بىر قانچە كۈن بۇرۇن تەڭرىتاغ تورى، رادىئو تورلىرىغا چاپلانغان «ئىككى خىل كىيىم مودېل كۆرگەزمىسى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى» ناملىق خەۋەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، رادىئومىزدىمۇ بۇ ھەقتە سايرام يېزىسىدىن تولۇق مەلۇماتلار ئىگىلەپ ئاڭلىتىلغان ئىدى. ھالبۇكى دائىرىلەر 7-دېكابىردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىن مەزكۇر خەۋەر ۋە بۇنىڭغا دائىر يازمىلارنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىدى.
بۇ سۈرەتلىك خەۋەرنىڭ ئاپتورى قۇربان سايىم، ئىختىيارىي مۇخبىرلىق سالاھىيىتى بىلەن بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرچە چىقىدىغان خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئاساسلىقى ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسىدىكى ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان، باي ناھىيە سايرام بازار خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە سايرام بازىرىدا تۇرۇشلۇق بۇ ئاكتىپ ھۆكۈمەت تەشۋىقات خادىمىنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.