خىتاي ھۆكۈمىتى كېيىنكى 10 يىلدا ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا يەنىمۇ زور قەدەم ئالماقچى

خىتاينىڭ كېيىنكى 10 يىللىق مائارىپ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات پىلانى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئالدىنقى قەدىمىنى تاماملاپ، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك قەدەمگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كېيىنكى 10 يىللىق مائارىپ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات پىلانىنى ئاشكارىلىدى. پىلانغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مائارىپىدا يەنىلا قوش تىللىق مائارىپنى ئىزچىل كۈچەيتىش، 2020-يىلىغا قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ 90% تىنى پۈتۈنلەي خىتايچە مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ھالەتكە ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان. خىتاينىڭ كېيىنكى ئون يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزمەكچى بولغان مائارىپ سىياسىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردە بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت تورىدا ئۆتكەن ھەپتە "ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا ھەم ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات پىلانى" دەپ ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك پىلاننىڭ مەزمۇنلىرىغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 21-ئەسىر كىرىشى بىلەن باشلىغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئاساس قىلغان مائارىپ ئىستراتېگىيىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچلۇق قەدىمىنى تاماملاپ، كېيىنكى قەدەملىرىنى ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
2010-يىلىدىن 2020-يىلىغا قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا ئېلىپ بارىدىغان ئۆزگىرىشلىرى يەنىلا قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھالدا ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، يەنى پىلاندا ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى 2020-يىلىدا مەملىكەتنىڭ مائارىپ سۈپەت ھەم سەۋىيىسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈش نىشان قىلىنغان. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى قوش تىل يەسلىلىرىدە تەربىيىلەش نىسبىتىنى 2012-يىلىدا 85% كە يەتكۈزىدىكەن، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپىنى قوبۇل قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ نىسبىتىنى 2015-يىلى 75% كە 2020-يىلى 90% كە يەتكۈزىدىكەن شۇنداقلا شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن مىللىي مەكتەپلەرنى خىتاي مەكتەپلەرگە داۋاملىق تۈردە قوشۇۋېتىش، قوش تىل يەسلىلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭ سىنىپى ئەندىزىسىدىكى شىنجاڭ ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا يىلىدا قوبۇل قىلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار سانىنى 10مىڭغا يەتكۈزۈش، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىشكە دائىر ئالىدىغان تەدبىرلەر ئۈستىدىمۇ كونكرېت توختالغان.

قوش تىل مائارىپىنى سەبىيلەر مائارىپىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىدىن تۇتۇش، قەدەم باسقۇچ بويىچە ئىلگىرىلىتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر كونكرېت خىزمەتلەر كۆرسىتىلگەن. يەنى پىلان بويىچە كېيىنكى ئون يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەكتەپلەردىكى 35ياشتىن تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى، مەملىكەتنىڭ قوش تىل مائارىپ قۇرۇلۇش پىلان بويىچە بىر تۇتاش قوش تىل تەربىيىسىدىن ئۆتكۈزۈش، ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلىدىغان سەۋىيە ئۆلچىمىنى يەنىمۇ يۇقىرىلىتىشقا ئوخشاش نىشانلار بەلگىلەنگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىنىڭ مۇقىملىقىنىمۇ بەكرەك تىلغا ئالغان بولۇپ، بارلىق خىزمەتلەردە ماركسىزم ئىدىيىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش تەكىتلەنگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئالدىن پىلانلانغان 10 يىللىق مائارىپ ئىستراتېگىيىسىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى، بارلىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، گۈزەل ۋە پاراۋان شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ نامىدا خىتاي تىللىق مائارىپنى ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىن كەلگۈسىدە ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش غەرىزى بارلىقى ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرى ئانالىز قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىدى. خىتاينىڭ ئېلان قىلغان بۇ ئون يىللىق مائارىپ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات پىلانى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئىلمىي ئاساسسىز بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ ماقالىلەر ئېلان قىلىپ كەلگەن ئامېرىكىدىكى ئاسترونومىيە ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى، گەرچە خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ غەرىزى قانچە قەبىھ بولسىمۇ، ئەمما رېئال ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، خىتاينىڭ ئالدىن پىلانلىغان 10 يىللىق پىلانىنى پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كانادادا پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتقان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى ئون يىلدا قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئەمەلىيلىشىش ۋەزىيىتىگە قارىغاندا مۇشۇ باسقۇچتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسەتلىرىگە كۈچلۈك قارشى بىر تەدبىر ئېلىشنى، ئەڭ مۇھىم تەخىرسىز مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.