كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ 4 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

خىتاي سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى قارار چىقىرىپ، 4 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ چىقارغان قارارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.09.15
xoten--saqchixana-hujum-305.jpg خوتەن چوقۇ بازىرى ناۋاغ ساقچىخانىسى. 2011-يىلى 18-ئىيۇل.
mil.huanqiu.com

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى ئابدۇغېنى يۈسۈپ، ئابلىكىم ھەسەن، مۇختەر ھەسەن ۋە مۇھەممەتنىياز تۇرسۇن قاتارلىق 4 ئۇيغۇرنى خوتەن ناۋاغ، قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەلىرىدە ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇلارنى تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياساش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قانداق سوتلانغانلىقى، خالىغان ئادۋوكات تەكلىپ قىلالىغان-قىلالمىغانلىقى، ئۆزىنى ئاقلىشىغا يول قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقى، يول قويۇلغان بولسا قانداق ئاقلىغانلىقى قاتارلىق سوت جەريانىغا دائىر تەپسىلىي دېتاللار تىلغا ئېلىنمىغان.

نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ دەرھال ئېتىپ تاشلانغان-تاشلانمىغانلىقى، ئەگەر ئېتىپ تاشلانمىغان بولسا يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشىغا يول قويۇلىدىغان-قويۇلمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن مەھبۇسلارنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن باشلاپ 40 كۈن ئىچىدە سوتلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا جىددىي ئەندىشە قوزغىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى 4 ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەر قانداق ئۆلۈم جازاسى ۋە تەن جازاسىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ‏كومىتېت باياناتچىسى روبېرت كولزېل مەزكۇر دېلونىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە كونكرېت توختالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن «بۇ يەردىكى ئاۋارىچىلىك، بىز خىتاينىڭ ئۆزىدە بولمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ خىل دېلولاردا زادى قانداق ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سوراپ، ئۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. لېكىن ب د ت ئومۇميۈزلۈك ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرىدۇ. لېكىن بۇ بەزى ئېغىر جىنايى قىلمىشلاردا ئۆلۈم جازاسى بېرىش تامامەن خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ دېگەنلىك ئەمەس. ب د ت نىڭ ئۆلۈم جازاسىغا قەتئىي قارشى ئىكەنلىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ قانۇنسىزلاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. لېكىن ئۆلۈم جازاسى قانۇنلۇق بولغان ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشتەك قاتىللىق ھەم ئېغىر جىنايى قىلمىشلار سادىر قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۆلۈم جازاسىغا ئېلىپ بارىدىغان دېلولاردا سوت چوقۇم مۇستەھكەم ماددىي پاكىتلارغا تايانغان بولۇشى كېرەك. مانا بۇ ب د ت نىڭ ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىدىكى ئومۇمى پوزىتسىيىسى» دەپ كۆرسەتتى.

گېرمانىيىنى مەركەز قىلغان خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى بولسا خىتاينى بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭ سوتىنى سىياسىيلاشتۇرۇش بىلەن تەنقىد قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا-ئافرىقا ئىشلىرى مەسئۇلى ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى ئەسكەرتىپ، سوتنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى، مەھبۇسلارنىڭ خالىغان ئادۋوكات تەكلىپ قىلىش ھوقۇقى رەت قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ خەلقئارا ئادالەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا مەزكۇر ئۆلۈم جازاسى قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاينى تەنقىدلەپ، ، بۇ كىشىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئۇسۇلى سوتنىڭ قانۇنىيلىقىغا جىددىي گۇمان پەيدا قىلغانلىقىنى ۋە سوتنىڭ ئادالەتسىز ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، سوت مەيدانىنىڭ بۇ كىشىلەرگە قارشى سىياسىي تەشۋىقات مەيدانىغا ئايلاندۈرۈلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە مەھبۇسلارنىڭ ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مەھبۇسلارنىڭ قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۈلغانلىقىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىدىكى ئۇلرۇخ دېلىئۇس، خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىش ئەھۋالىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقى ۋە بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ب د ت نىڭ تەن جازاسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى روبېرت كولزېل بولسا تەن جازاسى ھەر قانداق ئەھۋالدا خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تەن جازاسى خەلقئارا قانۇندا تامامەن چەكلىنىدۇ. تەن جازاسى ھەر قانداق ئەھۋالدا چەكلىنىدىغان قىلمىش. بۇ مەيلى دۆلەتنىڭ جىددىي ئەھۋالدا ۋە ياكى ئۇرۇش ھالىتىدە مەن’ قىلىنىدىغان چەكلىمىدۇر. لېكىن سىز نىڭ مەلۇم بىر جايدا تەن جازاسى ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئىسپاتىڭىز بولۇشى كېرەك. ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر دېتاللار بولمىغان ئەھۋالدا قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئىپادە بىلدۈرمەك قىيىن. بۇ ئەھۋالدا بۇنىڭغا بىزنىڭ كېسىپ بىر نېمە دېمىكىمىز تەسكە توختايدۇ.» لېكىن ئۇ يەنە، «سوت قىلىش جەريانى ئىنتايىن مۇھىم بىر باسقۇچ. سوت ئەركىن، ئادىل ۋە ئوچۇق‏-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىشى، كىشىلەرنىڭ خالىغان ئادۋوكاتنى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك. بۇ سوت باسقۇچىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە» دەپ كۆرسەتتى.

لېكىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئابدۇغېنى يۈسۈپ قاتارلىق 4 ئۇيغۇرنى سوتلاش جەريانىدا يۇقىرىقى ئۆلچەملەرنىڭ ھېچبىرىگە رىئايە قىلىنمىغان. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىزچىل خەلقئارا ئەدلىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى كۆزگە ئىلماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينى ئۆز قانۇنىغا رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئابدۇغېنى يۈسۈپ قاتارلىق 4 ئۇيغۇرغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىنتايىن نازۇك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكىگە پايدىسىز. ئۇ، خىتاينىڭ تېررورلۇق تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا بەرگەن تەبىرى بىلەن ب د ت نىڭ تېررورلۇققا بەرگەن تەبىرى پەرقلىنىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىكى ئوخشىمىغان پىكىر ۋە نارازىلىقلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 4 ئۇيغۇرنىڭ ئادالەتسىز جازالانغانلىقىغا دائىر تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئادىل ۋە جىنايىتىگە چۇشلۇق سوتلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي يەنە خىتاينىڭ قانۇنىي ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» قا قەتئىي زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.