د ئۇ ق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى نەۋى پىلاي ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

0:00 / 0:00

ب د ت نىڭ ئومۇمى قۇرۇلتىيى 2010-يىلى 12-ئايدا قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 3‏-ئاينىڭ 24-كۈنىنى «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش خەلقئارا كۈنى» قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ «ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش خەلقئارا كۈنى» نىڭ تۇنجى خاتىرە كۈنىدۇر. بۇ كۈن ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى سالۋادورنىڭ مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پوپ مونسىگنور ئوسكار ئارنۇلفو رومېرونىڭ سالۋادور ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى.

ب د ت نىڭ بۇ كۈننى خەلقئارا خاتىرە كۈنى قىلىپ بېكىتىشتىكى مۇددىئاسى پوپ رومىرو ۋە رومىروغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن قۇربان بولغانلارنى شۇنداقلا بۇ يولدا بەدەل تۆلەۋاتقان كىشىلەرنى خاتىرىلەش، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇلارنى قوغداش، كىشىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى بىلىش ھوقۇقىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈندۇر. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى نەۋى پىلاي خەلقئارا خاتىرە كۈنىنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئەسكەرتىپ،«كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ، ئۇلارغا قارشى بۇ رەزىل جىنايەتنى سادىر قىلغۇچىلارغا دائىر ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى تارتىۋالغىنى بولمايدىغان بىر ھەقتۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىش سادىر قىلغۇچىلارنىڭ زور ۋە سىستېمىلىق دەپسەندىچىلىك قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەب ۋە ئەھۋاللارنى بىلىش ھوقۇقى بار. ئۇلار يەنە، بۇ قىلمىشنى كىملەر سادىر قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش ھوقۇقىغا ئىگە» دەپ تەكىتلىگەن.

ب د ت نىڭ 24-مارتنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش خەلقئارا كۈنى قىلىپ بېكىتكەن بۇ ۋاقىت، ئۇيغۇرلارنىڭ ب د ت نى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلى ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆلۈم جازاسى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى مەخپىي سوتلاش، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش جىنايى قىلمىشى، ئاقلاش-ئاقلىنىش ھوقۇقى، ئەدلىيە تەرتىپىگە دائىر تەپسىلاتلارنى يوشۇرۇپ، خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچىمى ۋە پۇقرالارنىڭ بىلىش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان ئىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى يىغىنىدا ئامېرىكا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى ۋە دۆلەت ھالقىغان تىنچلىقپەرۋەر رادىكاللار پارتىيىسى قاتارلىق گۇرۇھلار خىتاينى تەنقىدلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىست ۋە پائالىيەتچىلىرىنى قانۇنسىز ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر خەلقئارا كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزغا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى مەزكۇر خەلقئارا كۈننىڭ روھىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت، مەزكۇر خاتىرە كۈنىنىڭ ئەھمىيىتى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى جىددىي بىر مەسىلىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

24‏-مارت «خەلقئارا بىلىش ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش كۈنى» نىڭ ھارپىسىدا يەنە، ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن تەبرىكنامە ئېلان قىلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى، دەپ كۆرسەتتى. بان كىمۇن بۇ ھەقتىكى تەبرىكنامىسىدە «ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى تۇرغۇزۇشىغا ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بولمىدى دېگەندە يۈتتۈرگەن نەرسىلىرىنى تېپىۋېلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېچىپ تاشلاش جەمئىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە ياردەم قىلىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر يىلى نۇرغۇن ئادەم سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىنىپ، ئۆلۈم جازاسى ۋە ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە مەتبۇئاتى بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلارنى مەخپىي تۇتىدىغان ئاز ساندىكى رايونلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئۆتكەندە 2010‏-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك 380 نەچچە دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، دائىرىلەر يۇقىرىقى دېلولارغا چېتىلىدىغان ئادەم سانى، شەخسلەر، ئۇلارنىڭ قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، ئاقلىنىش ھوقۇقى بېرىلگەن-بېرىلمىگەنلىكى، قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلىپ باققان ئەمەس. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئۇيغۇر ئىلى كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىززەت‏-ھۆرمىتى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراش ئەھۋالى ئېغىر ۋەزىيەتتىكى رايون ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2009‏-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5‏-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئالاھىدە تەكشۈرۈش خادىمى ئەۋەتىپ، رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەزكۇر ئىلتىماسىغا ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىگەن. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى يىغىنىدا بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىپ، ب د ت ئالاھىدە كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلىشقا ئۈندىگەن. دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر خەلقئارا ئەھدىنامىلەرنى ئىجرا قىلماي كېلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن بۇ قېتىم «ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش خەلقئارا كۈنى» روھىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى نەۋىي پىلاي مەزكۇر خەلقئارا خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدە يەنە، ھەر قايسى ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش يولىدا قۇربان بېرىۋاتقان كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ «بىز بۇ كۈننى خاتىرىلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى پاش قىلىش يولىدا خېيىم-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ۋە تەۋەككۈل قىلىۋاتقان كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز. بۇ كىشىلەر دائىم ئۆچ ئېلىشقا ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قارايدىغان بۇ ئىشلارنى يۈكسەك بىر جاسارەت بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە» دەپ كۆرسەتكەن.