سۈرەت، 7 - ئىيۇل، ئۈرۈمچى ئات - بەيگىسى مەيدانى رايونىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاينىڭ ئەرلىرىنى ۋە بالىلىرىنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىگە قارشى ناميىشىدىن بىر كۆرۈنۈش.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا، مەزكۇر دىئالوگ ھارپىسىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىمغا مەكتۇپ يوللاپ، خىتايدا كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە 5 - ئىيۇلدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بۇ نۆۋەتتىكى دىئالوگنىڭ مۇھىم تېمىسى قىلىشقا چاقىردى.
بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى سۆھبىتى 13 - 14 - ماي ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلىدۇ. دىئالوگدا خىتاينىڭ كىشىلىك خاتىرىسى، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
باش شتابى نيۇيوركقا جايلاشقان مەخسۇس خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىدىغان كىشىلىك جەمئىيىتى - خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى(HRIC)، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دىئالوگ بېشىدا خىتاي خەلقىگە توغرا بېشارەت بېرىشى لازىملىقىنى كۆرسىتەتتى.
بۇ ھەقتە توختالغان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى شارون ھوم خانىم مۇنداق دېدى: "ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۇچۇرنى پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىگىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئىچىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگىمۇ يەتكۈزۈشى كېرەك. ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كەسكىن ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرەلەيدۇ."
شارون ھوم خانىم يەنە، مەزكۇر دىئالوگنىڭ خىتاي يېڭىدىن دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى ئېلان قىلغان پەيتلەرگە توغرا كەلگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ دىئالوگنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، دىئالوگ باشلىنىشتىن ئىلگىرى مەزكۇر دىئالوگقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر تەشكىلات 7 - ماي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا مەكتۇپ يوللىدى. مەكتۇپتا، خىتاينىڭ ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇش قىيىنلاشتۇرۇلغان يېڭى بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ كەسپى گۇۋاھنامىسىنى يېڭىلاپ بېرىش ۋە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان تونۇلغان ئۆكتىچى زاتلارنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاساسلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
مەكتۇپتا يەنە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. مەكتۇپتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى قارا - قويۇق تۇتقۇن قىلغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ پەقەت بىر قىسىم چوڭلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 43 نەپەر ئۇيغۇر ئەرنىڭ غايىب بولغانلىقىغا ئالاقىدار ئۇچۇرغا ئىگە بولالىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: " 6 - ۋە 7 - ئىيۇل ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتۇن قىلىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغانلارنىڭ مەسىلىسى تېخىچە ھەل بولغىنى يوق."
يۇقىرىقى مەسىلىلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىسى فىلىم كاين ئەپەندى مۇنداق دېدى: " ئەگەر بۇ دىئالوگنى ئەمەلىي ۋە ئەھمىيەتلىك بولسۇن دەيدىكەنسىز، ئۇنداقتا خىتاينىڭ باشقا جايلىرى ۋە شىنجاڭدا مەۋجۇت ۋە يۈز بېرىۋاتقان خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىش مەسىلىسى، شۇنداقلا ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان 'قارا تۈرمە' مەسىلىسى بۇ دىئالوگدا چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك."
كاين ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىسا، بۇ مەزكۇر سۆھبەت ھەققىدە يەنە بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: "ئۇنداقتا بۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ سۆھبەتنى بىر ئەھمىيەتلىك سۆھبەتكە ئايلاندۇرۇشتا قانچىلىك ئەستايىدىل بولغانلىقىغا نىسبەتەن سوئال تۇغدۇرىدۇ."
ئامېرىكا - خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 1990 - يىلى باشلانغان. 13 قېتىملىق دىئالوگدىن كېيىن، دىئالوگ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن 2002 - يىلىدىن 2008 - يىلىغىچە توختاپ قالغان ئىدى.
دىئالوگ 2008 - مايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلغان. بۇ قېتىمقىسى 15 - قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى بولۇپ، بۇ مەزكۇر دىئالوگنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلىشى.
خىتايدىكى كىشىلىك خاتىرىسىنى ئىگىلىرى سۈرۈشتە، ئىلگىرىكى دىئالوگلار كۆپ نەتىجە بەرمىگەن ئىدى. بۇ نۆۋەتلىك دىئالوگ ئامېرىكا تېخى ئىقتىسادىي كىرىزىس پاتقىقىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ بولالمىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.
بۇ ھەقتە توختالغان شارون ھوم خانىم، بۇ، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن دىئالوگ بولغاچقا، بەك چوڭ نەتىجە كۈتۈشنىڭ رىئاللىق بولمايدىغانلىقى شۇنداقتىمۇ، ئۆز جەمئىيىتىنىڭ دىئالوگغا يەنىلا ئۈمىدلىك قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: "بىز ئۇلارنى (دىئالوگغا قاتناشقۇچى تەرەپلەرنى) دىئالوگنىڭ تولۇق جەريانى ئاساسىدا ئوچۇق دوكلات ئېلان قىلىشقا قىستاۋاتىمىز. بىز بۇنىڭ بېرىلگەن تەكلىپلەرگە نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ كەسكىن دىققىتىنى تارتىشىغا ئۈمىدلىك. شۇنداق بولغاندا ئامېرىكا ۋە خىتاي پۇقرالىرى نېمە بولغانلىقىنى بىلىدۇ. بىز بۇ ئارقىلىق سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالايمىز."
بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىسى فىلىم كاين ئەپەندىمۇ دىئالوگ جەريانىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: "ھېچ بولمىغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئالدىغا قانداق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە قانداق ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز خەلقىگە بىلدۈرۈشى كېرەك. بۇ دىئالوگنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشى ئەلۋەتتە زۆرۈر."
مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ئۆمىكىگە ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەككە مەسئۇل مۇئاۋىن تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى مايكىل پوسېر يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرىمۇ ئامېرىكىغا كېلىپ بولغان بولۇپ، ۋەكىللەرنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا جەمئىيەتلەر ئىشخانىسى مۇدىرى چېن شۇ باشلاپ كەلگەن. بۇ ئاينىڭ 24 - كۈنى، خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا، ئامېرىكا - خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ۋە ئىقتىسادىي دىئالوگى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بۇ يېغىندىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.