كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدا ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش قىلمىشىنىڭ تەھدىتى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنتى بۇ يىل 6‏-ئايدا خەلق قۇرۇلتىيىغا قانۇنغا قانۇن لايىھىسى سۇنۇپ، خىتاي جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

0:00 / 0:00

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، مەزكۇر ئورگان تەييارلىغان خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى سولايدىغان «قارا تۈرمە» ھەققىدىكى «پانى ئالەمدىكى دوزاخ» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ36 بەتلىك دوكلاتىدا، «قارا تۈرمىلەر» نىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ دائىم ئۆكتىچىلەرنى «گۆرۈگە ئېلىپ، بۇ خىل تۈرمىگە سولايدىغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ شەخسى مال-مۈلكىنى بۇلاپ تالايدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا بۇ خىل «قارا تۈرمىلەر» نىڭ بەزىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مېھمانخانا، ساناتورىيە، روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىلىرىدا تەسىس قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر دوكلات دەل خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا تېررورلۇق، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق گۇماندارلارنى خالىغان ۋاقىت، خالىغان يەردە ئىز-دېرەكسىز تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتايدا ئۆكتىچىلەرنى ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش قىلمىشى كۈچىيىۋاتقانلىقى، جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى ماقۇللانسا، بۇ خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەرنى ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش قىلمىشىنى قانۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دوكتور سوفىيە رىچاردسون خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى زورۇقۇپ تۇرۇپ بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كۆپ ھاللاردا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، قارا تۈرمىلەرگە سولاش قىلمىشىغا كۆز يۇمدى ياكى ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلدى. بۇ خىل پوزىتسىيە خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىشنى بىر خىل تاكتىكا ئورنىدا ئىلگىرىلەپ قوللىنىشىغا تۈرتكە بولدى. قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى نىيىتىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر» دېگەن.

خىتاي قانۇنچىلىق ساھەسىدىكى زاتلاردىن بېيجىڭ لۇڭخۇا ئادۋىكاتلار مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيۇڭ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئەندىشى ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇخبىرىمىزغا ئەسكەرتىپ، «كۆپچىلىكنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈپ بولۇنغان مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدىن تۇيغان ئەندىشىسى ناھايىتى چوڭ. قانۇندىكى بەزى ماددىلاردا ئىلگىرى قانۇنسىز دەپ قارالغان بەزى قىلمىشلار قانۇنلاشتۇرۇلغان. كۆپچىلىك ئۇنىڭدىكى مەخپىي قولغا ئېلىش، تۇرالغۇ يەردە نازارەت قىلىش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدا ئەگەر بىر ئادەم تۇتقۇن قىلىنسا، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلماي 6 ئاي تۇتۇپ تۇرۇشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. كۆپچىلىك بۇ ماددىلاردىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتا. جۇڭگونىڭ ھازىرقى مەۋجۇت جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنىدا بۇنداق قىلىش قانۇنسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق تۇتۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت رېئاللىق بولسىمۇ، بىراق بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بۇنداق قانۇنسىز قىلمىش قانۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولدى. بۇ ناھايىتى زور چېكىنىشتۇر» دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارغا ۋەھىمە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ئارقىلىق 2009‏-يىلى 5-ۋە 7-ئىيۇل كۈنلىرىدە يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇش نەتىجىسىدە ئونلىغان ۋە يۈزلىگەن كىشىنىڭ خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يەنە، بۇنداق ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ 2008‏-يىلى 3‏-ئايدا يۈز بەرگەن لخاسا ۋەقەسىگە ئەگىشىپ، تىبەت، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەي، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىمۇ يۈز بەرگەنلىكى، مىڭلىغان تىبەتلىكنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت، ئامېرىكا ۋە مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلاش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بېيجىڭ لۇڭخۇا ئادۋوكاتلار مۇلازىمەت ئورنىدىكى جياڭ تيەنيۇڭ ئەپەندى بۇ قانۇن ماقۇللانسا، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا زور تەسىىرى يېتىدىغانلىقىنى، رايوندىكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش ۋەقەلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا، شىزاڭ ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ھۆكۈمەت خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان، توقۇنۇش ناھايىتى جىددىي بۇ ئىككى رايوندا تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى، ھۆكۈمەت مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ تېخىمۇ دېرىكىنى بەرمەسلىكى مۇمكىن. ئىشىنىمەنكى، بۇ قىلمىش تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك گەۋدىلىنىدۇ. بىراق ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش قىلمىشى شىزاڭ بىلەن شىنجاڭغا خاس بولغان ھادىسە ئەمەس. ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا، جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلەرمۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كېتىدىغان، ئائىلىسى خەۋەر ئالالمايدىغان خەۋپكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، دائىرىلەر ئۇ چاغدا ئۆزلىرىنىڭ قانۇنغا ئاساسەن ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلايدۇ. شۇڭا بۇ قانۇن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن تەھدىت.»

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ئاقلاپ، بۇ قانۇن دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قانۇنى رامكا ئىچىدە ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدىكى«ئىلگىرىلەش» دەپ كۆرسەتمەكتە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئەندىشە ۋە تەنقىدلىرىنى رەت قىلماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى چۈشەندۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكرىگە باھا بېرىشكە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي ئەسكەرتىپ، «جۇڭگو قانۇن ئورگانلىرى جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكرىنى ئېلىۋاتىدۇ. بىز ئىجابىي پىكىرلەر بولسا ئاڭلاشنى خالايمىز. بىراق چەتئەلدىكى جۇڭگونى رەڭلىك كۆز ئەينەك بىلەن كۆزىتىدىغان بەزى تەشكىلاتلارنىڭ پىكرىگە باھا بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ» دېگەن.

لېكىن، مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى ئاقلاشتىكى ئاساسىنى رەت قىلىپ، خىتايدا ج خ ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى كونترول قىلىدىغان، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرىدىغان مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسى يوقلۇقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئۇلار، مەزكۇر قانۇن ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىنى چەكلەيدىغان كونترول مېخانىزمى مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدا خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ئىلگىرىلەپ سۈيىئىستىمال قىلىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.