رابىيە خانىم نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى يىغىنىغا قاتناشتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 31-مارت كۈنى مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا رۇسىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كۆپلىگەن دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى قاتناشقان.

مەركىزى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتى 31-مارت كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا كىشىلىك ھوقۇق بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان. يىغىنغا رابىيە قادىر خانىمدىن باشقا يەنە، رۇسىيىلىك داڭلىق شاھمات چېمپىيونى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى بولغان گەررىي كاسپاروف ئەپەندى، ئىرانلىق دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى مارىنا نېمات خانىملار قاتنىشىپ، رۇسىيە ۋە ئىراندىكى دېموكراتىيە مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىن ئامېرىكىدىكى دۆلەت مەجلىسىنى، مەجلىس ئەزالىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارنى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر يىغىن بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 40 كىشى قاتناشقان. يىغىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق.