كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى خىتاينىڭ بىر تاكتىكىسىمۇ؟

بېيجىڭ دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يېپىق شەكىلدىكى رەسمىي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

0:00 / 0:00

لېكىن، ۋىكىلىكس تور بىتى ئارقىلىق ئاشكارىلانغان، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ خەت-ئالاقىلىرىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل سۆھبەتكە سەۋرى-تاقىتىنىڭ تۈگىگەنلىكى، يەنى ئۇلارنىڭ بىزنىڭ بۇنداق سۆھبەتكە ئەمدى ئېھتىياجىمىز يوق، كۆتە كەشىڭنى دېگەندەك پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ. ۋىكىلىكس تور بېتىدە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتىن باش كۆتۈرگەن، غەرب دۆلەتلىرى بولسا ئىقتىسادى بوھراننىڭ پاتقىقىغا پاتقان 2009-يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يېپىق شەكىلدىكى رەسمىي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىگە سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشقا باشلىغان.

كانادادا چىقىدىغان "يەرشارى پوچتىسى" گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان،"خىتاي نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىدە بىردىنلا سوۋۇدى،"ناملىق ماقالىدە، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ۋىكىلىكس تور بېتىدە ئاشكارا بولغان خەت-ئالاقىلىرى ئارقىلىق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىگە تۇتقان مەيدانىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەھلىل قىلىدۇ.

مەزكۇر گېزىتنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە يازغۇچىسى كامپبېل كلاركنىڭ بۇ ماقالىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىگە قاتناشقان بىر نەپەر غەربلىك ئەمەلدارنىڭ بۇ سۆھبەتلەر جەريانىدا، خىتاي تەرەپنىڭ ھەدىگەندىلا ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغىلاتقانلىقى، قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشقا ئاران تۇرىدىغانلىقى ۋە سۆھبەت مۇھىتىنىڭ سوغۇق بولغانلىقى، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئەمەلىي ئۈنۈمدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، سۆھبەتكە قاتناشقان يەنە بىر ئەمەلدارنىڭ بولسا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە رەسمىي سۆھبەتكە كەلگەندە، ئۇلارنىڭ "سېنىڭ تەۋسىيىلىرىڭنى ئاڭلايدىغانغا قۇلاق يوق" دېگەندەك پوزىتسىيىدە بولغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئۇ ماقالىسىدە، كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان ۋە بۇ سۆھبەتنىڭ لايىھىلىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان، كانادا بروكك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چارلېس بۇرتوننىڭ "خىتاينىڭ بۇرۇنقى پوزىتسىيىسى " سىلەر، بىزنىڭ كەمبەغەل ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىمىزنى شۇنداقلا بىزنىڭ بۇنداق يۇقىرى ئۆلچەملەرگە يېتىشىمىزنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشىڭلار كېرەك" دېگەندەك شەكىلدە ئىدى. ئەمدى بولسا، ئۇلار تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماستىن، بولمىسا سۆھبەتتىن چىقىپ كېتىمىز...دەيدىغان ھالغا كەلدى" دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىدۇ.

يىللاردىن بېرى، كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن بولغان رەسمىي سۆھبەتلەردە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت خاتىرىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پوزىتسىيىسىدىكى بۇ تاكتىكىلىق ئۆزگىرىشنى ئىقتىسادى جەھەتتىن باش كۆتۈرۈشتىن پەيدا بولغان كىبىر بىلەن ئۇنىڭ دىكتاتورىلىق ئەنئەنىسىگە باغلايدۇ.

غەرب دۆلەتلىرى ئىچىدە، بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەڭ بۇرۇن باشلىغان كانادا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتام ئېيتقان بايىقى دېگەندەك كونا سەنەمنى تەكرارلاۋەرگەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ھېچقانداق بىر ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2005-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇ سۆھبەتنى ئۆز ئالدىغا توختاتقانىدى. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لائۇرا ماركلېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا خىتاي بىلەن بولغان بۇ سۆھبەتنى تېخى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كانادا باش مىنىستىرى ۋە باشقا مىنىستىرلار خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

سىياسىي پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇشنىڭ تەھلىلىدە، خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى يېپىق شەكىلدە ئەمەس، بەلكى ئاشكارا شەكىلدە ئېلىپ بارغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولۇشى مۇمكىن. كانادالىق سابىق دىپلومات چارلېس بۇرتون ئەپەندى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى بېسىملىرىنى كەسكىن رەت قىلىپ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، كانادا بىلەن بۇ خىل سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشنى يەنىلا تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئاشكارا ئەيىبلەشلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنلا، ئوچۇق شەكىلدىكى سۆھبەتتىن، يېپىق شەكىلدىكى بۇ سۆھبەتلەرنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.