەشمىرنىڭ بەلتىستان رايونىغا تەۋە شاكسگام ۋادىسىنى ("كەشمىر مەسىلىسى تولۇق ھەل بولغانغا قەدەر خىتاي كونتروللىقىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ" دېگەن شەرت بىلەن) پاكىستاندىن ئۆتكۈزۈۋالدى. كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھىندىستان تەرەپتە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ھىيلىگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىگە زىيانلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال ئۆز ئالدىغا ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
كەشمىر مەسىلىسىنىڭ بىردىن - بىر چارىسى مۇستەقىللىقتۇر
ئەسلىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن 1948 - يىلى ئېلان قىلىنغان ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش بايانامىسىدا مەسىلىنى كەشمىر خەلقىنىڭ ئاۋازىغا قويۇش شەرت قىلىنغان ئىدى. ھەتتا ھىندىستاننىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى لال نېھرومۇ 1947 - يىلى 27 - ئۆكتەبىردە پاكىستان بىلەن ئەنگلىيىنىڭ باش مىنىستىرلىرىغا يوللىغان 402 نومۇرلۇق تېلېگراممىسىدا "بىزنىڭ داۋاملىق تەكرارلايدىغان ئاشكارا كۆز قارىشىمىز - مەسىلىنىڭ خەلقنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن ھەل قىلىنىشىدۇر، بىز بۇ قاراشتا مەھكەم تۇرىمىز" دېگەن. ئاندىن 1947 - يىلى 31 - ئۆكتەبىردە پاكىستان باش مىنىستىرىغا يوللىغان 3 تېلېگراممىسىدىمۇ، "كەشمىر مەسىلىسىنى كەشمىرلىكلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قويۇپ بېرىش لازىم. بۇ يالغۇز ھۆكۈمىتىمىزنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ۋە كەشمىر خەلقىنىڭ ۋەدىسىدۇر" دېگەن ئىدى.
لال نېھرو 1952 - يىلى ھىندىستان پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە بولسا، "كەشمىر مەسىلىسىنى ئەگەر ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ھەل قىلساق، كەشمىر خەلقنىڭ بىزگە قىتىلمايدىغانلىقى ئېنىق، بىز بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن ئازاب ھېس قىلىمىز، بىراق مەيلى قانچىلىك ئاچچىق يۇتۇشقا، ھەتتا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كەلگەن ئەھۋالدىمۇ، بىز بەرگەن بۇ ۋەدىمىزدىن يانماسلىقىمىز لازىم. كەشمىر مەسىلىسىنى دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن كەشمىر خەلقىنىڭ ھۆر ئىرادىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش لازىم" دېگەن ئىدى.
ئەمما بۇنداق قىلغاندا پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ھىندىستان بۇ ۋەدىسىنى 63 يىلدىن بۇيان تېخىچە ئىشقا ئاشۇرۇپ باقمىدى.
مەنچە ھازىر دەل ۋاقتى كەلدى. ھىندىستان ب د ت نى ۋە غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنى يېنىغا ئالغان ھالدا سايلام ئۆتكۈزۈپ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ تەسىرى ئاستىدا قالمايدىغان شەكىلدە ئايرىم مۇستەقىل كەشمىر دۆلىتىنى دۇنياغا كەلتۈرۈشى لازىم.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.