ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىل ئىچىدە خىتايدا جەمئىي 25 تۈر بويىچە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەيدانغا كەلگەن، بۇنىڭ ئاساسەن ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت، تېلېفون ئالاقىلىرىنى تەقىب قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ شەخسى سىرلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالىغا ئائىت قىسمىدا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنىڭ ھەممىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا ئېغىرلىقى، 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى 10 ئاي بويىچە ئۇيغۇر رايونىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىستى مەمەتجان ئابدۇللانىڭ ئۆمۈر بويى قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە تور بەت ئىگىلىرىدىن دىلشات پەرھات، نۇرئەلى، نىجات ئازادلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئايرىم-ئايرىم قاماق جازالىرىغا ئۇچرىغانلىقى، قەشقەر ئەدەبىيات ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى كۈرەش ھۈسەيىن ۋە شۇنداقلا يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىنلارنىڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان.
خىتايدىكى ئاكادېمىيىلىك ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇش ئەھۋالى ھەققىدە، خىتايدىكى ئاكادېمىكلارنىڭ چەتئەللەردىكى ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىشىنىڭ پات-پات توسالغۇغا ئۇچرايدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىدىغانلىقى، پاسپورت ئېلىشتىمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، دوكلاتنىڭ خىتايدىكى ئېتنىك ۋە ئاز سانلىقلار مەسىلىسى قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرى بىر قەدەر كەڭ يەر ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل-مائارىپ، دىن، ۋە خىزمەتتە ئايرىمىچىلىققا ئۇچراش ئەھۋاللىرى ۋە شۇنداقلا خىتاي كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارغا تۈرلۈك ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەرمەكتە. يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر-خىتاي نوپۇسى نىسبىتى ئەسلىدىكى 20: 80 دىن 80: 20 گە ئۆزگىرىپ قالدى. 2005-يىلى ئېلان قىلىنغان نوپۇس ستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى 20 مىليون نوپۇسنىڭ 5 مىليونى خىتاي، قالغان 12 مىليونى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر دېيىلگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇ رەسمىي رەقەملەردە، ھەر يىلى ئۇيغۇر رايونىغا ئىچكىرىدىن كۆچۈپ كېلىۋاتقان مىليونلارچە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغان. ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىنى خىتايلار ئىگىلىۋالغان. خىتاي دائىرىلىرى خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇر رايونىدا ئىش ئىمكانى بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارنى ئۇيغۇر رايونىغا كېلىشكە ئىلھاملاندۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىچكىرىگە ئىشچىلىققا ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلماقتا.»
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يىللىق دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلىق ھالدا سۇسلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي تىل-يېزىقىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنى قىسقارتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تىلىنى مىللىي مەكتەپلەردە ئومۇملاشتۇرۇپ، مىللىي تىل-يېزىقنى ئەھمىيەتسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈش سىياسىتىنى داۋام قىلماقتا. مىللىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتتا دەرس باشلاشتىن ئىلگىرى خىتايچىدىن دەرس ئالىدۇ. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا، سودا-سېتىق تىجارەتتە ۋە پەن-تەتقىقات ساھەسىنىڭ ھەممىسىدە خىتاي تىلى ئاساس قىلىنغانلىقتىن مىللىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالماقتا.»
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىمۇ دوكلاتتا ئالاھىدە يەر ئالغان مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» دەپ ئاتالغان دىنىي ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچىلىقلارغا قاراتقان زەربىسىنى ئاشۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
«كۆپىنچە ھاللاردا زەربىگە ئۇچراۋاتقانلار، قولغا ئېلىنىپ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىۋاتقانلار زادى ئۈچ خىل كۈچمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئوخشىمايدىغان سىياسىي ۋە دىنىي كۆز قارىشىنى ئىپادە قىلغانلار ئۈچ خىل كۈچ قاتارىدا زەربىگە ئۇچراۋاتامدۇ، بۇنى پەرق ئېتىش قېيىنغا توختايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشىنى تىنچلىق بىلەن ئىپادە قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرنى ۋە مۇستەقىل دىنىي زاتلارنى تېررورلۇق بىلەن باغلاپ، ئۇلارغا زەربە بېرىشنى داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇرلار بۆلگۈنچىلىك قىلىش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش جىنايىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك تۈرمە جازالىرىغا ۋە ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىماقتا.
بۇندىن سىرت ئۆتكەن يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە يىغىلىش، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە مۇستەقىللىق ۋە ياكى باشقا سەزگۈر تېمىلارغا ئالاقىدار ھەرقانداق يازما ۋە سىن ماتېرىياللىرى چەكلەنگەن. ئۆزىنىڭ ئوخشىمايدىغان كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازاغا تارتىلغان مەھبۇبە ئابلەش، ئابدۇللا جامال، ئابدۇخېلىل زۇنۇن، ئابدۇغېنى مەمەتئىمىن ۋە نۇرمۇھەممەت ياسىنلار تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.»
دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
«خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى چىقارغان ئۇچۇر-ئالاقە ھۆججىتىگە ئاساسەن، ئىنتېرنېتتا بۆلگۈنچىلىككە ئوخشاش تېمىلاردا مۇنازىرىلىشىشنى، ئىنتېرنېتنى دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش، جەمئىيەت ئامانلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش جىنايىتى بىلەن جازالاشنى بېكىتتى. ئۆتكەن يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدا ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كۈچلەردىن كېلىدىغان تەھدىتنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، يەرلىك خەلق، ژۇرنالىستلار ۋە چەتئەللىك زىيارەتچىلەرگە قارشى ھەددىدىن زىيادە خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى ئالماقتا.»
دوكلاتنىڭ ئاز سانلىقلار مەسىلىسى قىسمىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
«ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ئورگان-تەسىسلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى، رايون ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىكنى ئاشۇرۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى. گەرچە ھۆكۈمەت ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سېلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەزى تەرەققىياتلارنى يارىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پايدىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى يەنىلا رايوندىكى خىتايلار كۆرمەكتە.»