كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 6-ئىيۇن كۈنى جەنۋەدە ئېچىلغان يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىلدى.

0:00 / 0:00

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 17-نۆۋەتلىك يىغىنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئېچىلماقتا. 30-مايدىن 17-ئىيۇنغىچە داۋام قىلىدىغان مەزكۇر يىغىنغا ب د ت غا ئەزا 190 دىن ئارتۇق دۆلەت شۇنداقلا ب د ت نى كۆزىتىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 200 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشماقتا. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنى ھەر يىلى ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋاللىرى ھەققىدە دوكلاتلار سۇنۇلىدۇ. سۇنۇلغان دوكلاتلار ئاساسىدا مۇناسىۋەتلىك قارارلار قوبۇل قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئۈستىدىن خەلقئارالىق بېسىم پەيدا قىلىدىغان بۇ يىغىندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىمۇ كۈن تەرتىپكە كەلدى.

باش شتابى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خادىمى يانا براندت خانىم كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 6-ئىيۇن كۈنىدىكى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى ۋە تېخى يېقىندىلا قازاقىستان تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.

يانا خانىم بولۇپمۇ 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا نۇرغۇنلىغان ژۇرنالىستلار، تور بەت ئىگىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، غەيرەت نىياز، گۈلمىرە ئىمىن، مەمەتجان ئابدۇللا، دىلشات پەرھات، نىجات ئازاد، نۇرئەلى، تۇرسۇنجان ھېزىم قاتارلىقلارنىڭ ھېچقانداق ئادىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا سوت ئېچىلماي تۇرۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆمۈرلۈك ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن : بۇ قاماق جازالىرىنىڭ مەقسىتى ئىنتايىن ئوچۇق، ئۇ بولسىمۇ ھەرقانداق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۆكتىچى ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يۈكسىلىۋاتقان ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇشتىن ئىبارەت. بىز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان بېسىمنى ئازايتىش ۋە شۇنداقلا تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاخبارات خادىملىرىنى دەرھال قويۇۋېتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمىز.

يانا خانىم سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە، خىتاي ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى تېررورلۇق بىلەن قارىلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى قېيىن-قىستاق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن شۆھرەت تۇرسۇن ھەققىدىكى ئۇچۇرنى چەتئەللەرگە ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن ھاياتى خەۋپكە يولۇقۇپ، قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورلۇق» بىلەن قارىلانغانلىقىنى، قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يىغىندا مۇنداق دېگەن:
-بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەرشىدىن ئىسرائىل شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ۋەقەسىنى ئاشكارىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى جازالىماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا يۇقىرىقىدەك بەتنامنى چاپلىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى خىتاي ۋە قازاقىستانغا ئەرشىدىن ئىسرائىلنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىمىز.

يانا خانىم يەنە، كېڭەشنى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىشكە چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خادىمى يانا خانىم مەركىزى گېرمانىيىدە بولغان ۋە شۇنداقلا ب د ت نى كۆزىتىش ۋە پىكىر بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان «تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان خەلقلەر جەمئىيىتى» تەركىبىدە مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ كېڭەشنىڭ مارت ئېيىدىكى يىغىنىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇنىڭ سۆزى خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ كۆپ قېتىم توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.

يانا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب بېرىش ھوقۇقى بولۇپ، يىغىندا، خىتاي ۋەكىللىرى يانا خانىمنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، خىتايدا ھەممە كىشىنىڭ ئۆز پىكرىنى ئەركىن ئىپادىلەش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما يانا خانىم بۇنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بۇنى يىغىندا ئولتۇرغان ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يانا خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، بۇ ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققەت-ئېتىبارىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدىكەن. يىغىندا يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۆز ئالدىغا سۇنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. يانا خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ پەقەتلا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئەمەس، بەلكى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىنمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىكەن.

جەنۋەدە ئېچىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ئىلگىرىمۇ بۇ يىغىننىڭ 14-15 نۆۋەتلىك يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېفون ئالاقىسىنىڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق ئۈزۈۋېتىلىشى، ئىنتېرنېتنىڭ قامال قىلىنىشى، نۇرغۇنلىغان تور بەت مەسئۇللىرى ھەم توردا پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر خىتاينىڭ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى، 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئۆلۈم جازاسى مەسىلىلىرى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.