كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى: ئولىمپىك خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلىنىشىدا كاتالىزاتور رولىنى ئوينىمىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ تىبەت نامايىشچىلىرىنى ۋە ئۆكتىچى زاتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىدە ساختىپەزلىك قىلىش بىلەن ئەيىپلىسە، يەنە بەزى تەشكىلاتلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى تەنقىدلىمەكتە. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئولىمپىك خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ياخشىلىنىشىدا كاتالىزاتور رولىنى ئوينايدۇ، دېگۈچىلەرنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بىلدۈردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئەيىبلىمەكتە.

خىتاي، " ئولىمپىك بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ،" دېگەن

خىتاي 2001 ‏- يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى تالاشقاندا بېيجىڭ شەھەر باشلىقى ليۇ چى، ئەگەر ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلسە " بۇ بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ " دەپ ۋەدە بەرگەن ۋە ئولىمپىك كومىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئورگانلار، شەخسلەر ۋە دۆلەتلەر ئولىمپىكنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدا كاتالىزاتور رولى ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە تىبەت نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئولىمپىكنىڭ " كاتالىزاتور "لۇق رول ئويناش ئارزۇسىنى يوققا چىقارغانلىقىنى، كىشىلەردە خىتاينىڭ ۋەدىسى ساختا ئىكەنلىك تۇيغۇسى ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا ئەگەر ئولىمپىك كومىتېتى، چەتئەللىك رەھبەرلەر ۋە ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان چەتئەللىك كارخانىلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلمىسا، دەپسەندىچىلىككە ھەمشېرىك بولغان بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئەسلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ئىناقلىقىنى نامايەن قىلماقچى بولغانلىقى، لېكىن سۇدان ھۆكۈمىتىنى قوللاش، مەملىكەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تۈپەيلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، تىبەتتىكى ۋەقە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ تىپىك مىسالى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ توغرىسىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى كېسىلىن بېلبور خانىم مۇنداق دەيدۇ، " ئولىمپىكنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتتى. يېقىنقى بەزى ۋەقەلەرگە قارىغاندا ئولىمپىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتچىلەر ۋە زاتلارغىمۇ سەۋر تاقەت قىلىنمىغان. ياڭ چۈنلىن ۋەقەسى بۇنىڭ بىر مىسالى. چۈنكى ئۇ "ئولىمپىك كېرەك ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق كېرەك،"دەپ قويغانلىقى ئۈچۈن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. يېقىندا تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ شىددەتلىك باستۇرۇلۇشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر يەنە بىر تىپىك مىسالدۇر ."

" خىتاينىڭ خوتەندىكى ئاياللار نامايىشىنى باستۇرغانلىقى ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى"

ياڭ چۈنلىن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى دېھقانلار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ جۇڭگولۇقلارغا " ئولىمپىك كېرەك ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق لازىم " دېگەن سۆزى ئۈچۈن خېيلوڭجياڭدىكى بىر سوت مەھكىمىسى ئۇنى"ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدىكى " تازىلاش ھەرىكىتى"دە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى جىمىقتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە تۈرمىگە تاشلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى شۇنداقلا تىبەت نامايىشچىلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشىنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى، دەپ ئەسكەرتتى. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى كىشىلەردە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ھەققىدىكى ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرۇش نىيىتى بارلىقىغا گۇمان پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەرنىڭ يېقىندا خوتەندىكى ئاياللار نامايىشىنى باستۇرغانلىقى بۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يېقىندا خوتەن شەھىرىدە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زىيانكەشلىككە قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى. دائىرىلەر ئالدىدا بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلدى، لېكىن سەيشەنبە كۈنى نامايىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خوتەن شەھىرىدىكى چوڭ بازاردا يۈز بەرگەن نامايىشنى " ئۈچ خىل كۈچلەر"نىڭ ئاممىنى كۈشكۈرتۈش ھەرىكىتى، دەپ ئەيىبلىگەن شۇنداقلا ساقچىلارنىڭ ۋەقەنى ۋاقتىدا جىمىقتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خوتەن يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ۋەقەنى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ چوڭ بازاردا تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىش، ئۇيغۇرلارنى تىبەتلەردىن ئۈلگە ئېلىشقا چاقىرىش ۋەقەسى،دەپ تەكىتلىگەن.

" ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك"

يەنە بەزى تەشكىلاتلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاينىڭ ئۆز ۋەدىسىدە تۇرماي كىشىلىك ھوقۇقنى ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىشىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى مەركىزى نيۇ يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئورگىنىدۇر. مەزكۇر تەشكىلات خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلىشى ئولىمپىك نىزامنامىسىنىڭ روھىغا سەل قارىغانلىقتۇر، دەپ ئەيىبلىمەكتە. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى رېي خەپي، ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئەمەس، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنغاندا چوقۇم بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك، دەيدۇ.

ئۇ، " بىز ئۈچۈن بۇ يەردىكى مەسىلە ئولىمپىك كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىمۇ - ئەمەسمۇ، دېگەن مەسىلە ئەمەس. بىز ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئەمەسلىكىنى بىلىمىز. ئەمما ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. ئولىمپىكنىڭ ساھىبخان دۆلىتىدە باستۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرسە، ئولىمپىك كومىتېتى ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەكمۇ ‏- ئەمەسمۇ ؟ ئەگەر ئۇ سۈكۈت قىلىش يولىنى تاللىۋالسا، دېمەك ئۇنىڭ ئەخلاقىي بوشلۇقى بار، دېگەنلىكتۇر " دەپ كۆرسەتتى. لېكىن ئۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

" ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بايقۇت قىلىشقا تېگىشلىك "

لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالارنىڭ نەزىرىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بايقۇت قىلىشقا تېگىشلىك، چۈنكى تىبەت نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇش، خىتاينىڭ سۇدان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش بۇنىڭ يېتەرلىك سەۋەبى بولالايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 15 نەپەر ئەزاسى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتىغا يازغان بۇ ھەقتىكى بىر خېتىدە، پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پىلانى ئۈستىدە ئويلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزگۈچى تەبىئىتى كۈچەيگەن مەزگىلدە ، سىزنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىشىڭىز توغرا بولماسلىقى مۇمكىن " دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يەنە ئەزاسى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قاتنىشىشىنى چەكلەيدىغان بىر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى ئوتتۇرىغا قويدى. مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھىسى پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى چەكلىمەيدۇ، لېكىن فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشىغا چەكلىمە قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 4 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنىگە قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ ئۇچرىشىشلاردا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىپادە بىلدۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)