، تورغا چەكلىمە قويغان ۋە تور خاكلىغان ھۆكۈمەت ھەم شەخسلەرگە قارشى خەلقئارا ئىمبارگو يۈزگۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئانالىزچىلار، بۇ كلىنتون خانىمنىڭ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان بىر يىلدىن بۇيان خىتاي توغرىسىدىكى ئەڭ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشىدۇر، دەپ قارىماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون پەيشەنبە كۈنى پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى نيۇزىيۇم ئاخبارات مۇزىيىدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا تالاش-تارتىش قوزغىغان Google شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مەشغۇلاتى ئىغۋاگەرچىلىككە ئۇچراش مەسىلىسىگە ئىنكاس قايتۇردى.
كلىنتون خانىم نيۇزىيۇم ئاخبارات مۇزىيىدىكى سۆزىدە، ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنى تور ئەركىنلىكىنى قوللاشقا چاقىرىپ، تور ھۇجۇمىنى جازالاشنى، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تور ھۇجۇمىنى تەنقىدلىشىنى، خىتاينىڭ Google غا قارشى ئېلىپ بېرىلغان تور ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، خىتاي، شىمالىي كورىيە، تۇنىس ۋە ئۆزبېكىستانلارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئەللەر "ئۇچۇرنىڭ ئەركىن ئالمىشىشى"نى توسايدىغان ياكى ئۇچۇرغا چەكلىمە قويىدىغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، ۋېيتنامدا بولسا ئىجتىمائىي مەزمۇندىكى تورلارنىڭ "تۇيۇقسىز غايىپ بولغانلىقى"نى بىلدۈردى.
كلىنتون خانىم يەنە، خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ۋېيتناملارنىڭ "ئىنتېرنېتنى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى نىشانغا ئالىدىغان ۋە جىمىقتۇرىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقى"نى تەنقىدلەپ، "بىز ئىنتېرنېتنىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەت بىلىم ۋە پىكىردىن تەڭ بەھرىمان بولىدىغان قورال ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرىمىز..." "لېكىن بەزى دۆلەتلەر ئېلىكترونىك توسالغۇلارنى قۇرۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ دۇنيا ئۇچۇر تورىغا ئۇلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ..." "ئۇلار ئىزدەش ماتورىدىكى سۆز، ئىسىم ۋە ئاتالغۇلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، سىياسىي نۇتۇقلىرىدا زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلمىغان پۇقرالارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىۋاتىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
كلىنتون خانىمنىڭ نۇتۇقى Google شىركىتى يېقىندا خىتاي ئۆكتىچى زاتلىرىنىڭ Gmail خەت ساندۇقى خاكلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇچۇرغا چەكلىمە قويۇش توغرىسىدىكى بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلاپ، گېزى كەلسە خىتايدىكى سودا پائالىيىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا خىتاي بىلەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇ، ئامېرىكا ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ ئۇچۇرغا چەكلىمە قويۇش توغرىسىدىكى بېسىمغا تىز پۈكمەسلىكىنى تەلەپ قىلىپ،"سىياسىي مەقسەتلىك ئۇچۇر چەكلىمىسىنى رەت قىلىش ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ماركىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېدى.
خىتاي بولسا Google نىڭ خىتايدىكى پائالىيىتىنى توختىتىش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە باغلاپ چۈشەنمەسلىك كېرەك، دەپ ئەسكەرتمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈنكى باياناتىدا "ئەگەر Google نىڭ جۇڭگودىكى سودىسىدا ھەر قانداق مەسىلە تۇغۇلسا، بۇ جۇڭگو قانۇنىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك" دېگەن شۇنداقلا Google" مەسىلىسى ئىككى ھۆكۈمەت ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باغلانماسلىقى كېرەك. بولمىسا بۇ بەك ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.
لېكىن كلىنتون خانىم نيۇزىيۇم ئاخبارات مۇزىيىدىكى سۆزىدە خىتاينى Google غا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :ئىنتېرنېت خىتايدا غايەت زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ھازىرنىڭ ئۆزىدە ناھايىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ توردا ئىكەنلىكى شاھانە بىر ھادىسىدۇر..." "لېكىن ئۇچۇرغا بىمالال ئېرىشىشنى چەكلەيدىغان ياكى تور قوللانغۇچىلارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان دۆلەتلەر، كەلگۈسى ئەسىرنىڭ تەرەققىياتىدىن مەھرۇم قېلىش خەۋپى بار ئەللەردۇر."
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار ئىلگىرى Google، Microsoft، Yahoo، Cisco قاتارلىق نازۇك تېخنىكا شىركەتلىرىنى خىتايغا ھەمكارلىشىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك توسمىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن تەنقىدلىگەن ئىدى. Google شىركىتى خىتايدا تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن پىكىر بىلدۈرۈپ، ئۇچۇرغا چەكلىمە قويۇش توغرىسىدىكى بېسىمغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، خىتايدىكى سودىسى توختىتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلسە، بۇ مەيدانى ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
Google ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاپ، يەر شارى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك قانۇنىنىڭ تېزرەك ماقۇللىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان پىكىرلەرنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 5 نەپەر ئەزاسى دۆلەت مەجلىسىنىڭ خام چوت ئاجرىتىپ، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن تور تەرەققىياتىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭ ئالدىدا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى فرانك ۋولف، كرىستوفىر سىمىت قاتارلىقلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت مەجلىسىنى ئىنتېرنېت ئەركىنلىك قانۇنىنى تېزرەك ماقۇللاشقا ئۈندىگەن ئىدى.
كلىنتون خانىم پەيشەنبە كۈنكى سۆزىدە خىتاينى ئىما قىلىپ،"ئۇچۇرنىڭ ئەركىن ئالمىشىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلار ياكى بۇ غەرەزدىكى ھەر قانداق بىرسى، ئىقتىسادىمىزغا، ھۆكۈمىتىمىزگە ۋە جەمئىيىتىمىزگە تەھدىت سالغۇچىدۇر" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى تور ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىغان شەخس ياكى دۆلەتلەرنى جازالاپ، ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى. كلىنتون خانىم، "تور ھۇجۇمى بىلەن شۇغۇللانغان دۆلەت ۋە شەخسلەر جاۋابكارلىققا تارتىلىشى ۋە خەلقئارا ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى كېرەك. تورلاشقان دۇنيارىمىزدا بىر دۆلەتنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىش ھەممىگە ھۇجۇم قىلغانلىقتۇر،" دەيدۇ.
خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ توردىكى بەزى ئۇچۇرلارنى سۈزۈۋېتىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدا سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چەتئەللىك شىركەتلەرنىڭ خىتاي قانۇنىغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئەسكەرتىپ كەلدى. بەزى ئانالىزچىلار كلىنتون خانىمنىڭ نۇتۇقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەردىسىگە تېگىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي Google مەسىلىسىنى كىچىكلىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كلىنتون خانىمنىڭ نۇتۇقى ئېلان قىلىنىشنىڭ بىر ئاز ئالدىدا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خې يافېي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ Google غا ياردەم قىلىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.