تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىدە «ئىككى خىل كىيىم مودېلى كۆرگەزمىسى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى» ناملىق بىر تېما، ئىككى كۈندىن بۇيان ئاۋات تېمىغا ئايلاندى. چۈنكى سۈرەتلەر بىلەن چاپلانغان يازمىدا، ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە يۈز كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىندا باي ناھىيە سايرام بازىرىدا، بازاردىكى غەيرىي كىيىنىش قىلمىشىنى قامچىلاش يۈزىسىدىن، زامانغا لايىق كىيىنىش بىلەن غەيرىي كىيىنىشتىن ئىبارەت «ئىككى خىل» كىيىم مودېلى كۆرسىتىش ئۇيۇشتۇرۇلغان، بۇ ئارقىلىق دائىرىلەر، غەيرىي كىيىنىشنى كۈچلۈك قامچىلاپ زامانغا لايىق، مەدەنىي كىيىنىشنى دەۋەت قىلماقچى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
مەزكۇر ئۇچۇردىكى ئىككى خىل كىيىم مودېلى كۆرگەزمە كۆرۈنۈشلىرىگە قارىغاندا، بىر گۇرۇپپىدا قىسقا يوپكا ۋە ئىشتانغا ئوخشاش ھازىرقى زامان مودا كىيىملىرىنى كىيگەن قىزلار بولسا، يەنە بىرىدە دىنىي ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇزۇن كۆڭلەكلەرنى كىيىپ، قارا رومال ئاتقان قىزلار بولۇپ، گەرچە خەۋەردە قايسى خىلدا كىيىنگەنلەر قامچىلاش ئوبيېكتى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىزاھلانمىغان بولسىمۇ، سۈرەتلەردىن، شۇنداقلا يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نىشانىدىن، سايرام بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ مودېل كۆرگەزمىسىنىڭ قامچىلاش ئوبيېكتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ۋە ئىسلام دىنىي ئۆرپ-ئادىتى بويىچە كىيىنگەنلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇيغۇر قىز، ئاياللارنى ئۆزىگە خاس كىيىنىش ئادىتى ئۈچۈن سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ قامچىلاشتەك، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، نۇرغۇن تورداشلارنى خورلۇق ھېس قىلدۇرغان.
بىز سايرام بازىرىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىككى خىل كىيىم مودېلى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ۋە بۇ مەيداندا قامچىلاش ئوبيېكتىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلدۇق، قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسىدىن بىرەيلەن تېلېفوننى ئېلىپ، ئاياللارنىڭ رومال ئارتىشقا ئوخشاش دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىگە قارشى تۇرۇشنىڭمۇ بۇ قېتىمقى يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق كىيىنگەن ئاياللار بايقالغان ھامان ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا تۇتۇپ ئاپىرىپ، رومىلى ئېلىۋېتىلگەندىن باشقا جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى شەرھلىدى.
بۇ كادىرنىڭ بايانلىرىدىن يەنە ناھىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىشتىن ئىلگىرىمۇ،دائىرىلەرنىڭ بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى ئېغىر دەرىجىدە بوغۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى.
سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت بويىچە كىيىنىشكە يول قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلغاندىن باشقا، ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ قىزى ۋە ئايالىنىمۇ گۈزەللىكنى نامايان قىلىدىغان «زامانغا لايىق» كىيىنىپ يۈرۈشكە دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سايرام بازىرىدىكى قىرىق ياشلىق بىر ئايال بازاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى خىل مودېل كۆرگەزمىسىدىن ئىنتايىن خورلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، خېلىدىن بۇيان بۇ جايدا يۈزىنى ياپقان، رومال ئارتقان، دىنىي ۋە مىللىي يوسۇندا ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيگەن ئاياللارنىڭ، قانۇن ۋە سىياسەت ئىجرا قىلغۇچى كادىر ۋە مۇناسىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىتىش، چارلاش نىشانى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خادىملارنىڭ ھەتتا ئۆيلەرگە كىرىپ ئاياللارنىڭ كىيىنىشىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك ئۆزىگە ئوخشاش ياغلىق چەككەن، مىللىيچە كىيىنگەن ئاياللارنىڭ بازارغىمۇ چىقالماس بولۇپ قالغانلىقىنى، بىھۇدە تۇتقۇن قىلىنىش، جازالىنىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەتتا ئۆزىمۇ «زامانغا لايىق مودا» كىيىمدىن بىر قۇر سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ دىنىي ئۇسلۇبتا كىيىنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئېغىر خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلىدىڭلار. مەزكۇر خەۋەر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق ئاڭلىتىش بېرىمىز.