مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ۋەكىلىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا سۆزلىگەن مىللىي مەسىلە ھەققىدىكى سۆزىنى توغرا تاپمىدى

جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاي ۋەكىلى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقى قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ مىللىي توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى رەت قىلغان.

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە ئېچىلىۋاتقان يىغىنىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىلىك مۇزاكىرىسىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ، يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلار مەزكۇر مەسىلىنى بەس مۇنازىرە قىلغان ئىدى. يىغىندا ئالدى بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كولومبىيە ۋە ۋيېتنامنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلگەن. دوكتور گاي مىك دوگال خانىم يىغىنغا سۇنغان دوكلاتىدا، دۇنيادىكى زوراۋان توقۇنۇشلارنىڭ ئاساسلىقى ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراش سەۋەبلىك يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 2007-يىلدىن 2009‏-يىلغىچە ئارىلىقتا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلارنىڭ 55% تىن كۆپرەكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىنى، بۇ خىل توقۇنۇشلارنىڭ 22 پىرسەنتى ئېتنىك مەنبەلىك بولۇپ، ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئاز سانلىقلار مەسىلىسى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ مەنبەسىگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

يىغىننىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى بەس مۇنازىرە باسقۇچىدا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي سىياسىتىنى ئاقلىغان. يىغىندا سۆزگە چىققان بىر خىتاي ۋەكىلى، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات مېۋىسىگە شېرىك بولۇۋاتقانلىقى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كەلگۈسى 10 يىلدا ئۇيغۇر ئىلىغا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىپ، «شىنجاڭ» نىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. يەنە بىر خىتاي ۋەكىلى يىغىندىكى سۆزىدە «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» گە باھا بېرىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ مىللىي ۋە ياكى دىنىي توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. مەزكۇر خىتاي ۋەكىلى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى سۆزىدە «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە مائارىپ سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، تىلى، دىنىي ۋە تارىخىي مىراسلىرى قوغدالماقتا. ئۇلار دۆلەت ۋە يەرلىك ئىشلارغا قاتنىشالايدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە. ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5‏-ئىيۇل ۋەقەسى بىر جىنايى قىلمىش. ئۇ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچى كۈچلەر تەرىپىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن پىلانلانغان ھەرىكەت. بۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، دىنىي مەسىلە ۋە ياكى مىللىي مەسىلە ئەمەس. بەلكى بىر جىنايى قىلمىش، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىقتۇر» دېگەن.

لېكىن، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدىكى مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات مېۋىسىگە شېرىك بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر سۆزى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىگە بەرگەن باھاسى ھەققىدىكى سۆزى ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى خىتاي مۇتەخەسسىسى، جەمئىيەتشۇناس شيا شۈەنجۇن ئەپەندى، خىتاي ۋەكىلىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا راست گەپ قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ دىنىي توقۇنۇش ئەمەسلىكىگە قېتىلىدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ بىر مىللىي توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ «بۇ ۋەقە شۈبھىسىزكى بىر مىللىي توقۇنۇش. بۇ ۋەقە بىر ئاز 1990 -يىللىرىدىكى ئامېرىكىنىڭ لوس ئانجىلىس شەھىرىدە ساقچىلارنىڭ بىر قارا تەنلىكنى ئۇرۇشى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن ئىسيانغا ئوخشاپ كېتىدۇ. لوس ئانجېلىستىكى بۇ ۋەقە بىر جىنايى قىلمىش ئەمەس، بەلكى بىر ئىرقىي مەسىلە ئىدى. ئامېرىكا بۇ ۋەقەنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەزىيەتنى تىنچىتقان. 5‏-ئىيۇل ۋەقەسى مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر مىللىي توقۇنۇش. بۇنداق ۋەقەلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنى ئېتىراپ قىلىش ۋە مۇشۇ ئاساستا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. لېكىن 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ دىنىي توقۇنۇش ئەمەسلىكى راست » دەپ كۆرسەتتى.

شيې شۇەنجۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى خاتا بېكىتكەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ يۈز بېرىش مەنبەسىنى توغرا ھەل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ 5«:-ئىيۇل ۋەقەسىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى ئالدى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىكى خاتالىقنى تۈزىتىش بىلەن باشلاش كېرەك ئىدى. مۇشۇنى ئاساس قىلىپ 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش لازىم ئىدى. يەنى ۋەقەنى ئاشكارا ۋە ئادالەتلىك تەكشۈرۈشى، سوت ئادالەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ۋەقەنى ئادەتتىكى بىر جىنايى قىلمىش سۈپىتىگە بىر تەرەپ قىلىشقا بولمايتتى. چۈنكى مەسىلىنىڭ تۈپ مەنبەسى ھەل قىلىنمىسا، بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقە كەلگۈسىدە يەنە يۈز بېرىدۇ».

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنى 25-مارت كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىدۇ. مەزكۇر يىغىننىڭ ئۆتكەن ھەپتىلىك ئومۇمى كىشىلىك ھوقۇق بەس مۇنازىرىسىدە چېخىيە، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن. خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى، دۆلەتلەر ئارا تىنچلىقپەرۋەر رادىكاللار پارتىيىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ھوقۇقىغا دەخلى -تەرز قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ژۇرنالىستلىرىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ب د ت نى 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى. شيا شۈەنجۇن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي ئىختىلاپنىڭ تۈگۈنى خىتاينىڭ ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، خىتاي ۋەكىلىنىڭ ب د ت دا سۆزلىگەن بۇ ھەقتىكى سۆزىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە بەرگەنلىكى، لېكىن ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقىنى، ئىجرا قىلسا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش پارچىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى ئۇلارنى قورقۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ «جۇڭگو ۋەكىلىنىڭ ب د ت دا سۆزلىگەن ئاپتونومىيە ھەققىدىكى سۆزى توغرا ئەمەس. چۈنكى نەزەرىيىدە جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى بار. لېكىن، ئەمەلىيەتتە بۇ مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، ھەممىمىزگە مەلۇم، ئاپتونوم رايونلاردا ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇلار. بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقىدا رۇسلار ھوقۇق تۇتقانغا ئوخشاش. شۇڭا بۇنىڭ مىللىي توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلىشى تەبىئىي. چۈنكى سەن باشقىلارغا ھەم ئاپتونومىيە بېرىپ، ھەم ئۇنى بەرمىسەڭ ئەلۋەتتە بۇ مەسىلە پەيدا قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى مۇزاكىرىدە خىتاي ۋەكىلى، 2005‏-يىلدىن 2009-يىلغا قەدەر مىللىي ئاپتونوم رايونلارنىڭ تەرەققىياتى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىقتىسادى66% ئۆسكەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى 3670 يۈەنگە يەتكەنلىكىنى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ 2001-يىلدىن بېرى تىبەتكە بەرگەن مالىيە ياردىمى ۋە سالغان مەبلىغى 310 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگۈسى 10 يىلدا سالماقچى بولغان مەبلىغى، ئۇنىڭ يېقىنقى 10 يىلدا سالغان مەبلىغىدىن 10 ھەسسە كۆپەيتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن شيا شۈەنجۈن ئەپەندى، بۇ خىل زور مىقداردىكى مەبلەغنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، بەلكى مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ «بۇ، مەسىلىنى ھەل قىلمايدۇ، بەلكى زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ خۇددى، سىز بىر ئۆي سېتىۋالدىڭىز دەيلى، لېكىن بۇ ۋاقىتتا باشقا بىر ئادەم كېلىپ، ھويلىڭىزغا نەرسە كېرەكلىرىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، مەبلەغ سالىمەن، دېگەندەكلا بىر ئىش. سىز ئەلۋەتتە بۇنىڭغا رازى بولمايسىز. بەلكى، بۇ سىزنىڭ غەزىپىڭىزنى قوزغايدۇ. ئۇ مېنىڭ پۇلۇم كۆپ، مەن سىزگە ياردەم قىلىپ، ھويلىڭىزنىڭ ئارقىسىغا قۇرۇلۇش سېلىپ گۇزەللەشتۈرەي دېسىمۇ رازى بولمايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كېلىۋاتقانلار مەن سېنىڭ ھويلاڭغا شېرىك بولىمەن دەۋاتقانلار. ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالدا سىز بۇنىڭغا قوشۇلمايسىز. ھويلىڭىز قانچىلىك چۆلدەرەپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن شېرىكلىشىشنى خالىمايسىز. دېمەك شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا، مەبلەغ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلمايدۇ، بەلكى مەسىلىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدۇ. يەرلىك خەلق شىنجاڭنىڭ نامرات ئەھۋالدا قېلىشىغا رازى بولسا بولىدۇكى، لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ زېمىنىدا ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولمىغان قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ھەل قىلىنماي تۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ».