ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئەرەب مەملىكەتلىرىدىكى دېموكراتىيە شامىلىدىن قورقۇپ كەتكەن خىتاي دائىرىلىرى ئوخشاش كۈننىڭ ئۆز بېشىغىمۇ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى ئۈستىدىكى نازارەت ۋە تەقىبنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن ئىدى. يېقىندىن بۇيان خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن غايىب بولۇپ كېتىش ۋەقەلىرى ئەۋج ئېلىپ، يېقىنقى مەزگىل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، خىتايدىكى داڭلىق سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى مانا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ غۇلغۇلا قوزغىغان بىر ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېينىڭ قولغا ئېلىنىشى چەتئەللەردە قاتتىق مۇنازىرە قوزغاپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بۇرىغان دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئېچىلماقچى، ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ سۆھبەت چارشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ. بۇ قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى مايكېل پوسنېر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا «ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە يېقىندىن بۇيان خىتايدا مەيدانغا كەلگەن مەجبۇرىي غايىب قېلىۋېتىش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، قولغا ئېلىش ۋە جازاغا تارتىش مەسىلىلىرى شۇنداقلا دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، دىنىي ئەركىنلىك، ئىشچىلار ھوقۇقى، ئاز سانلىقلار ھوقۇقى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ» دېيىلگەن.
نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا ناھايىتى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، قولغا ئېلىش ۋە جازاغا ھۆكۈم قىلىش» دېگەن ئىبارىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى بىنورمال بىر ئەھۋال بولۇپ، ئادەتتە بۇ خىل باياناتلاردا بۇنداق سۆزلەر ئىشلىتىلىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋال ئىكەن. نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئىبارىنى ئىشلىتىشىنى ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن جىددىي ھالدا ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىغان.
ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنى بېسىمنى ئارتتۇرۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كېلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى مەتبۇئاتلاردىكى مۇلاھىزە تېمىلىرىنىڭ بىرى بوپقالدى. ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى ۋە نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە بىردەك خىتاينىڭ كېيىنكى مەزگىلدە دۆلەت ئىچىدە يولغا قويۇۋاتقان قاتتىق بېسىم سىياسىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بۇنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى ئەڭ ئېغىر دەپسەندىگە ئۇچرىغان مەزگىل ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. شۇڭا ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنىڭ ناھايىتى جىددىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئالاھىدە پەرقلىق بولىدىغانلىقى، بۇنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياننامىدىن روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بايانىدا، خىتايدىكى ھازىرقى ۋەزىيەت، بۇ تۈر كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىنىڭ كۈچىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق ھالدا خىتاي قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، دەپ، قولغا ئېلىنغان ئاكتىپلارنى خىتاينىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان كىشىلەر، دەپ كەلگەنلىكىنى، جۈملىدىن بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىنىڭ خىتايغا ئەمەلىي بىر تەسىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان.
دەرۋەقە، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي ئىككى تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ھەققىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن بايانىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن بىر دۆلەت، دېدى ۋە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقتا پەرقلىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. خۇڭ لېينىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سۆھبىتىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە بولغان گۇمانىنى قۇۋۋەتلەندۈرمەكتە. غەربلىك كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بۇ خىل ئىككى دۆلەت سۆھبەتلىرىنىڭ كۈچىنىڭ يېتەرسىز قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئەمما شۇنداقتىمۇ، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا قاتتىق تەلەپپۇز ئىشلىتىشى ۋە ئۆز مەيدانىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرى رەھبەرلىرىنى بۇ ھەقتە خىتايغا توختىماي بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرماقتا.