شەنبە كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى، تونۇلغان دېموكراتچى ۋاسلاۋ خاۋېل كېسەل سەۋەبى بىلەن 75 يېشىدا ۋاپات بولدى. 1936-يىلى دۇنياغا كەلگەن خاۋېل 1960-يىللاردا سابىق چېخېسلوۋاكىيىدىكى دېكتاتور ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغالغان دېموكراتىك ھەرىكەتلەرگە باشلامچىلىق قىلغان. 1977-يىلى مەشھۇر «77 خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، چېخوسلوۋاكىيىنى دېكتاتور تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرغان چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە جەڭ ئېلان قىلغان، ئۇ سىياسىي پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغان. 5 يىل تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا ۋە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چەككەن ۋاسلاۋ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنىمۇ ناھايىتى قېيىن شارائىتلاردا ئېلىپ بارغان. ئۇ 1989-يىلى 27-نويابىردىن باشلاپ 10-دېكابىرغىچە داۋام قىلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، بۇ ھەرىكەت چېخوسلوۋاكىيە كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيىتىنى ئاياغلاشتۇرغان مەشھۇر تىنچلىق ئىنقىلابىدۇر. 1990-يىلى 6-ئايدا چېخوسلوۋاكىيىدە 1946-يىلىدىن بېرىقى تۇنجى دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈلگەن، نەتىجىدە ۋاسلاۋ چېخوسلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان. ئۇ پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن دۆلەتتە نۇرغۇن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان شۇنداقلا1993-يىلى چېخوسلوۋاكىيىنىڭ چېخ ۋە سلوۋاكىيەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە تىنچلىق بىلەن بۆلۈنۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى بولغان ۋاسلاۋ 2003-يىلى پرېزىدىنتلىقتىن قالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى ئاكتىپ قوللىغان. ئۇ نۇرغۇن قېتىم خەلقئارا كىشىلىىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. دۇنيادىكى 100 مەشھۇر شەخسلەر تىزىملىكىدە 4-ئورۇندا يەر ئالغان. ۋاسلاۋ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۆل بۆلگەن بىر شەخس بولۇپ، ئۇ رابىيە قادىر خانىم بىلەنمۇ بىر قانچە قېتىم ئۇچراشقان. قىسقىسى، ۋاسلاۋ خاۋېل ھاياتىدا ئىنسانىي قىممەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا ۋە بارلىق ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىغا ئىشىنىپ، ھاياتى بويىچە بۇ پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.
ۋاسلاۋغا ئوخشاش ئۆز ھاياتىنى تىنچلىققا بېغىشلىغان بىر شەخسنىڭ ۋاپاتى دۇنيادىكى بارلىق تىنچلىق سۆيەرلەرنى ۋە دېموكراتىيە قوللىغۇچىلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سالدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆزلىگەن باياناتىدا، ۋاسلاۋ خاۋېلنىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ «ئۇنىڭ تىنچلىق يولىدا قىلغان كۈرەشلىرى بىر ئىمپراتورلۇقنىڭ ھۈلىنى تەۋرەتتى، ئىنسانىي بىر لىدېرلىكنىڭ ھەرقانداق قورالدىن كۈچلۈكلۈكىنى ئىسپاتلاپ بەردى» دېدى.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مېركېل ۋاسلاۋنىڭ كىشىلىك پەزىلىتىنىڭ ئۇنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىگە ئوخشاشلا قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە ئۇنىڭ قىلغان پائالىيەتلىرىنىڭ سابىق شەرقىي گېرمانىيىدىمۇ زور تەسىر ياراتقانلىقىنى ئېيتتى. قىسقىسى، دېموكراتىك ئەللەرنىڭ بارلىق لىدىرلىرى ئۇنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى.
ۋاسلاۋ خاۋېلگە ئوخشاش ئىنسانپەرۋەرلىك ئابىدىسى بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، يەنى شەنبە كۈنى ئاخشام دۇنيادا ئۆزىنىڭ دىكتاتورلۇقى بىلەن داڭ چىقارغان يەنە بىر «مەشھۇر» لىدىر كىم جۇڭئېل ھاياتىدىن ئايرىلدى. كىم جۇڭئېلنىڭ، دادىسى كىم جۇڭ ئىلسۇن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مەزگىلدە يەنى 1941-يىلىدا سىبىرىيىدە تۇغۇلغانلىقى مەلۇم. ئەمما، شىمالىي كورىيىنىڭ رەسمىي بەلگىلىرىدە ئۇنىڭ 1942-يىلى شىمالىي كورىيىنىڭ باكدۇ تاغلىرىدىكى ھەربىي بازىدا دۇنياغا كەلگەنلىكى، ئۇ تۇغۇلغاندا ئاسماندا ئىككى يۇلتۇزنىڭ پەيدا بولغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ. شىمالىي كورىيىنىڭ قۇرغۇچىسى كىم ئىلسىننىڭ ئوغلى بولغان كىم جۇڭئېل دادىسى كىم ئىلسۇن 1994-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن دۆلەتنى ئىدارە قىلغان. دۆلەتنى قاتتىق ھەربىي تۈزۈم بىلەن باشقۇرغان كىم جۇڭئېل دۇنيادىكى 4-چوڭ ئارمىيىنىڭ لىدىرى. شىمالىي كورىيە خەلقىگە ئۆزىنى «قەدىرلىك لىدىر» دەپ مەدھىيىلەتكەن كىم جۇڭئېل دۆلەتنى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋەتكەن. بۇ دۆلەتنىڭ خەلقى ئۆز لىدىرلىرىنىڭ نۇر چېچىپ تۇرىدىغان يۈزى، ئارمىيىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن باشقا ھېچقانداق كىنو، تېلېۋىزىيە ياكى باشقا دۆلەتلەر، خەلقلەر ھەققىدە بىرمۇ ھۆججەتلىك فىلىم كۆرۈپ باقىمىغان. چۈنكى شىمالىي كورىيىدە كىنو كۆرۈش چەكلەنگەن.
كىم جۇڭئېلنىڭ ئۆلۈمى بىلەن شىمالىي كورىيىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان ب ب س مۇخبىرى ئۇيەردىكى كۆرگەنلىرىنى مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-پيۇڭياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىزچە فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلاردىن ئىنگلىزچىنى قانداق قىلىپ بۇنداق ياخشى ئۆگەندىڭلار دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلار ماڭا «ئۇلۇغ داھىمىزغا رەھمەت. ئۇ بىزنىڭ ئىنگلىزچە ئۆگىنىشىمىزگە رۇخسەت قىلدى» دېدى. مەن يەنە ئۇلاردىن دۇنيادىكى لىدىرلاردىن كىملەرنى بىلىسىلەر دەپ سورىسام ئۇلار ماڭا «ستالىن ۋە ماۋ زىدۇڭ» دەپ جاۋاب بەردى. ئەمما ئۇلار نېلسون ماندىلا دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپمۇ باقىمىغان ئىكەن. تېخنىكىدىن خەۋەرسىز شىمالىي كورىيە خەلقى يوللارنى لاتا بىلەن تازىلايدىكەن. كىچىككىنە بالىلار داھىيلارنىڭ ھەيكەللىرىنى قولى بىلەن سۈرتۇپ چىقىدىكەن.
كىم جۇڭئېل ۋەزىپىدە ئولتۇرغاندىن بېرى، دۆلەتتە ھېچقانداق ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغان، 23 مىليون شىمالىي كورىيە خەلقى ئاچلىقتا ياشىغان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھازىرغىچە 3 مىليون ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا شىمالىي كورىيىدە يەنە بىر قېتىم ئاچلىق كرىزىسى يۈز بەرگەن. دەسلەپتە بۇنى قوبۇل قىلمىغان شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشى بىلەن بىر قىسىم خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ ئاشلىق ياردىمىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
بۈگۈن لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتىدە بۇ ئىككى لىدىر ھەققىدە مۇنداق بىر سېلىشتۇرما ئېلان قىلىندى:
-شىمالىي كورىيىنىڭ داھىيسى كىم جۇڭئېلنىڭ خەلقى ئاچارچىلىق بىلەن بوغۇشۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ مەخسۇس ياپونىيىدىن ۋە ئىتالىيىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئاشپەزلىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى زېرىكىپ قالسا كۆرۈپ، كۆڭلىنى ئاچىدىغان 20 مىڭ كىنودىن تەركىب تاپقان كىنو ئارخىپى بار. ئەمما ئۇ جەنۇبىي كورىيە ياكى ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىنى كۆرگەنلەرنى تۈرمىگە سولايدۇ. ئۇ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى بىت -چىت قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يادرو بومبىسى ياسىغان. ئۇ ئۆزى رۇسىيىگە بارىدىغان پويىز سەپىرىدە قىزىل ھاراق ئىچىپ قىسقۇچپاقا يەيدۇ. ئەمما ئۇ ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، پىكرىنى سۆزلىگەنلەرنى قامايتتى.
ئاپتور ھەپتە ئاخىرىدا ۋاپات بولغان بۇ ئىككى لىدىرنىڭ تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ھاياتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلغان:
-كىم جۇڭئېلنىڭ ئەكسىچە، ۋاسلاۋ ئۇ بىر ئۆكتىچى ئىدى. ھاياتىنىڭ خېيىم -خەتەر ئاستىدا بولۇشىغا قارىماي، دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان، تۈرمىلەرگە چۈشكەن. ئاخىرى ئۆكتىچىلىكتىن پرېزىدېنتلىققىچە كۈرەش قىلىپ چىققان. ئۇ چېخ خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك كىشىسىگە ئايلانغان. ھاياتىنىڭ خېيىم-خەتەر ئاستىدا بولۇشىغا قارىماي دېكتاتورلۇققا قارشى چىقىپ، كوممۇنىزمغا خاتىمە بەرگەن. بۇ ئىككى لىدىر ئارىسىدىكى پەرق تولىمۇ زور. ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقىنى بىر دەۋردىن ئوخشىمايدىغان بىر دەۋرگە باشلاپ كىرگەن. ئۇنىڭ خەلقىگە بولغان ساداقىتى ئۇنىڭ قوزغاتقۇچ كۈچى ئىدى.
ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە بولسىلا بولمايدۇ ئەلۋەتتە، كىشىلەرگە ئوزۇق ۋە ئۆي كېرەك. ئەمما ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئارزۇسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇستەبىتچىلىككە ۋە زالىملىققا قارشى كۈرىشى ئۆزىنىڭ قىممىتىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدى. بۇ ئۇرۇشتا، كىم جۇڭئېل ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، قۇدرەتكە تويماسلىقى بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ بېشىغا كۈلپەت ياغدۇرۇپ، كۈلپەتنىڭ سىمۋولى بولدى. ئەمما ۋاسلاۋ بولسا بارچىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر ئۈلگىنىڭ سىمۋولى بولدى.