يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىدۇ. بۇ يىللىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يەنە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىدىغان مۇراسىم كۈنىگە توغرا كېلىشى مۇمكىن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ئاممىۋى گۇرۇھلىرى خىتاي تۈرمىسىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قوزغىغان. ئۇلار ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، نۇرمۇھەممەت ياسىن، غەيرەت نىياز قاتارلىق يازغۇچى ۋە ژۇرنالىستلارنى، تۈرمىدىكى بەزى خىتاي ھەم تىبەت ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.
ھەر يىلى 12- ئاينىڭ 10 كۈنى "خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى" قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ كۈن دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەنمەكتە. ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە دېموكراتىك خىتاي پائالىيەتچىلىرى بىرلىشىپ، بۇ يىلقى 10- دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تارقىتىش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي تۈرمىسىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى قوزغىغان. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى ھەر قايسى سىياسى- ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان مەقسەت - نىشانلىرى بار. خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ نىشانى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نەزىرىنى خىتاينىڭ دېموكراتىيە تەرەققىياتى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە تۈرمىدىكى خىتاي ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا جەلپ قىلىشتۇر. ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەقسەت - نىشانى بولسا بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نەزىرىنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر نۇرمۇھەممەت ياسىن، غەيرەت نىياز قاتارلىق يازغۇچى، ژۇرنالىستلار ھەم ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تېزرەك تۈرمىدىن چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پائالىيەتچىلەر ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى دەيۋىد كامىرونغا خەت يېزىپ ۋە خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتايلاردىن قولغا ئېلىنغان بەزى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن بۇ مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلماقچى. ئىگىلىشىمىزچە، مەھبۇسلار تىزىملىكىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2004- يىلى 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان "ياۋا كەپتەر" ناملىق ھىكايىنىڭ ئاپتورى نۇرمۇھەممەت ياسىن، "شىنجاڭ ئىقتىساد "گېزىتىنىڭ سابىق مۇھەررىرى غەيرەت نىياز ۋە "5-ئىيۇل ۋەقەسى" دە قولغا ئېلىنغان دىلشات پەرھات قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلار، خىتاي دېموكراتلىرىدىن جۇ گېڭشىڭ، لى يۈيجۈن، مياۋ دېڭشۇن قاتارلىق كىشىلەر بار. مەزكۇر ھەرىكەتنى ئۇيۇشتۇرغان زاتلارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر توختى ئەپەندى، بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي ۋەكىللىرى كېلەر پەيشەنبە كۈنى دوۋنىڭ كوچىسىنىڭ 10 - نومۇرلۇق قوراسىدىكى ئەنگىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىغا كېلىپ، باش مىنىستىر دەيۋىد كامىرونغا يازغان بۇ ھەقتىكى مەكتۇبىنى تاپشۇرىدۇ ۋە شۇ كۈنى يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا شام يېقىپ، نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ كامىرونغا يازغان مەكتۇبىدا ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، تۈرمىگە سولانغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش تەلەپ قىلىنغان. ئەنۋەر توختى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە دېموكراتىك خىتايلاردىن قۇرۇلغان" 3 تەرەپ ئىتتىپاقى" نىڭ يىتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئۆتكەن يىلى "5- ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن قۇرۇلغان مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان تۇنجى بىرلەشمە پائالىيىتىدۇر. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دېموكراتىك خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرگە ھەرىكەت قىلىش مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاسان غۇلغۇلا قوزغايدىغان نازۇك مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى. خىتايلار بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇشقا قارشى تۇرغۇچى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئىتتىپاقلىق ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق غايىسىدىن ئايرىپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن ئىتتىپاقنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دېموكراتىك خىتايلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى خىتاي خەلقىغە چۈشەندۈرۈش زۆرۈر ئىستراتېگىيىدۇر. ئەنۋەر توختى ئەپەندى كېيىنكى قاراشتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر، تىبەت ۋە دېموكراتىك خىتايلارنىڭ "3 تەرەپ ئىتتىپاقى" كامىرونغا يوللايدىغان مەكتۇبىدا ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ليۇ شاۋبو، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ۋە تىبەت كىنو رىجىسسورى دوندۇپ ۋاڭچېن قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن، پائالىيەتچىلەر مەكتۇبىدا يەنە باش مىنىستىر كامىروننىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇققا ياتىدىغان كونكرېت شەخسى دىلولارنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى، ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى ئاشكارا تەلەپ قىلمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنۋەر توختىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كامىروننىڭ نويابىر ئېيىدىكى خىتاي زىيارىتىدە گەرچە ئەنگىلىيە بىلەن خىتاي نۇرغۇن سودا توختىمى تۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنگىلىيە يەنىلا ئۆزى ئارزۇ قىلغان نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەن بولۇپ، بۇ ئەنگىلىيە دائىرىلىرىنى ئۈمىدسىزلىككە ئۇچراتقان. ئەنۋەر ئەپەندى كامىروننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ئەنگىلىيىلىكلەردە ئۇيغۇر، تىبەت ۋە دېموكراتىك خىتاي ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن قىزىقىش كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى دەيۋىد كامىرون ئۆتكەن ئاينىڭ باشلىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن نۇرغۇن سودا توختىمى تۈزگەن. ئۇ بۇ جەرياندا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى كۈچلۇك چاقىرىقىغا دۇچ كەلگەن. لېكىن، كامىرون زىيارەت جەريانىدىكى ئۆز - ئارا سۆھبەتلەردە ليۇ شاۋبو مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ۋە شۇنداقلا ئاشكارا سورۇنلاردا كىشىلىك ھوقۇقنى تىلغا ئالمىغان ئىدى. گەرچە، ئۇ خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى، ليۇ شاۋبو مەسىلىسىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغانلىقىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن.