كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يېڭى دوكلاتى

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانى - كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا 2009 ‏ - يىلى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈزلۈكسىز دەپسەندىگە ئۇچرىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلايدىغان ئاممىۋى گۇرۇھلار ۋە شەخسلەر ئۈزلۈكسىز زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان كونتروللۇقنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىOpens in new window ]

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنىڭ 2009 ‏ - يىلدىكى ئەھۋالىغا دائىر دوكلاتىدا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تەنقىدلەپ، بۇ بىر يىلدا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈزلۈكسىز دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى، پىكىر ئەركىنلىكى، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش، تەن جازاسى بېرىش، ئەدلىيەنىڭ تەرەپبازلىقى، ئەمگەك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، دىنىي ئەركىنلىك، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى باستۇرۇشنىڭ كۆچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

612 بەتلىك دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت پاراگىرافى ئاساسەن 2009‏ - يىلى يۈز بەرگەن 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئاجرىتىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە كۆپ قىسىم خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان 197 ئادەم ئۆلدى، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن "ئۇيغۇر تەشكىلاتلار دائىرىلەرنىڭ بۇ مەلۇماتىنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ھېسابلانغان"، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان دۆڭكۆۋرۈك ۋە بەيگە مەيدانىنى پۈتۈنلەي قورشاپ، كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسلانغاندا، بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بۇ ئىككى مەھەللىدە ئۇيغۇر ياشلارنى ۋە بالىلارنى ئاختۇرغانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ 20 ياشلاردىكى يىگىتلەر، ئەڭ كىچىكىنىڭ 14 ياشلاردىكى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر داۋاملاشقانلىقىنى، لېكىن تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

5" - ئىيۇل ۋەقەسى"دە زادى قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا دائىر بۇ مەسىلە ئۈزلۈكسىز تالاش - تارتىشتىكى بىر تېما بولۇپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى چاغدا 1700 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، كېيىنكى مەزگىلدە 700 ئادەمنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەدە ئىز ‏- دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ۋە ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا ئىز ‏- دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلار مەسئۇلى دوكتور سوفىيە رىچاردسون خانىم چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، 2009‏ - يىلى خىتايدا يۈز بەرگەن زور ھادىسىلەرنىڭ بىرى، "ناھايىتى روشەنكى، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن مىسلىسىز قالايمىقانچىلىقتۇر. بۇ ۋەقەدە بىزنى ئەڭ چوڭ ئەندىشىگە سېلىۋاتقان نەرسە نۇرغۇن ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ۋە بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنكلىكى ۋە شۇنىڭدىن بېرى ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىز ‏- دېرىكىنىڭ بولماسلىقىدۇر" دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى "پائالىيەتچى ۋە سابىق سىياسىي مەھبۇس" رابىيە قادىر خانىمنى نامايىشنى پىلانلاش ۋە تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى، لېكىن بۇ قارىشىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "كۆپچىلىك ئانالىزچىلار بۇ ۋەقە خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەمسىتىش سىياسىتىگە قايتۇرۇلغان رىئاكسىيە" دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تاشقىي دۇنيا بىلەن بولغان ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ھازىرغا قەدەر ئەسلىگە كەلتۈرمىگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىنى تەنقىدلىگەن شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ "ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ۋە پۈتۈن تەشۋىقات قوراللىرىنى قوللىنىپ، خەلقئارا ۋە ئىچكى قىسىمدا بىر تەرەپلىمىلىك تەشۋىقات ئېلىپ بارغانلىقى"نى، 5"‏ - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سوتى ئەڭ ئەقەللى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە توشمايدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كەننىس رۇس چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە يۇمشاپ كەتكەنلىكىنى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىك چەكلىمىسىگە قارشى جىددىي ئىپادە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

كەننىس رۇس مۇنداق دەيدۇ" :خىتاي مەسىلىسىگە كەلسەك،پرېزىدېنت كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىملىقىغا دائىر مۇھىم سۆزلەرنى قىلغان ۋە كەڭ دائىرىلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. لېكىن ئۇ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلىپ، سۆزىدە تۇرمىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى مەنپەئەتىگە دەخلى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ھۇلىنى كولىدى. پرېزىدېنت خىتاينىڭ سەددىچىن توسمىسى مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ باش ئەلچىسى ئوتتۇرىغا قويغان يۇمشاق يولنى تۇتۇپ، سەددىچىن توسمىسىنى چېقىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويماي، ئوخشىمىغان ئەنئەنىلەر ھەققىدە توختالدى ... مەن شۇنى دېمەكچى، كلىنتون خانىم بۇ ھەپتە ئىنتېرنېت توغرىسىدا سۆز قىلغاندا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى يۇمشاق مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەيدانىدا ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇرامدۇ ياكى خىتاينىڭ تور بېكىتى ۋە ئىنتېرنېت مەسىلىسىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىگە كونكرېت ۋە تەنقىدى پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەمدۇ ؟ بىز بۇنىڭغا قارايمىز."

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ بىر يىلدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز بوغۇشقا ئۇچراپ، "خىتاينىڭ مۇخبىرلار، تور بېكىتى ۋە سانى 338 مىليون تور قوللانغۇچىغا چەكلىمە قويغانلىقى"نى، "بۇ دوكلات يېزىلىۋاتقان مەزگىلدە ئاز دېگەندە 28 نەپەر ئاخبارات خادىمىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا كۈشكۈرتكۈچىلىك قىلىش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دېگەنگە ئوخشاش ئېنىقلىمىسى مۈجىمەل جازالار بىلەن تۈرمىگە سولانغانلىقىنى" ئىلگىرى سۈرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.