تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە بېرىلگەن باي ناھىيىسىنىڭ سايرام بازىرىدا دىنىي ۋە مىللىي ئۇسلۇبتا كىيىنگەنلەرنى قامچىلاش يۈزىسىدىن، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى زامانغا لايىق ۋە غەيرىي دەپ ئىككى خىل كىيىم مودېلى كۆرسىتىشكە ئۇيۇشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرگە ئاساسەن، سايرام بازىرىدىن بۇ ھەقتىكى تولۇق مەلۇمات رادىئومىز ئارقىلىق چارشەنبە تارقىتىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە غۇلغۇلا قوزغالغان ئىدى. ھالبۇكى 8-دېكابىردىن ئېتىبارەن سايرام بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى خىل كىيىم مودېلى كۆرگەزمىسىگە دائىر خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىن تەڭرىتاغ تورى ۋە رادىئو تورىدىكى خەۋەر ۋە يازمىلار پۈتۈنلەي توسۇۋېتىلگەن.
ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسى سايرام يېزىسى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلىرى كۈچلۈك قەدەمدە ھەتتا باشقا جايلاردىن ئاشۇرۇلۇپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. يېقىندا مەيدانغا كەلگەن سايرام بازىرىدىكى مىللىي ۋە دىنىي قىياپەتتە يۈرگەن ئاياللارنى قاچىلاشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بارغان ئىككى خىل پاسوندا كىيىم مودېلى كۆرسىتىشتىن باشقا يەنە بۇ يېزىدا مەسچىتكە مۇشۇ يىلدىكى روزا ھېيتتا تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقى قادالغان ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى، بۇ جايدىكى مەسچىتلەردە شۇندىن باشلاپ ھەر جۈمە كۈنى خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق بايرىقى چىقىرىلىۋاتقانلىقى باي ئۇچۇر تورىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم.
بىر قانچە يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ئېھتىياتچان قىلىپ قويغان. دائىرىلەرنىڭ بۇ جايدىكى ئاياللارنىڭ ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىزگە شىكايەت قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال، گەرچە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر يېزىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىدىن ئىنتايىن نارازى بولسىمۇ ئەمما ئۇنى ئىپادىلەشكە نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر يېزىغا قاراتقان بەزى زىيارەتلىرىمىزدىن، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتمۇ قات سىياسىي بېسىملىرى تۈپەيلى گۈزەللىك قارشى مىللىي ۋە دىنىي ئەخلاقىنىڭ ئۆزگىرىپلا قالماي بەزىلىرىنىڭ ھەتتا توغرا-خاتانى ئايرىش، ۋە ئۆز مەيلى بويىچە پىكىر قىلىش ئىقتىدارىدىنمۇ ئايرىۋاتقانلىقى مەلۇم. سايرام بازىرىدىكى مىللىي ۋە دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى قامچىلاشنى مەقسەت قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن كىيىم مودېلى كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن بىر ئۇيغۇر قىز، دەسلەپ ئىنتايىن كەسكىن ھالدا، بۇ مەيدان مودېل كۆرسىتىشنى توغرا دەپ ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ بىر ئازدىن كېيىن ئۆز ئۆزىنى ئىنكار قىلدى.
سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىپادىلىرى، ھۆكۈمەت بېسىمى ئاستىدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كەسپىي، مىللىي ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئۇنتۇپ سىياسەت ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغان ئىنتايىن ئېھتىياتچان ھالەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە كېرەك.
بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن يولغا قويۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلەرگە يۆتكەشكە ئوخشاش سىياسەت ۋە تەدبىرلەر، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىز سىياسەتلىرى ئارقىلىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە خەلقئاراغا تونۇشلۇق مەسىلىلەردە ئايلانغان ئىدى، خەلقئارادا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى تونۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى فوندىنىڭ خادىمى شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياردەمچىسى زۇبەيرە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سايرام بازىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لىپ بارغان ئىككى خىل كىيىم مودېلى كۆرسىتىشنىڭ ئۆزىنى ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئىپپەتلىك ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىغا قىلىنغان ئوچۇق ئاشكارا ھاقارەت بولۇپلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىش سىياسىتىنى ئاشكارىلايدىغان بىر پاكىت دەپ كۆرسەتتى.