"كىرالىق نامايىشچىلار" ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىدى

ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن تۈركىيىدە نەشىر قىلىنىدىغان "تەرجۇمان" گېزىتىدە "كىرالىق نامايىشچىلار" ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ خىتاي كونسۇلخانا ئالدىدا نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن تەركىپ تاپقان نامايىشچىلارنى كىرالىق نامايىشچىلار دەپ ھاقارەت قىلىپ، ئۇ نامايىشچىلارنى مەلۇم بىر چەتئەلنىڭ ئىقتىسادى قوللىشى بىلەن نامايىش قىلدى دېگەندەك سەپسەتىلەرنى يازغان ئىدى.

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ ماقالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىغا قارشى رەددىيە بېرىپ باياناتلار يازدى. تۈركىيە دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسىغا، تەرجۇمان گېزىتى باشلىقىغا ۋە مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورىغا خەت يېزىپ ئۇ ماقالىنىڭ ئاپتورىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ئۈستىدىن ئورۇنسىز ھاقارەتلەش، تۆھمەت چاپلاش جىنايىتى ئارتىپ سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.شۇنداقلا مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى نەزمى چېلىنك بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە قاتتىق تەنقىد قىلدى.

نەتىجىدە، مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى نەزمى چېلېنك تەرجۇمان گېزىتىدە 7‏ - ئاينىڭ 8 ‏ - كۈنى شەرقىي تۈركىستان ماۋزۇسىدا يەنە بىر ماقالە ئېلان قىلدى. نازمى چېلىنك ماقالىسىدە ئۆتكەن ھەپتە يازغان "كىرالىق نامايىشچىلار" دېگەن ماقالىنى يازغانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن كەچۈرۈم سورىغان. نەزمى چېلېنك ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن: مەن بىر ھەرىكەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشى ئۈچۈن مەلۇم بىر ئورگان تەرىپىدىن يېتەكلىنىشى لازىم دېمەكچى ئىدىم. مېنىڭ مەقسىتىمنى خاتا چۈشەنگەنلەر بولدى.

شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان خىتاي زۇلۇمنى ئىنكار قىلمايمەن. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىدۇ. ھازىرمۇ زۇلۇم قىلىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ ۋەزىيەت بىزنى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنى قايغۇلاندۇرىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بۇ زۇلۇمغا قارشى چىقىش يولى ئىزدەنمەكتە. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئاتوم - يادرو سىناق مەيدانى قىلغاندىن كېيىن قېرىنداشلىرىمىز، خىمىيىلىك، باكتىرىيىلىك كېسەللەرگە مۇپتىلا بولدى. خىتاي دۆلىتى مەسچىتلىرىمىزنى چاقماقتا. ئۇلۇغ كىتابلىرىمىزنى كۆيدۈرمەكتە.

نازمى چېلېنك ماقالىسىدا يەنە مۇنداق دېگەن: ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنى قوللاپ ‏ - قۇۋۋەتلەيمەن. ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. خىتاي دۆلىتى، ئوكرائىنادىن ساياھەت كېمىسى قىلىش مەقسىتىدە سېتىۋالغان چوڭ تىپتىكى پاراخۇتنى ئايروپىلان قونۇش پاراخوتى قىلىپ قوللانماقتا. ئەگەر دۇنيا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان مىللەتكە كۆڭۈل بۆلمەكچى بولسا شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلسۇن. مەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمغا سالام يوللايمەن. مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ دەۋاسىدا ئۇلارنى قوللايمەن. ئۇلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن.

نازمى چېلېنك ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بىر كۇبلىت شېئىرمۇ يازغان بولۇپ ئۇ شېئىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاپئاق قار كەبى بىپايان تۇپراقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قېنى بىلەن بويۇلۇپ قىپ - قىزىل رەڭگە ئايلانغانلىقىنى ئوسمان باتۇرغا ئوخشاش قەھرىمانلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى باش كۆتۈرۈشى ھامان بۆشۈكتىكى بوۋاقلارنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلاننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.