كەتي پولىياس: "تەبىئىي بايلىقلار قۇچىقىدىكى نامرات خەلق"

ئۆتكەن ھەپتە جەنۋەدە ب د ت نىڭ 2010 ‏-يىللىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى ناملىق يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كەتي پولىياس خانىم قاتناشقان ئىدى. بىز ئۆتكەن ھەپتىدىكى پروگراممىمىزدا بۇ يىغىننىڭ ئومۇمىي جەريانى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق؛ بۈگۈن بىز بۇ يىغىندا كەتي پولىياس خانىم بەرگەن دوكلاتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

0:00 / 0:00

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، دۇنيادا تەبىئىي بايلىقلارغا بولغان ئېھتىياج كۈچەيمەكتە؛ بۇنىڭ ئەكسىچە، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ زاپاس مىقدارى ئازايماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بەزى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ تەبىئىي بايلىقلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىغا مەركەزلەشكەن دۆلەتلەر، تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىشتا ئادالەت، ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەت پرىنسىپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، يەنە بىر قىسىم يەرلىك، رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يول ئاچماقتا.

ب د ت نىڭ 2010 ‏-يىللىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى ناملىق يىغىندا مانا بۇ مەسىلە نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان. يىغىنغا، پاكىستاندىكى بالىچۇسلار، ئىراندىكى كۈرتلەر ۋە ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۆز رايونىنىڭ بايلىقلىرىدىن ئۆزلىرى بەھرىمەن بولالمايۋاتقان، ھەتتا ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقان ئون نەچچە مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى كەتي پولىياس خانىم يىغىندا: "تەبىئىي بايلىقلار قۇچىقىدىكى نامرات خەلق" دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 10 نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىۋاتقانلىقىنى، رايوندىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بايلىقلىرى سەۋەبىدىن چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى، زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

كەتي خانىم دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ بايلىقلىرىنىڭ تالان ‏- تاران قىلىنىش ئەھۋالىنى قىسقىچە مۇنداق بايان قىلغان: خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقى تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاپ-تالاش ئۈچۈن، ئۇ جايغا كۆپلەپ نوپۇس يۆتكەۋاتىدۇ. نوپۇس يۆتكەشنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىش ۋە خىزمەت ئىمكانى، تۇرالغۇ جاي قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى جەھەتتە ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. مانا بۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسى 1949 ‏-يىلدىكى 4%din ئەمدىلىكتە 40%ge يېقىنلاشتى. كەتي خانىم بۇ نۇقتىدا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2005 ‏-يىللىق بىر ھۆججىتىنى خىتاينىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن.

كەتي خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئۇيغۇر رايونىدا بىر قاتار زەنجىرسىمان مەسىلىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى، مەسىلەن، رايوننىڭ بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە توشۇش ئىشىنى پۈتۈنلەي خىتاي كۆچمەنلىرى ئىگىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، رايوندىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردە خىتاي تىلىنىڭ ئاساسلىق ئالاقە تىلى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ تارىيىپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا توسالغۇ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئۇيغۇر كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خەۋپكە دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

كەتي خانىمنىڭ سۆزلىرى بۇ نۇقتىغا كەلگەندە، ب د ت يىغىنىدىكى خىتاي ۋەكىللىرى، كەتي خانىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ داۋامىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي، ئۆكتە قوپۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. يىغىن رىياسەتچىسى مەسىلىگە ئالاقىدار بارلىق تەرەپلەرنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سېلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن كەتي خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇ سۆزىدە نەچچە مىليون خىتاي كۆچمىنىگە ئىش تېپىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا، ئۇيغۇرلارغا ئىش تېپىلمايۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە يۆتكىلىۋاتقانلىقىدەك بۇ ئاجايىپ ھادىسىگە ئالاقىدار خەلقئارا ئورگانلارنى دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

كەتي خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى غايىسى توغرا بولمىغان بۇ ئىقتىسادىي سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيىسىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. ئۇ، ئەگەر خىتاي رايوندا ھەقىيقەتەن ئىقتىسادى باراۋەرلىكنى شەكىللەندۈرمەكچى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوننىڭ نۇقتىلىق سودا-سانائەت ئورۇنلىرى ۋە شىركەتلىرىدە ئىشلەش ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيە جەھەتتە پۇرسەت باراۋەرلىكىگە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۈگۈن كەتي خانىم رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ كۈنى يىغىندا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى تولۇق بايان قىلالمىغانلىقىنى، ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، دۇنيادىكى تەبىئىي بايلىقلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىۋاتقان مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.