ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى 63 بەتلىك «ئۇلار مېنى قايتۇرسا بولمايدۇ: ياۋروپادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر» ناملىق دوكلاتى شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە قاتارلىق بىر قانچە ياۋروپا دۆلىتىدىكى 50 دەك ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەتكە ئاساسەن تەييارلانغان. دوكلاتتا، ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىكلىگۈچىلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق، ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا قېچىپ چىقىش سەۋەبى، نېمە ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلسا بولمايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر تەپسىلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن.
دوكلاتتا يەنە، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز ياكى تولۇق خەۋەردار ئەمەسلىكى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىكلىگۈچىلىرىنىڭ دېلوسىنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ياۋروپادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىنىشىغا، دائىم ئۇلارنىڭ يېتەرلىك توغرا ئۇچۇرغا ئىگە بولماسلىقى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشقا ئائىت مەلۇماتلاردىن ناھايىتى ئاز خەۋىرى بارلىقى» نى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا، مەزكۇر ئەللەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا خىتايغا قايتۇرۇلسا ھېچقانداق خەتەرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىشتىن ئىبارەت ئەندىشىنىڭ بېسىمىدا قالغانلىقى، بىراق ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى خىتايغا ۋە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە يوللىماسلىقنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقى، چۈنكى ئۇلار بۇ ئەللەرگە يوللانسا، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋە ئادىل بىر تەرەپ قىلىنماسلىق ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شېجېيسكىي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دوكلاتنىڭ ماۋزۇسى ھەققىدە توختالدى. ئۇ دوكلاتقا نېمە ئۈچۈن بۇنداق ماۋزۇ قويۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، «بىزنىڭ بۇنداق ماۋزۇنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب، چۈنكى بىز نۇرغۇن ئۇيغۇرلاردىن، شۇ جۈملىدىن گوللاندىيە ۋە شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلاردىن مۇشۇنداق تەسىرات ئالدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشقا چىقىش يولى يوقلۇقىنى ھېس قىلغان. ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلسە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتەتتى. شۇڭا قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ياۋروپادا قېلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بىز بۇ دوكلاتقا بۇ ماۋزۇنى مۇۋاپىق كۆردۇق» دەپ كۆرسەتتى.
بۇرۇن ئۇيغۇرلار چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە مەجبۇر بولسا ھىندىستان، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ياكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاچاتتى. لېكىن، 1990-يىللارغا كەلگەندە ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىكلىگۈچىلىرىنىڭ مەنزىلى ياۋروپا، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيىگە يۈزلەنگەن. خىتاي 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى، سىياسىي ۋە دىنىي ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، غەرب ئەللىرىگە قاچىدىغان ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنىڭ سانى كۆپىيىشكە باشلىغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دوكلاتىدا بۇ ۋەزىيەت كونكرېت مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلۈپ، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي باستۇرۇش شۇنداقلا يەنە، سۆز ئەركىنلىكىنى سىستېمىلىق بوغۇش ۋە ئۇيغۇر دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى ئىپادىلەشنى جىنايەتلەشتۈرۈش قىلمىشى سەۋەبلىك قېچىشقا مەجبۇر بولدى» دەپ تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گەرچە ياۋروپادا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە مۇئامىلە قىلىش ئۆلچىمى قېلىپلاشقان بولسىمۇ، بىراق شىمالىي ياۋروپاغا قېچىپ بارغان ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرلىرىنىڭ ئىلتىماسى باشقا دۆلەتلەردىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىماقتىكەن. دوكلاتتا «نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ شۋېتسىيە ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىماسى رەت قىلىشقا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇۋېتىلگەنلىكى» تەنقىد قىلىنغان.
ھېنرىي شېجىيسكىي بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشىدىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئامىللارنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇنداق بولۇشىدا بىر قانچە سەۋەبلەر بار. بۇنىڭدىكى بىرىنچى سەۋەب،كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل نۇرغۇن ئەمەلدارلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك ناچار ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. ئىككىنچى سەۋەبى، نۇرغۇن كىشىلەر قاراڭ، ئۇلارنىڭ پاسپورتى بار. ئۇلار خىتايدىن ئايرىلىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدىكەن، دەپ قاراۋاتىدۇ. بىراق ئۇلار چۈشەنمىگەن بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ خىتايدىكى خىيانەتچىلىك مەسىلىسى. بىز زىيارەت قىلغان ھەر بىر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئۇيغۇر پاسپورت، ۋىزا ۋە ئايروپىلان بېلىتىنى پارا بېرىپ ئالغانلىقىنى ۋە ھەتتا خىتاي چېگراسىدىن چىقىشتىمۇ پارا بېرىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇڭا ياۋروپا كۆچمەنلەر دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ پاسپورتى بار، ئۇلار ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدىغان كىشىلەر، دەپ قارىماقتا، بىراق ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. ئۈچىنچى سەۋەب بولسا، ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندا جازاغا تارتىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان داكۇمىنت يوق. بىراق سىزنىڭ بىر دۆلەتتىن ئۇنداق داكۇمىنتلار بىلەن ئايرىلىشىڭىز ناھايىتى قىيىن مەسىلە.»
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا يەنە، ياۋروپا ئەللىرىگە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي پاناھلىق دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بەزى تەكلىپلەرنى بەرگەن. بۇ تەكلىپلەرنىڭ بىرى، ياۋروپا كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملىرىنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپرەك ئۇچۇرغا ئىگە قىلىش ۋە تەربىيىلەشنى تەلەپ قىلىشتۇر.
ھېنرىي شېجېيسكىي بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، «ياۋروپادىكى بۇ ئەللەرنىڭ كۆپ قىسمى ھەر بىر دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەر يىلى دوكلات تەييارلايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات تەييارلىغاندا ئۇنىڭغا چوقۇم چەتئەلگە چىقىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ھەر قانداق ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇشنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كىرگۈزۈشى كېرەك. بىز يېقىندا ئاسىيادىكى باشقا دېلولاردا كۆرگەندەك مالايشىيا،كامبودژا ۋە تايلاندتىن قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. مېنىڭچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى دوكلات ھازىرلىغاندا بۇ مەسىلىلەرنى دوكلاتىغا كىرگۈزۈپ، كۆچمەنلەر ئىشلىرى خادىملىرىنى يېتەكلەش كېرەك. بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر ئۆرنەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىملىرىغا خىتايدىكى چېرىكلىك مەسىلىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش لازىم. بولۇپمۇ بىر كىشىنىڭ پاسپورتى بارلىقى ئۇنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش لازىم. يەنى سىز خىتايدا ھەر خىل يوللاردىن پاسپورت ئالالىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەۋجۇت ئەھۋالدۇر. يەنە بىر پاكىت شۇكى، ھەرقانداق ئۇيغۇرنى باستۇرۇشتىن قېچىپ ياۋروپاغا كەلسە، ئۇلارنىڭ داكۇمېنتى يوق، دەپ مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ قانۇنسىز تەبىئىتى سەۋەبلىك نورمالدا داكۇمېنتسىز ئىشلار كۆپ يۈز بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.