كىشىلىك ھوقۇق قاچان خىتايلارنىڭ قىممەت قارىشىغا ئايلىنىدۇ؟

يازغۇچى دوگ سائۇندېرسنىڭ "يەرشارى پوچتىسى" گېزىتىدىكى ماقالىسىدە، دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى ئۆزلىرىنىڭمۇ قىممەت قارىشى دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئۇنى ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "ليۇ شاۋبو ۋەقەسى" بىلەن، ئەسلىدىكى بۇ چۈمپەردىسىنى بىردىنلا چۆرۈپ تاشلاپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قىممەت قارىشىنى غەربنىڭ خىتاينى پارچىلاشتىكى سىياسىي قورالى دەپ جاكارلىغانلىقى ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسىنىڭ خىتاي تۇپرىقىدا ئورنى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ دىكتاتورىلىق ماھىيىتىنى ئاشكارا قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامىل
2010.12.24

ئاپتور ماقالىسىنىڭ باش قىسمىدا، تىنچلىق پائالىيەتچىسى ئاندرېي ساخاروۋقا 1975-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان مەيدانى بىلەن ئۇنىڭدىن 35 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنى 2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سىياسىي ئۆكتىچى ليۇ شاۋبوغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ئەيىبلەشلىرىدىكى ئوخشاشلىقنى تىلغا ئالىدۇ. ئەمما، بۇ ئىككى ۋەقەدىكى بىر ئوخشىماسلىق، ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىن بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان كرېمل دائىرىلىرى بۇ مۇكاپاتنىڭ ئاندرېي ساخاروۋقا بېرىلگەنلىكىنى غەربنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشى دەپ قاراپ، قاتتىق نارازى بولغان بولسىمۇ، ئامما ئۇلار ئۇنىڭ ئايالىنىڭ بۇ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىغا يول قويغان. ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتا، خېلى كۆپ ئېچىۋېتىلگەن دەپ قارالغان ۋە غەربنىڭ بەزى قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي دائىرىلىرى بولسا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ليۇنىڭ ئايالىنىمۇ مىرزا قاماققا ئېلىپ، ئۇنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكى بولدى.

 "يەرشارى پوچتىسى" گېزىتىنىڭ ئاتاقلىق ئىستون يازغۇچىسى دوگ سائۇندېرس "كىشىلىك ھوقۇق قاچان خىتايلارنىڭ قىممەت قارىشىغا ئايلىنىدۇ" ناملىق بۇ ماقالىسىدە، خىتايدا ئىقتىسادىي تەرەپلەردىن زور ئۆزگىرىشلەر بولغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا ئىقتىسادى سىستېمىسىغا كىرگەن شارائىتتىمۇ، نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ قىممەت قارىشى بىلەن غەربنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى، قىسقىسى ئىدېئولوگىيىدە بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ليۇ شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىكىدىكى قىممەت قارىشىنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قاراۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۇلارنىڭ غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى خىتاي مەدەنىيىتىگە يات دەپ، ئۇنى چەتكە قاققانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە، خىتايدىكى سىستېمىنىڭ يۇقىرىدىن چۈشۈرۈلگەن بىر يوليورۇق بىلەن پۈتۈن ئىدىيىلەر بىرلىككە كەلتۈرۈلىدىغان تۈزۈلمە ئاساسىغا قۇرۇلغانلىقىنى، ليۇغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلىش بىلەن، خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۇنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگىچە،ئارمىيىسىدىن تارتىپ ئادالەتنىڭ ساداسى بولۇشى كېرەك بولغان خىتاي زىيالىيلارغىچە ھەممە قاتلامنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئوخشاش بىر مەقسەتتە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە قاتارلىق ئۇقۇملارنى غەربنىڭ قىممەت قارىشى يەنى غەربنىڭ خىتاينى پارچىلايدىغان سىياسىي قورالى،دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ۋە بۇ قاراشلارنىڭ خىتاينىڭ مىللىي مەنپەئەتى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە زىت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇلار ئارقىلىق، خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە، "خىتاي دائىرىلىرى غەربنىڭ قىممەت قارىشىنى يەتتە باشلىق يالماۋۇز قىلىپ كۆرسەتمەكتە. خىتاينىڭ تاللىغان يولىغا باشقىلارنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ ئاساسى قىممەت قارىشى دەپ ئېلان قىلغان دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتىكى دەپسەندىچىلىكلىرىدىن سۆز ئېچىشنى چەكلىشى، تارىخنىڭ قاراڭغۇ دەۋرلىرىدىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللارنى ئەسلىتىدۇ " دەپ يازىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە يەنە، بېيجىڭدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى سۇڭ يۇبو ئىسىملىك ئاتالمىش زىيالىينىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاراشلىرىغا دوست تارتىپ "غەرب دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەجبۇرىي تاڭالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەچكە، ئۇلار باشقا يول ئارقىلىق خىتايغا باش ئاغرىقى تېپىپ بەرمەكتە. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ليۇغا بېرىلىشى بۇ مۇكاپاتنىڭ نوپۇزىنى يەرگە ئۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسىغا قىلىنغان ھاقارەت.

غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قىممەت قاراشلىرى خىتاي زېمىنىدا يىلتىز تارتالمايدۇ.."دەپ يازغانلىقىنى، بۇ ماقالىنىڭ خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى، "غەربنىڭ قىممەت قارىشى"غا جەڭ ئېلان قىلىنغان بۇ خىلدىكى ماقالىلەرنىڭ خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا تۈمەنلەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ماقالىسىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى دەپ قاراپ، كىشىلىك ھوقۇقنى مەزمۇن قىلغان كۆپلىگەن خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئىمزا قويغان ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا خۇشتار بولغان خىتاي دۆلىتىنىڭ، ئەمدىلىكتە دېموكراتىيە خىتاي جەمئىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ كېسىپ ئېيتقانلىقىنى،ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى سۈيئىستىمال قىلىپ،غەرب دۆلەتلىرىنى كولدۇرلاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ھەققىدە ئارتۇقچە ئۈمىدۋار بولغان غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن سىياسىي بىر سىگنال ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.