ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر شۆبە كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە يىغىندا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە كۆپ ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

0:00 / 0:00

يىغىندا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاي پائالىيەتچىلىرى، دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش ئورگانلىرى، ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى گۇۋاھلىق بېرىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، تۈرمىدىكى خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ليۇ شياۋبو تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر يىلدىن بۇيانقى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان. يىغىن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە دېموكراتىيىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىنىڭ بىرىدۇر.

مەزكۇر يىغىن 2010‏-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، تۈرمىدىكى خىتاي دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى ليۇ شياۋبو نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىر يىلدىن بۇيان، خىتاينىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر مەسىلىلەرنى تېما قىلغان.

جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرستوفېر سىمىس رىياسەتچىلىك قىلغان مەزكۇر يىغىندا، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش جەمئىيىتى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تۈرمىدىكى يازغۇچىلار كومىتېتى، ئاياللار ھوقۇقى چېگراسىز تەشكىلاتى، جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى، «لاۋگەي» فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار نىڭ ۋەكىللىرى ۋە بەزى مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرستوفېر سىمىس يىغىندا سۆزلىگەن كىرىش سۆزىدە ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ساھەسىدىكى خاتىرىسىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىزچىل زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ساھەسىدە ناھايىتى ئاز ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن شۇنداقلا ليۇ شيا، گاۋ جىشىڭغا ئوخشاش كىشىلەر دەپسەندە قىلىشقا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، خىتاينىڭ سىياسىي ئىسلاھاتى ھەققىدە سۆزلەش مۇۋاپىقتەك قىلمايدۇ. خىتايدا ئىسمى ئاشكارىلانغان سىياسىي مەھبۇسلار پەقەت كۆرۈنگەن تاغنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىدىن ئىبارەت خالاس. خىتايدا قانچىلىك ئادەمنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە سىياسىي چۈشەنچىسى سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 2‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار، ئەرزدارلار، يازغۇچىلار، سەنئەتچىلەر ۋە تورچىلارغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىدى. خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى.»

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ئامېرىكا ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىكى سۆزىدە خىتاينىڭ دۇنيا دېموكراتىيە ئېقىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ، دېموكراتىيە تەرەققىياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. گېرشمان، «خىتاينىڭ دۇنيا دېموكراتىيە ئېقىمىغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ئومۇمغا مەلۇم ھادىسە. خىتاي دۇنيا سىياسىتىدە تەسىر كۈچىنى دېموكراتىيىگە قارشى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ليۇ شياۋبو جۇڭگونى شىمالىي كورىيە، كۇبا ۋە باشقا دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان قان يەتكۈزۈش ماشىنىسىغا ئوخشاتقان. ئۇ بۇ ھاكىمىيەتلەرنى سىياسىي‏-ئىقتىسادى جەھەتلەردە بىر تەرەپلىمىلىك قوللاپ، بېلورۇسىيىدىكى لۇكاشىنكو، زېمبابۇۋىدىكى مۇگابى ۋە ۋېنىزۇئېلادىكى چاۋۇس قاتارلىق مۇستەبىتلەرنى ھىمايە قىلماقتا ۋە شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلاشماقتا» دەپ كۆرسەتتى.

كارل گېرشمان يەنە، خىتاينىڭ ئۆزىدىكى ئىستىبدات كاپىتالىزم سىستېمىسىنى ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۇنيانىڭ باشقا نۇرغۇن ئەللەردىكى دېموكراتىيە بىلەن بازار ئىگىلىكى ئۆز ئارا بىرلەشكەن مەۋجۇت سىستېمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدىغان ئۈلگە، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە ئۇنىڭ دېموكراتىيىگە كۆچۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىجابىي ۋە سەلبىي ئالدىنقى شەرتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي تورچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇستەقىل ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشى خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە كۆچۈش ئېھتىماللىقىنى كۈچلەندۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە پائالىيىتىگە كۈچلۈك چەكلىمە قويۇپ، دېموكراتىك تەرەققىياتنى تورمۇزلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىغا قانداق ياردەم قىلىشى كېرەك، دېگەن مەسىلىدۇر. بەزى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئۇنىڭغا ئىران، سۈرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تۇتقان ئوخشاش پوزىتسىيىنى تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندا خىتاي زىيالىيسى لى شاۋروڭ گۇۋاھلىق بېرىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسىگە كەلگەندە مەيلى لىۋىيە، ئىران، سۈرىيە بولسۇن، مەيلى خىتاي بولسۇن ھەممىسىگە ئوخشاش بىر خىل پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىم. خىتاينىڭ ئىقتىسادى كۈچىنى كۆزدە تۇتۇپ، قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە تۇتماسلىقى كېرەك. خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى ئامېرىكا زىيارىتى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئۈچۈن بىر پۇرسەت. پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئۆزىمۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. ئۇ ليۇ شياۋبونىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

يىغىندا ئامېرىكا پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا مەسىلىلىرى پروفېسسورى پېررىي لىنك، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقى راست، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەتلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىشىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پروفېسسور پېررىي لىنك «مەن قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقى راست. مەن گېرشمان ئەپەندىنىڭ بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىسى گەررىي لۇنىڭ شەنبە كۈنى يەنى ليۇ شياۋبو نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى بايانات ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى پىكرىنى قوللايمەن. قىسقىسى، مېنىڭ بۇرۇن ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتمىگەن بولسام، ھازىر بۇ مەسىلىنى ئۆز ئارا خۇپىيانە سۆھبەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇش دېمەك بىر خاتالىقتۇر» دەپ ئەسكەرتتى.

يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ۋەزىيىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قايسى دەۋرىگە توغرا كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالات ئەزاسى فرانك ۋولف ئوتتۇرىغا قويغان بۇ سوئالغا ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان جاۋاب بېرىپ، خىتاي بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەھۋالىدا زور پەرق بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زور پەرق مەۋجۇت. بىرىنچىدىن، خىتاي ھازىر ئىقتىسادى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. بۇ ئۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ تۈپ پەرقلەرنىڭ بىرى. ئىككىنچىدىن، مىللەتلەر مەسىلىسى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى كۆلەم جەھەتتىن خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەردىن زور ئىدى. مۇقىملىق مەسىلىسىگە كەلسەك، خىتاي مۇتەخەسسىسى يۇ جيەنروڭنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا ئۇلاردا ھەقىقىي مۇقىملىق يوق. مۇقىملىق دېگەن تۈزۈمدىكى ئەۋرىشىملىكتىن كېلىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ سىستېمىسى ناھايىتى ۋەھشىي بىر سىستېما. ئۇلاردا ئەگەر ئىقتىسادى كرىزىس يۈز بەرسە ۋە بۇ كرىزىس داۋاملاشسا، زىددىيەت پارتلاپ چىقىشى مۇمكىن. بىراق بىز بۇنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇلار ئارىسىدىكى يەنە پەرق ئىنتېرنېت. سوۋېت دەۋرىدە بولسا ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىشى تەسكە توختايتتى. بىراق ھازىر خىتايدا 400، 500 مىليون ئادەم ئىنتېرنېت ئىشلىتىدۇ. ئىنتېرنېت پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتىكى ناھايىتى مۇھىم ۋاسىتىدۇر.»