كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە‏

0:00 / 0:00
4000 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺧﯘﺭﯗﻡ ﺋﯚﺗﯜﻙ.
گېرمانىيىنىڭ بېرلىندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، 2007 -يىلى 14 - ئۆكتەبىردىن تارتىپ 2008 - يىلى 14 - يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان، "يىپەك يولىنىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق كۆرگەزمىدە كۆرسىتىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىندىن تەپىلغان، 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە، خۇرۇم ئۆتۇك. AFP Photo

خىتاي خەلق گېزىتى مۇخبىرى كروران ھەققىدە ئېلان قىلغان زىيارەت خاتىرىسىدە، كروران قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىغا ساياھەتچىلەرنىڭ قالايمىقان كىرىپ ‏- چىقىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەتتا بۇ قەدىمىي شەھەرگە ئەخلەتلەرنى تاشلاپ، تەرەت قىلىپ، ئاسارە ‏- ئەتىقە ئورنىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىق سۈرەتلەر بىلەن كۆرسەتكەن ھەمدە بۇنىڭدا كروران قەدىمىي شەھىرىنى باشقۇرۇش ھەم قوغداشقا مەسئۇل بولغان چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىڭ خەنگاۋنىڭ چەت ئەللىك زىيارەتچىلەردىن ئون مىڭ يۈەن ئېلىپلا ئۇلارنىڭ قەدىمىي شەھەر ئىچىدە خالىغانچە زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى يازغان.

بىز بۇ مەلۇماتلارغا ئاساسەن مىڭ خەنگاۋنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغاندىن باشقا، خىتاي خەلق گېزىتىدە مۇخبىرنىڭ ئۈچ ئېلىش مەقسىتىدە شۇنداق بىر توقۇلما خەۋەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن كروران شەھىرىنىڭ تەرتىپلىك باشقۇرۇلمايۋاتقانلىقى ھەم مۇۋاپىق قوغدالمايۋاتقانلىقى سەۋەبلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك مەسىلە يەنىمۇ بىر مۇرەككەپ باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى.

" كىروراننى كىم يىغلىتىۋاتىدۇ"

نۆۋەتتە خىتاي خەلق گېزىتىدە مۇخبىر جاۋ ياخۇي ئېلان قىلغان " كىروراننى كىم يىغلىتىۋاتىدۇ" ناملىق ماقالە خىتايدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئاساسلىق مۇنازىرە تور بەتلىرىگە قويىلىپ بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەر نەچچە مىڭ پارچىغا يەتتى.

بىز، كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئاخباراتىنىڭ، چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى باشلىقى مىڭ خەنگاۋ تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خىتاي خەلق گېزىتى مۇخبىرى جاۋ ياخۇينى زىيارەت قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ھازىرچە ئالاقە ئورنىتالمىدۇق. ئەمما خىتاي خەلق گېزىتى تەھرىر بۆلۈمى ئارقىلىق، جاۋ ياخۇينىڭ مەزكۇر گېزىتنىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق ياش مۇخبىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھەتتا 2007 - يىلى خىتاي بۇيىچە 10 مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقى ھەمدە مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئاخباراتچى نامىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۇق. ئۇ يەنە مەزكۇر گېزىتنىڭ مائارىپ پەن -مەدەنىيەت ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ باش تەھرىرى ئىكەن.

گەرچە بىز مېڭ خەنگاۋ تەرىپىدىن يالغانچىغا چىقىرىلغان بۇ داڭلىق خىتاي مۇخبىر جاۋ ياخۇي بىلەن بىۋاستە ئالاقە ئورنىتالمىغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ شەخسى تور بېتىنى زىيارەت قىلدۇق.

" كىمنىڭ كىرىش ‏- كىرمەسلىكىنى مىڭ جۈيجاڭ بەلگىلەيدۇ "

4000YilliqMami-200.jpg
گېرمانىيىنىڭ بېرلىندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، 2007 -يىلى 14 - ئۆكتەبىردىن تارتىپ 2008 - يىلى 14 - يانۋارغىچە داۋاملىشىدىغان، "يىپەك يولىنىڭ ئەسلى قىياپىتى" ناملىق كۆرگەزمىدە كۆرسىتىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئېلىندىن تەپىلغان، 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە، ئادەم ئەۋرىشكىسى (مامىسى) . AFP Photo

ئىنتېرنېتتىن جاۋ ياخۇي بىلوگى (شەخسى مۇلاھىزە) تور بېتى ئېچىلىشى بىلەنلا ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قاتناشتۇرۇلغان تېمىلار قاتارىدا "كىروراننى كىم يىغلىتىۋاتىدۇ" دېگەن تېما ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.

جاۋ ياخۇي مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى ھەققىدە بۇ شەخسى مۇلاھىزە تور بېتىدە يەنە قايتا تەپسىلىي ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ ئۇ ماقالىسىنى مۇنداق باشلىغان: "مەن -12ئاينىڭ -4 كۈنى خەلق كۈندىلىك گېزىتىدە " كىروراننى كىم يىغلىتىۋاتىدۇ" ناملىق زىيارەت خاتىرەمنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان بۇ ماقالە بىر نەچچە يۈز تور بەتتە "چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر كىروراننى ۋەيران قىلماقتا"، " بىزنىڭ غۇرۇرىمىز 10 مىڭ يۈەنگە يارامدۇ"، " كروران مۇشۇنداق قوغدىلىشى كېرەكمۇ"،" كروران يەر شارىدىن مەڭگۈلۈك يوقىتىلماقچى" دېگەندەك تېمىلاردا قىزغىن مۇلاھىزىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەبچى بوپتۇ، بۇ ھەقتە يېزىلغان ئىنكاس ھەم مۇلاھىزىلەر نەچچە مىڭ پارچىغا بارىدىكەن. تورداشلار ھەم پىكىرداشلار مېنىڭ كىروراندا كۆرگەنلىرىم، ئاڭلىغانلىرىم ھەمدە خاتىرلىگەنلىرىم ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىشنى خالايدىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن كىروراننىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتىكى ھەقىقىي سەۋەب ھەم رېئال ئەھۋاللارنى يەنىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، سىلەرنىڭ مېنىڭ كروران قەدىمىي شەھىرىدىكى نەق مەيدان خاتىرەم ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىقراق خۇلاسىگە كېلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن."

