خىتايدا كىشىلىك ھوقۇققا كېلىۋاتقان تەھدىت كۈچەيگەن

ئەنگىلىيىنىڭ مەپلكروفت شىركىتى يەر شارى سودا - تىجارىتىدىكى خەۋپ - خەتەر ۋە تەھدىتلەرنى قىياس قىلىدىغان ۋە ئانالىز ئېلىپ بارىدىغان دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە شىركەتلەرنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر شىركەت تەتقىقات دوكلاتى ھازىرلاپ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

0:00 / 0:00

دوكلاتتا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى پەۋقۇلاددە جىددى دۆلەتلەر قاتارىغا تىزغان.

ئەنگىلىيە مەپلكروفت شىركىتىنىڭ تەتقىقات دوكلاتى 10 ‏ - دېكابىر كۈنى خاتىرىلىنىدىغان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، "كىشىلىك ھوقۇق ئاتلىسى ‏‏ - 2010" دېگەن نامدىكى تەتقىقات دوكلاتىدا 196 دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئىنسان بىخەتەرلىكى، ئەمگەك ھوقۇقى، پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسى ھەقلەر، قۇتقۇزۇشقا ئېرىشىش ھوقۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 تۈر ئاساسىدا باھالاپ چىققان.

كىشىلىك ھوقۇق خەيىم - خەتەر ئاتلىسىدىكى كۆرسەتكۈچكە قارىغاندا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى پەۋقۇلاددە خەتەرلىك 21 دۆلەتنىڭ ئىچىدە 12 ‏ - ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئافغانىستان، سومالى، كونگو، پاكىستان، كولۇمبىيە بولسا ئالدىنقى 10 دۆلەتنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

دوكلاتتا 2008 ‏ - يىلدىن بۇيان خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كەينىگە چېكىنگەنلىكى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خەيىم - خەتەر ئاتلىسىدىكى ئورنى 5 دەرىجە تۆۋەنلەپ، 12 ‏ - ئورۇنغا چۈشكەنلىكى، بۇنىڭغا "قالايمىقان قولغا ئېلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش، سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى، ۋىجدان ئەركىنلىكى، ئىپادە ھەم دىنىي ئەركىنلىك، ئەدلىيىنىڭ رولى ۋە ئەدلىيە مۇستەقىللىقى، ئاز سانلىقلار ھوقۇقى" جەھەتلەردىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مەپلكروفت شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، ئەنگىلىيە ۋارۋىك سودا مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى ئالىسون ۋارخېرست ئىقتىسادى تېز ئىلگىرىلەۋاتقان خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتتىكى نەتىجىسى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: "برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئالدىمىزدىكى يىللاردا دۇنيا ئىقتىسادىنى يېتەكلەيدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بېرىۋاتىدۇ. لېكىن تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئىقتىسادى تەرەققىيات كىشىلىك ھوقۇقتىكى ئىلگىرىلەشنى ئالغا سۈرمىگەن."

ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھرىدىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئېنخېباتۇ توگوچۇك، خىتاينىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى، لېكىن خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىياتى بىر بىرى بىلەن ماسلىشالمايۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىكى نېگىزلىك توسالغۇلارنىڭ بىرى خىتاي قانۇن تۈزۈلمىسىدە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ "خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى قانۇن سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئۆكتىچىلەرگە ئورۇن يوق. شۇڭا خىتاينىڭ ئۆزى ھازىرقى قانۇن تۈزۈلمىسىنىڭ رامكىسى ئىچىگە سىقىلىپ قالدى. مەسىلەن، خىتاينىڭ مىللى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدا ھەتتا خىتاي ئاساسى قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، يىغىلىش ئەركىنلىكى دېگەنگە ئوخشاش تۈرلۈك ھوقۇقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن، بۇ ھىچ بىر ۋاقىت ئىجرا قىلىنغان ئەمەس. ئەسلى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنى ۋاسىتىلارغا تايىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن خىتاي قانۇن سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى رامكىسى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولماقتا."

دوكلاتتا يەنە خىتاي دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تېز يۈكسىلىۋاتقان دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، ئاز سانلىقلار ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكى، ئەمگەك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ئېغىر بولۇپ، خىتاي بالىلار ئەمگىكى، مەجبۇرى ئەمگەك ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى دەپسەندىگە ئۇچراش جەھەتلەردە بىرما ۋە پاكىستاننىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتنىڭ خەرىتىلىك كۆرسەتكۈچىگە قارىغاندا گۇئاڭدوڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەمگەك ھوقۇقى ئەڭ ئېغىر دەپسەندىگە ئۇچرايدىغان ئۆلكە بولۇپ، ئاز سانلىقلار ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىدىغان جايلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەتنى مەركەز قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ بۇ يىل 17 ئورۇندىن بىراقلا 12 ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2008 ‏ - يىلى يۈز بەرگەن لخاسا ۋەقەسى ۋە بۇ يىل 5 ‏ - ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى شىددەتلىك باستۇرغانلىقىنىڭ تەسىرى زور بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىدىكى ئېنخىباتۇ توگۇچۇك، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى شارائىتىدا ھازىرقى مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرىنى شۇنداقلا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارغا مۇناسىۋەتلىك مىللى مەسىلىلەردە ھەل قىلىشنىڭ ناھايىتى تەسلىكى، لېكىن ئۈمىدىنى يۈتتۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك ناھايىتى تەس. لېكىن بىز يەنىلا تىرىشىشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى شارائىتىدا تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ئۈمىد بېغىشلايدىغان بىر بوشلۇق يوق. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئاممىۋى گۇرۇھلار ۋە شەخسلەرنى بۆلگۈنچىلىك ياكى جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرماقتا."

توگۇچۇك، خىتاي جەمئىيىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە ۋە مۇستەقىللىقىنى قورقماي ئاشكارە بەس مۇنازىرە قىلىشىغا يول قويغاندىلا ساغلام بىر جەمئىيەت بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەپلكروفت شىركىتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، ئىنسان ھوقۇقنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئىنسانى بىخەتەرلىك تەرىپى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پاكىستان بۇ جەھەتتىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. دوكلاتتا ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، گۆرۈگە ئېلىش، تەن جازاسى، قانۇنسىز جازالاش ياكى ئۆلتۈرۈش، ماكانسىزلار ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسى، بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىش ئەھۋالى پاكىستاندا ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، پاكىستاندىكى ھازىرقى ۋەزىيەت بۇ ئەھۋاللارنىڭ 2010 ‏ - يىلى يەنە ئېغىرلىشىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.