كېۋەزنىڭ ئىشى تولا، غېمى ئۇندىن تولا

پاختا باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، كېۋەزلەرنىڭ پىتلاپ كېتىشى ۋە ئۆزلىرى تېرىغان كېۋەزگە ئۆزلىرى ئىگە بولالماسلىقى كېۋەز تېرىغان دېھقانلارنىڭ بېشىغا چۈشكەن چوڭ بىر غەم.

0:00 / 0:00

بۇ يىل كېۋەز تېرىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بېشىغا يەنە غەم چۈشتى. چۈنكى پاختا باھاسى تۆۋەنلىمەكتە، كېۋەزلىكلەرگە كېۋەز پىتى چۈشمەكتە. بىڭتۇەن تارمىقىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بولسا غېمى ئۇنىڭدىنمۇ جىق، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى تېرىغان كېۋەزگە ئۆزلىرى ئىگە بولالمايدۇ، خالىغان جايىغا ئاپىرىپ ئەركىن ساتالمايدۇ.

«كېۋەز تېرىغان دېھقان بىر تۈپ كېۋەزدىن پاختا ئالغۇچە ھەر تۈپ كېۋەزنىڭ بېشىنى 37 قېتىم سىلايدۇ» دېگەن سۆز بار. بۇ كېۋەز دېھقانلىرىنىڭ كېۋەزلىكىگە قانچىلىك كۆپ ئەجىر ۋە ئەمگەك قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پاختا بازىسىغا ئايلاندۇرغاندىن بۇيان تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېتىزلار ئاساسەن كېۋەزلىككە ئايلاندۇرۇلدى، نۆۋەتتە كۆپىنچە ئۇيغۇر دېھقانلىرى پاختىسىدىن كىرگەن ئازغىچە كىرىمگە تايىنىپ جان بېقىپ كەلمەكتە.

شىنجاڭ ئۇچۇر تورىدا بۇلتۇرقى بىر خەۋەردە كۆرسىتىشىچە،ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىسى تېرىلغۇ كۆلىمى، ئومۇمىي ھوسۇلى، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى قاتارلىق يەتتە كۆرسەتكۈچتە ئۇدا 18 يىلدىن بۇيان خىتاي بويىچە-1 ئورۇننى ساقلاپ كەلگەن. شۇنداقلا خىتاينى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا بازىسىغا ئايلاندۇرغان. بۇ «ئاق ئىگىلىك» خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلى دېھقانلىرىنى بېيىتقان ئاق ئالتۇن دەپ تەشۋىق قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك ۋە بىڭتۇەن بولۇپ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 15 مىليون موغا يېتىدۇ. بۇلتۇر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاق ئىگىلىكىنىڭ ھوسۇلى بىر مىليون 500 مىڭ توننىغا يەتكەن ئىدى.

ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار كېۋەزلىكلەردىن بۇ يىللىق پاختىلىرىنى يىغىشقا تەييارلاندى. ئەمما دېھقانلارغا ئارقا ‏-ئارقىدىن پايدىسىز خەۋەرلەر ياغماقتا.
ئۇيغۇر ئېلى دېھقانچىلىق نازارىتى-8 ئاۋغۇست، ئۇيغۇر ئېلىدە كېۋەز پىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى. يەنى بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى قىسمەن كېۋەزلىكلەردە كېۋەز پىتى ئاپىتى يۈز بېرىپ 320 مىڭ مو ئەتراپىدا كېۋەزلىكلەرنى زىيانغا ئۇچراتقان. كېۋەز پىت ئاپىتى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق جايلاردىكى كېۋەزلىكلەردە كۆرۈلگەن بولۇپ، تۇرپاندا بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.

تازا غوزا ئېچىلغان پەيتتە كېۋەزلىكلەرنىڭ كېۋەز پىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى دېھقانلارغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

بالا كەلسە قوش كەپتۇ دېگەندەك، پاختىنى قۇرۇت ئاپىتى باسقاندىن باشقا بۇ يىل پاختا باھاسى تۆۋەنلىگەن.

بۇ يىل-1 ئايدا خەلقئارا بازاردا پاختا باھاسىنىڭ 140 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھاغا يەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىتىلغان ئىدى. يەنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەلقئارا پاختا زاكاز مال باھاسى 2010-يىلى ئۆكتەبىر قاداق باھاسى 1.198 دوللارغا ئۆسۈپ 140 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى، كېۋەز تېرىيدىغان ئاساسلىق رايونلار تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچراپ ھوسۇلنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، دوللار كۇرسىنىڭ چۈشىشى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ پاختىغا بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجى خەلقئارادا پاختا باھاسىنىڭ ئۈچ ئايدا 56% ئۆسۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

خەلقئارادا پاختا باھاسى ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدە دېھقانلارنىڭ پاختىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى چۈشۈشكە باشلىغان. شىنجاڭ لىنىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە پاختىچىلىق كارخانىلىرى مەھسۇلاتلىرىنى زاپاس ساقلاش باسقۇچىدا كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ يىللىق يېڭى پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېشىشى، ئىستېمالنىڭ تۆۋەنلىشى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ پاختىنى خام ئەشيا قىلغان كىيىم-كېچەك توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى خەلقئارا ئىقتىسادىي چېكىنىشنىڭ تەسىرىدە زور مىقداردا ئازايغانلىقتىن پاختا باھاسىنىڭ نۆۋەتتىكىدەك چۈشۈش بوشلۇقى مەۋجۇت ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلى دېھقانلىرىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، نۆۋەتتىكىدەك كېۋەز تېرىغان دېھقانلارغا پايدىسىز بىر ھالەتتە، بىڭتۇەن تارماقلىرىنىڭ پاختا باھاسىنى ئۆزلىرى مونوپول قىلىۋېلىشى قىش ئۈستىگە قىرو بولغاندەك دېھقانلارنى ئەندىشىگە قويماقتا. بۇ ھەقتە بىڭتۇەن چېگرا دائىرىسىگە ئېلىنغان جايدىكى بىر كېۋەز تېرىغان دېھقان ئۆزى تېرىغان كېۋەزگە ئۆزى ئىگە بولالماي كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتلاردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەر يىلى چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ 80% ئىدىن كۆپرەكى خىتاي دېڭىز ياقىسىدىكى توقۇمىچىلىق سانائىتى تەرەققىي تاپقان رايونلارغا سېتىلىدۇ.

خىتاينىڭ سانائەت پاختىسىنىڭ 30% ئىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاختىسى كاپالەتلەندۈرىدۇ.