كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان "دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى" ئەمەلگە ئاشمىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى "دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى" يولغا قويۇشقا باشلىغانلىقىغا بىر يىلدىن ئاشتى.

0:00 / 0:00

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلاندا ئوتتۇرىغا قويغان ۋەدىلىرىنى پەقەت ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دوكلاتتا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن. دوكلاتتا 2009- يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئاپرېلدا "دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى" نى ئاشكارىلاپ، مەزكۇر پىلاننى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش قورالى قىلىدىغانلىقىنى ۋە پىلاننىڭ 2009-يىلىدىن 2010-يىلغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 11-يانۋار ئېلان قىلغان"ئەمەلگە ئاشمىغان ۋەدىلەر" ناملىق دوكلاتىدا مەزكۇر ھەرىكەت پىلانىنىڭ خىتايدا ئەمەلگە ئېشىش دەرىجىسىنى باھالاپ چىقتى.

پىلان ھەققىدە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم "كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى"نىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ:" ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقىدىن؛ بۇ ھەرىكەت پىلانىنىڭ، خىتايدىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قورال بولماستىن، بەلكى پەقەت ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت رەسمىيەتلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ." دېدى.

دوكلات مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سوفىي رىچاردسون خانىم خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بارغانچە ناچارلىشىپ بارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

emelge-ashmighan-wediler-sofiy-richardson-385.jpg
2011-يىلى 11-يانۋار ئېلان قىلغان "ئەمەلگە ئاشمىغان ۋەدىلەر" ناملىق يىغىنى. (RFA/Jume)

ئۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى ۋە مۇنداق دېدى: " ئەمەلىيەتتە 'دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى ' يولغا قويۇلغان مەزگىلدە بىز، ليۇ شياۋبونىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، گاۋ جىشېڭنىڭ مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، چېڭ گۇاڭچېڭنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپلا قالماي، كامبودژادىن خىتايغا ياندۇرۇپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى، خىتايدىكى قېيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ يەنە داۋاملىشىۋاتقانلىقىغىمۇ شاھىت بولدۇق."

ئۇ يەنە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ 2008- يىلدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىڭ ئالدى- كەينىدە ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىن بۇيان ناچار ھالەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكنى ئىلگىرى سۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتى جەمئىي 73 بەتلىك بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "ھەرىكەت پىلانى"دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلەرگە بىر-بىردىن قاراپ چىقىلغان.

دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، قېيىن-قىستاققا ئېلىش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، ئۆلۈم جازاسى، سوت تەرتىپى، ئاخبارات، ئەرزدارلارنىڭ ھوقۇقى جەھەتلەردە خىتايدا ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئېلان قىلغان "دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى" دا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەرخىل ھوقۇقلىرى قوغدىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتىدا خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقى دەلىل ئىسپاتلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:" شىنجاڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى 2002- يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان خىتاي تىلىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش سىياسىتىنى يەنە داۋاملاشتۇردى. ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلار كۆيدۈرۈلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم مۇراسىملىرىدىكى يوسۇنلىرى چەكلەندى ۋە ئۇلارنىڭ ھەج قىلىشىغا يول قويۇلمىدى. بۇ خىل چەكلەشلەر 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. "

دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە مۇنداق دېيىلگەن: "شىنجاڭ بىر ساقچى باشقۇرۇشىدىكى رايون. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بېيجىڭ دائىرىلىرىگە ئازراقلا ساداقەتسىزلىكنى كۆرسىتىپ قويسىلا قولغا ئېلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇپ ياشىماقتا."

دوكلاتتا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، 2008-يىلدىكى تىبەت ۋە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن تۇتۇلۇپ كېتىلگەن تىبەت ۋە ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى دەرھال قويۇۋېتىش، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر قامالغان تۈرمىلەرگە خەلقئارا تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ كىرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇش، قورالسىز نامايىشچىلارغا زىيادە كۈچ ئىشلەتكۈچىلەرنى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

سوفىي رىچاردسون خانىم ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتە ئاساسەن ھەربىي ئىدارە قىلىش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆلۈم جازلىرى، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا قېيىن-قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرى ۋە نامايىشتىن كېيىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سوتىدىكى قاراڭغۇلۇقنىڭ بەكلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

سوفىي رىچاردسون ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تىلغان ئېلىپ مۇنداق دېدى: "مەجبۇرىي يوقىلىپ كېتىشنى بىز ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دەپ بىلىمىز. مەجبۇرىي يوقىلىپ كېتىش دېگىنىمىز: بۇ خىل يوقىلىپ كېتىش ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن بولىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، سىزنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار ھۆكۈمەت؛ سىزنى غايىب قىلىدۇ."

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىلدىكى يوقىلىپ كېتىش ھادىسىسى ئەڭ ئېغىر ئىكەن. ئۇ كامبودژا ۋە لائوستىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

سوفىي رىچاردسون مۇنداق دېدى: "بۇ قايتۇرۇلغان گۇرۇپپىدىكى چوڭلارنىڭ ئىز-دېرىكى يوق. بۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى قەتئىي بىلەلمىدۇق. بۇلارنىڭ ھالى بەلكىم بەك ناچار بولۇشى مۇمكىن."

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىن دەل بىر ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلىندى.

سوفىي رىچاردسون خانىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىملارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى خىتاي رەئىسىنىڭ ئالدىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلاننى 2011-يىلىمۇ داۋاملىق يۈرگۈزىدىغان ياكى يۈرگۈزمەيدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.