مۇخبىر كروران قەدىمىي شەھىرىدە ئېلىپ بارغان بىر قانچە كۈنلۈك زىيارەت خاتىرىسى ھەمدە شۇ جايدا تارتقان سۈرەتلەرنى بۇ مۇلاھىزە تورىغا تەپسىلىي قويغان بولۇپ، بۇ ھەقتە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بېرىپ ئۆتمەكچىمەن.

-22 سېنتەبىر كۈنى، خەلق كۈندىلىك گېزىتى مۇخبىرى جاۋ ياخۇي لوپنۇرنى كېسىپ ئۆتۈش تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىلەن لوپنۇرنىڭ مەركىزى رايونىغا كەلگەندە، تاسادىپىي ھالدا شەرق نېفىت قېدىرىش دەپ بەلگە قويۇلغان تۆت ئاپتوموبىلنىڭ قەدىمىي شەھەرگە قاراپ كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئۇلار كروران قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش پونكىتىگە كەلگەندە بۇ تۆت ئاپتوموبىلغا توسالغۇسىز قەدىمىي شەھەر خارابىسى ئىچىگە كىرىشكە يول بېرىلگەن.

مۇخبىر پۇنكىتىدىكى خىزمەتچىلەردىن نېمە ئۈچۈن بۇ ماشىنىلارنىڭ كروران قەدىمىي شەھىرىگە كىرىشىگە رۇخسەت بەرگەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇلار " مىڭ جۈيجاڭ تېلېفوندا رۇخسەت بەردى، كىمنىڭ كىرىش ‏- كىرمەسلىكىنى مىڭ جۈيجاڭ بەلگىلەيدۇ" دېگەن.

نېفىت قېدىرىش خادىملىرى قەدىمىي شەھەردە نېمە قىلىدۇ دەپ گۇمان بىلەن ئەگەشكەن مۇخبىر، كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىغا كەلگەندە، 12 نەپەر ياپونلۇق ساياھەتچىنىڭ بىر نەچچە خىتاي يول باشلىغۇچى بىلەن كروران قەدىمىي يادىكارلىق ئورنىدا خالىغانچە دەسسەپ ‏- چەيلەپ يۈرگىنىنى ھەتتا ئۇلارنىڭ يەردىن ساپال قاچا سۇنۇقلىرى قاتارلىق بۇيۇملارنى ئېلىۋالغانلىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان، مۇخبىر بېرىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا ئۇلار ياپونچە بىر نېمىلەرنى دەپ ئۆزلىرىنى قاچۇرغان.

" ساياھەتچىلەر 10 مىڭ يۈەن بىلەنلا توساقتىن ئۆتەلەيدۇ "

مۇخبىرنىڭ تەپسىلىي بايان قىلىشىچە، بۇ ساياھەتچىلەر چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىڭ خەنگاۋنىڭ بىۋاستە تەستىقى بىلەن كروران قەدىمىي شەھەر ئىچىدە زىيارەتتە بولۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەر بىرى 10 مىڭ يۈەندىن ئاسارە ‏- ئەتىقە قوغداش پۇلى تاپشۇرغان ئىكەن.

بۇلاردىن باشقا، مۇخبىر يەنە كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا بەش جايدا ئەخلەت دۆۋىسى، يەنە خارابە ئىچىدىمۇ ئۈچ جايدا ئادەملەرنىڭ تەرەت ھەم ئەخلەت دۆۋىلىرىنى ئۇچراتقان بولۇپ، تەپسىلىي سۈرەتلەرنى تارتىۋالغان.

مۇخبىر ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا "كىرورەنگە تۆت ئەتراپتىن كىرگىلى بولىدۇ. ئەمما ماشىنىلىق قەدىمىي شەھەرگە كىرىدىغانلار چوقۇم 30 كىلومېتىر يىراقتا ھەم 18 كىلومېتىر يىراقتا قۇرۇلغان ئىككى توساقتىن يەنى كروران مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش پونكىتىدىن ئۆتۈش كېرەك،ساياھەتچىلەر 10 مىڭ يۈەن بىلەنلا بۇ توساقتىن ئۆتەلەيدۇ، بىراق، قەدىمىي شەھەر ئىچىدە بىرمۇ قوغدىغۇچى يوق، پەقەت قالايمىقان دەسسىمەڭ دېگەن بىر كىچىك بەلگىلا بار، كىشىلەر قەدىمىي شەھەر ئىچىدە نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلالايدۇ. بۇ جاي مۇشۇنداق مۇۋاپىق قوغدالماي كېتىۋەرسە بىر نەچچە يىلغا قالمايلا، تارىختىن يەنە بىر قېتىم غايىپ بولىدۇ شۇنداقلا مەڭگۈ ئەسلىگە كەلمەيدۇ" دەيدۇ. (گۈلچېھرە)