لوندون كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىكى شېئىر ئوقۇش پائالىيىتى زور ئىنكاس قوزغىدى

لوندون كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئېلىپ بېرىلغان شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ھەم نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى قەلەمكەشلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى كىشىلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىل لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسىدە، يەرمەنكىگە قاتناشقان دېموكراتىك قەلەمكەشلەر ئۆزگىچە شەكىلدىكى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق،خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇش ھەم خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي يازغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۇنياغا ئاڭلاتتى.

خىتاي 2012-يىللىق لوندون كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ ساھىبخانا دۆلىتى بولۇپ، يەرمەنكىگە قاتناشقان خىتاي ۋەكىللىرى، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن بىۋاسىتە بەلگىلەپ چىققان يازغۇچىلار سېپىدىن تەشكىللەنگەن. يەرمەنكىگە يەنە خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىر مۇنچە سىياسىي رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن. خىتاي دائىرىلىرى يەنە يەرمەنكىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئەنگلىيە تەرەپتىن يەرمەنكە مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ھەم رەھىمە خانىملار ئۆز بايانلىرىدا، يەرمەنكە مەزگىلىدە، گەرچە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان، خىتاي، ئۇيغۇر، تىبەت دېموكراتلىرى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

رەھىمە خانىم ئۆز بايانىدا، نارازىلىق پائالىيىتىگە قاتناشقان دېموكراتىك ئىدىيىدىكى زىيالىيلارنىڭ زور كۆپ قىسمى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دېموكراتىيىنى بوغۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقنىڭمۇ شۇنچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

يەرمەنكىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىكى پائالىيەت ھەققىدە توختالغان رەھىمە خانىم، ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى سەۋەبلىكلا خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننىڭ «نۇزۇگۇمنىڭ چاقىرىقى» ناملىق شېئىرىنى ھەم ئەدىب ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «قەلەم» دېگەن شېئىرىنى ئىنگلىز تىلىدا دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان چېغىدا، يەرمەنكە قاتناشقۇچىلىرى ھەم كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ھەم خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بولغان قىزىقىشى ھەم ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى جەريانىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشى ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا كۆپلىگەن مەتبۇئاتلاردا يەرمەنكىگە قاتناشقان خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ھۆكۈمەتكە سادىق يازغۇچىلارنىڭ، دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن، يەرمەنكىدە ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بېسىلدى. فەيسبوك، تۋېتىر قاتارلىق ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردىمۇ، كىتاب يەرمەنكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈنسىز ھالدىكى نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ھەم كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىكى شېئىر ئوقۇش ۋە نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق خىتاي تۈرمىلىرىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش پائالىيىتىنىڭ يەرمەنكە قاتناشچىلىرى ھەم يەرمەنكە پائالىيىتىگە ئائىت سىنئالغۇلارنى كۆرگۈچىلەردە زور تەسىر قوزغىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.