يىغىن ئاخىرىدا بەزى قارارلار ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بەزىلىرى بۇ قارارلارنى "بىر ياخشى باشلىنىش" دېسە، يەنە بەزىلىرى ئۇ قارارلارغا "كارغا كەلمەيدۇ" دەپ باھا بەردى. ئەنگلىيىنىڭ مۇھىتقا مەسئۇل مىنىستىرى ئېد مىلىباند بولسا، بۈگۈن، خىتاينى كىلىمات مەسىلىسىنى ھەل قىلىش خىزمەت پىلانلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.
دۇنيا مىقياسىدىن 190 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان كوپېنھاگېن خەلقئارا كىلىمات سۆھبىتى، گەرچە ئىككى ھەپتە ناھايىتى كەسكىن تالاش - تارتىشلار ئىچىدە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما يىغىن ئاخىرىدا يەنىلا بەزى قارارلار ماقۇللىنالمىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، كىلىمات سۆھبىتى 2 - ھەپتىسى كرىزىس نۇقتىسىغا بېرىپ قالغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا بىر قىسىم كېلىشىملەر ئىمزالانغان بولۇپ، ئۇلار: يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش دەرىجىسىنى 2 سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن تۇتۇش ۋە 3 يىلغىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە 30 مىليارد دوللارلىق ياردەم قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بۇلاردىن باشقا يەنە، كىلىمات ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆزگىرىشلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشى ئۈچۈن 2020 - يىلىغىچە نامرات دۆلەتلەرگە 100 مىليارد دوللار ياردەم بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
گەرچە بۇ قېتىملىق كوپېنھاگېن كىلىمات يىغىنىدا يۇقىرىقىدەك كېلىشىملەر ئىمزالانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قارارلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى يوق. دۇنيادىكى مۇھىت قوغداش تەشكىلاتلىرى، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى، بۇنىڭغا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار بۇ قېتىملىق يىغىنغا: "گەرچە 200 دىن ئارتۇق دۆلەت رەھبەرى، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىدىن كېيىن بىر يەرگە يىغىلغان بولسىمۇ، ئەمما يىغىندىن ھېچقانداق نەتىجە ئالالمىدى. بۇ كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ،" دەپ باھا بەرگەن.
مەتبۇئاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ نەتىجىسىدىن ئەڭ رازى بولغان دۆلەت خىتاي ئىكەن. دۇنياغا ئەڭ كۆپ پارنىك گازى قويۇپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاينى باشقا دۆلەتلەر ئەزەلدىنلا كىلىمات سۆھبىتىدە ئاكتىپ بولماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۆپىنچە دۆلەتلەر "مەغلۇپ بولدى" دەپ قاراۋاتقان كىلىمات يىغىنىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، ئۇنى "ناھايىتى ياخشى بىر باشلىنىش" دەپ تەرىپلىگەن.
بۈگۈن ئەنگىلىيىنىڭ مۇھىت ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ئېد مىللىباند ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان گاردىيان گېزىتىدىكى ماقالىسىدا، خىتاينى كىلىمات يىغىنىدا قارار چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ: "خىتاي كىلىمات سۆھبىتىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇندى،" دېدى.
ئۇ، خىتاينىڭ ئىككى تۈرلۈك مۇھىم قارارنى رەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ نەتىجىسىز ئاياغلىشىشىدەك ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە: "ئەنگىلىيە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا شۇنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەككى، بىز ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز،" دېدى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي، يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان زەھەرلىك گازنى 50 پىرسەنتكىچە ئازايتىش، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر 80 پىرسەنتكىچە ئازايتىشى توغرىسىدىكى قارارنىڭ ماقۇللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بولۇپ، گەرچە باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بۇنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، خىتاي باشچىلىقىدىكى سۇدان، بولىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشى ئاۋاز بېرىشى بىلەن قارار ماقۇللىنالمىغان ئىكەن.
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋنمۇ ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندا مۇھىم قارارلارنىڭ ئېلىنىشىغا پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقىنى ئېيتىپ، يىغىندا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرگە "يوقتىن ياخشى" دەپ باھا بەرگەن. ئۇ يەنە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە بولغان قارارلارنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىشنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ قېتىملىق يىغىندا، مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە بىرەر قارارنىڭ ئېلىنماسلىقىغا تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپى، قويۇپ بېرىلىدىغان پارنىك گازىنىڭ ئازايتىلىش نىسبىتى، كونترول قىلىش سىستېمىسى ۋە ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرگە كېتىدىغان ئىقتىسادنى قانداق ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە كۆرۈلگەن ئىختىلاپلار سەۋەب بولغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى، مۇھىت مەسىلىسىدە ھەقىقىي نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەلىي قەدەملەرنىڭ ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق كوپېنھاگېن يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەر ئۈستىدە 6 ئايدىن كېيىن ئانالىز ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئاخىرقى قارار 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا مېكسىكىدا ئېچىلىدىغان يىغىندا ئېلىنىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.